گاندۇك ئىشلىتىشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ 4 خىل سەۋەبى
ۋاقتى: 2013-06-17
ئاۋاتلىقى: 522 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
گاندۇك ئىشلىتىش بولسا بىر خىل كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، بىراق گاندۇكنى توغرا ئىشلەتمىگەندە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمسىز بولۇپ چىقىدۇ، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل سەۋەب تۈپەيلى گاندۇك ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈمى نۆل بولىدۇ :
1. گاندۇكنى بىللە بولۇشتىنلا باشلاپ تاقىماي، ئىسپېرما كېلەي دېگەندە تاقىسا بىكار بولۇشى مۇمكىن.
2. بەزى كىشىلەر گاندۇك ئىشلەتكەن ۋاقىتتا گاندۇك ئۇچىدىكى ھاۋانى چىقىرىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەگەر بىللە بولۇش جەريانىدا گاندۇك يېرىلىپ كەتسە شۇنىڭ بىلەن ئىش سۇغا چىلىشىدۇ.
3. يەنە بەزى كىشىلەر ئىسپېرما قويۇپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال گاندۇكنى چىڭ تۇتقان پېتى زەكەرنى جىنسىي يولىدىن چىقىرىۋالمايدۇ، زەكەر بوشىغاندىن كېيىن بولسا گاندۇك رولىنى يوقىتىدۇ-دە، ئېسپىرما جىنسىي يولىغا ئېقىپ كىرىۋالىدۇ.
4. گاندۇكنىڭ تىپى ئوخشىمىغاچقا، ناۋادا چوڭ بوپ قالسا ئاسان سىيرىلىپ كېتىپ، ئېسپىرمىنىڭ جىنسىي يولىغا كىرىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇۋاپىق بولغان گاندۇكنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئشلىتىشتىن بۇرۇن تەپسىلىي كۆزىتىش، توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش، ناۋادا ئىش جەريانىدا گاندۇكنىڭ يېرىلغىنىنى ياكى سىيرىلىپ كەتكىنىنى بايقىغان ھامان، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ھامىلىدارلىقتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش كېرەك.
Tags: