بوۋاقلار ئويۇنى(5): ئاۋاز ئارقىلىق ماسلىشىش (جۆر بولۇش)
ۋاقتى: 2016-05-31
ئاۋاتلىقى: 574 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاق يىغلىغاندا، ئانىمۇ ئاۋاز چىقىرىپ ماسلىشىپ بەرسە بوۋاق يىغلاشتىن توختايدۇ، ھەمدە زادى كىمنىڭ يىغلاۋاتقانلىقنى پەرقلەندۈرىدۇ، ئاخىرىدا يىغىدىن باشقا ئاۋازلارمۇ پەيدا بولىدۇ، ئانا گەپ قىلغاندا بولسا، بوۋاق كىچىككىنە ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ «ھەھە» دېگەندەك ئاۋاز چىقىرىدۇ، خۇشال بولغاندا «ئا ئا» دېگەندەك ئاۋازنى چىقىرىدۇ، ئانىمۇ ماسلىشىپ بوۋاقنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ ياڭراق قىلىۋېتىدۇ. دائىم بوۋاققا گەپ قىلىپ ئۆزى ئاۋاز چىقىرىپ ھوزۇرلىنىشقا ئىلھاملاندۇرغاندا، ياكى باشقىلار ماسلىشىپ ئاۋاز قوشۇپ بەرگەندە بوۋاقنىڭ گەپ قىلىشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلىنىدۇ.