ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پەمىدۇر، بەرەڭگە، توخۇ گۆشىدە تەييارلانغان شوۋىگۈرۈچ

پەمىدۇر، بەرەڭگە، توخۇ گۆشىدە تەييارلانغان شوۋىگۈرۈچ

ۋاقتى: 2016-02-15 ئاۋاتلىقى: 877 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: توققۇز ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار 

خۇرۇچلار: 100 گرام گۈرۈچ، 50 گرام توخۇنىڭ تۆش گۆشى، بىر تال پەمىدۇر، بىر تال بەرەڭگە، ئۆسۈملۈك مېيى، تازىلانغان تۇز، پىياز، زەنجىۋىل 
تەييارلاش ئۇسۇلى: 
1) توخۇنىڭ تۆش گۆشىنى چاناپ قىيما قىلىمىز، بەرەڭگنىنى ئاقلاپ پاكىز يۇيۇپ، كىچىك كۇب شەكىلدە توغرايمىز. 
2) پەمىدۇرنى قايناقسۇغا بىرلا سېلىپ ئېلىۋالىمىز، ئۇنىڭ تېرىسىنى ئېلىۋېتىپ كىچىك كۇب شەكىلدە توغرايمىز. 
3) قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز، پىياز بىلەن زەنجىۋىلنى قازانغا سېلىپ چالا قورۇپلا ئېلىۋالىمىز. قىيما گۆشنى قازانغا سېلىپ، پىشقۇچە قورۇيمىز، ئارقىدىن كىچىك كۇب شەكىلدە توغرالغان پەمىدۇرنى گۆشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ قورۇيمىز. 
4) گۈرۈچنى سۇدا قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىمىز، ئۈستىگە قورۇلغان گۆش-پەمىدۇر بىلەن كىچىك كۇب شەكىلدە توغرالغان بەرەڭگىنى سېلىپ، سۇس ئوتتا 5~10 مىنۇت قاينىتىمىز، ئاخىرىدا تۇزىنى تەڭشەپ ئالساقلا بولىدۇ. 
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ھايۋانات جىگىرىدىن باشقا توخۇ، ئۆردەك، بېلىق قاتارلىقلارنىڭ گۆشىدە سىنىكنىڭ مىقدارى بىرقەدەر مول بولىدۇ. بۇنداق شوۋىگۈرۈچنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ سىنىك تولۇقلاش رولى بار. سىنىكنىڭ بوۋاقنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسى بولۇپلا قالماي، بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا پايدىسى بار، شۇنداقلا يەنە بوۋاقنىڭ تېرە، سۆڭەك، چاچ ۋە تۈكلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسى بار.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى