[بىلگەجان] بوۋىقىڭىزنى «يىگۈڭىز» كىلەمدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
«پىسخولوگىيە فىرونىتى» ناملىق داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئوماق دەپ قارايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا تويماي يىگۈسى كەپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تىپىپ بەرگەن.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بەدىنىدىن نېرۋىدىكى «مۇكاپات سېستىمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان خۇمار قىلىش، خۇشاللىق، قايغۇ...قاتارلىق ھېسسىياتلارنى كونتىرول قىلغۇچى مېڭە رايونىنى غىدىقلايدىغان بىر خىل پۇراق ئاجرىتىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، دەل مۇشۇ پۇراق كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىكى «مۇكاپات سىستىمىسى» نى قوزغىتىپ كىشىلەرنى بوۋاقلارغا ئامراق قىلىدىكەن. بۇ دەل تاماكا، ئاق چېكىملىك قاتارلىقلارغا خۇمار قىلىشنى كونتىرول قىلغۇچى سىستىما شۇ بولۇپ، ھەرىكەت مىخانىزىمى ئوخشاش ئىكەن.
بوۋاقلاردىن تارقىلىدىغان بۇ خىل پۇراق خاسلىققا ئىگە بولۇپ، ئادەتتە ئانىلار ئۆز بالىسىنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ كۆپىنچە ھاللاردا پۇرىقىغا ئاساسەن خەقنىڭ بالىسىدىن پەرق قىلالايدىكەن، ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر قانچە باللىرىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىرىنىمۇ پۇرىقىغا ئاساسەن پەرق قىلالايدىكەن. قىزىقارلىق يىرى، ئانىلارغا ئۆز بالىسىنىڭ زاكىسى باشقا باللىلاردە سېسىق پۇرىمايدىكەن. ئەرلەر گەرچە ئاياللاردەك بۇ خىل ھېسسىياتىنى ئىپادىلىمىسىمۇ، ئەمەليەتتە بۇ پەقەت ئەرلەرنىڭ قانداق ئالاقە قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ھەمدە ئەرلەرنىڭمۇ ئەمەليەتتە نېرۋىسىدا شۇ خىل ئىنكاس پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. لىكىن بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا ئەرلەر ئۆز ئىچىگە ئېلىنمىغان بولغاچقا، بۇنى كىيىنكى قەدەمدە دەلىللەشكە توغرا كىلىدىكەن.
مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى