كالتسىي تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم
ۋاقتى: 2016-08-14
ئاۋاتلىقى: 784 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كالتسىي تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم
جۇڭگو ئوزۇقشۇناسلىرى شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، سۈت ئانىسىنىڭ كۈندىلىك كالتسىي قوبۇل قىلىش مىقدارى mg1200بولسا مۇۋاپىق. يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش بولسا ئەڭ بىخەتەر ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلدۇر. كۈنجۈت مەلھىمى، پالەك، كۈدە، چاكا مۇخ، ھايۋان جىگىرى، بېلىق ۋە سۆڭەك شورپىسى، سۈت قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كالتسىي يۇقىرى بولۇپ ئادەتتە بۇلار بىلەن ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
بۇندىن باشقا تۇغۇتتىن كېيىن يۇقىرى كالتسىيلىق تۇغۇتلۇق ئاياللار سۈت پاراشوكىنى ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ھاۋاسى ئىسسىق جايلاردا، چۈش ياكى چۈشتىن كېيىن دېرىزىنى مۇۋاپىق ئېچىپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرسە ياخشى.
كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم.
بەدەن ۋە پىسخىكىلارنىڭ ماسلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن قىرقى ئىچىدە دائىم بەزى ئەكسىي پىسخىكىلىق ئىنكاسلار كېلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ قىش پەسلىدە، ھاۋا سوغۇق كۈن نۇرى يېتەرسىز بولغاچقا، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسەبىلىشىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپدار بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە قارىغۇچىسى يوق بىچارىدەك، ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ كۆڭلى بۇزۇلىدۇ، تەشۋىشلىنىپ ئىچى تىت-تىت بولىدۇ، تۇرمۇشى قالايمىقان، ھەتتا ھاڭۋاقتى بولۇپ قالىدۇ. . . .
شۇڭا تۇغۇتتىن بۇرۇن ئازراق بىلىملەرنى ئىگەللەپ قويۇپ، تۇغۇتتىن كېيىن بالدۇرراق ھەرىكەت قىلىپ ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى شۇنداقلا ئائىلىدىكىلەر، ئۇرۇق-تۇغقانلارمۇ تۇغۇتلۇق ئايالغا كۆپرەك پىسخكىلىق تەربىيە ئىشلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا قىرقى ئىچىدىكى ئايالنىڭ ئەسەبىلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.