ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا سۈتى ئېمىتىشتىكى خاتا قاراشلار(1)

ئانا سۈتى ئېمىتىشتىكى خاتا قاراشلار(1)

ۋاقتى: 2016-02-11 ئاۋاتلىقى: 626 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى خاتا قاراش: مېنىڭ سۈتۈم سۇس،  ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق. مېنىڭ سۈتۈم سۇس، يەنە كېلىپ مايسىز. بەزى ئانىلارنىڭ سۈتىگە ئوخشاش قويۇق ئەمەس، تۇغقانلىرىمنىڭ ھەممىسى بۇنداق سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق دەپ، ئەمچەكتىن ئايرىشنى ئېيتتى. 


ھەقىقىي ئەھۋال: بۇ خىل قارا خاتا. قارىماققا سۇس بولغان ئانا سۈتى ئەمەلىيەتتە بالا ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ بالىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ، شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىن نەچچە كۈن ئىچىدىكى سۈتنى سىقىپ چىقىرىۋەتمەسلىك كېرەك، بالىنى چوقۇم بۇ قىممەتلىك، تەبئىي يېمەكلىكتىن  بەھرىمان قىلىش! دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بالا تۇغۇلۇپ 6 ئاي ئىچىدە ئامال بار ساپ ئانا سۈتى بېرىش،ھەمدە ئانا سۈتى بېرىشنى ئىككى يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتى بالىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
ئىككىنچى خاتا قاراش: 6 ئايدىن كېيىن ئانا سۈتنىڭ سۈپىتى ناچارلىشىپ كېتىدۇ.
مەن بالىغا 6 ئايغىچە ئانا سۈت بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، ئاڭلىشىمچە 6 ئايدىن كېيىن ئانا سۈتنىڭ سۈپىتى ناچارلىشىپ كېتىدىكەن. تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىكەن.


تەھرىر تەۋسىيەسى:
ھەقىقىي ئەھۋال: بۇ خىل قاراش خاتا.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بالا تۇغۇلۇپ 6 ئاي ئىچىدە  ساپ ئانا سۈتى بېرىش، 6 ئايدىن كېيىن، ئانا سۈتى ئېمىتىش بىلەن ھەر جاينىڭ ئېھتىياجى بويىچە ۋە بالىنىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا بوۋاق ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتى بالىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشپ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
ئۈچىنچى خىل خاتا قاراش: ئېمىتىش مېنىڭ كۆكسۈمنى تېخىمۇ كۆرۈمسىز قىلىپ قويىدۇ.
گەرچە ئانا سۈتى ئېمىتسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ. ئەمما كۆكسۈمنىڭ ئېمىتىش سەۋەبىدىن تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن، بوشىشىپ كۆرۈمسىز بولۇپ قېلىشىدىن، كېيىنچە چىرايلىق كىيىملەرنى كىيەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن.
ھەقىقىي ئەھۋال: ئېمىتكەندە ئەمچەكنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش-كەتمەسلىكىئېمىتىشتىن بۇرۇنقى ئاسراش ۋە پەرۋىش قىلىشنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق. ئېمىتىش ئەمچەكنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئەكىسچە ئېمىتىش ئوكسىتوتسىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمچەكنىڭ ئاسما سىڭىرلىرىنىڭ ئېلاستىنكىلىقىنى كۈچەيتىدۇ.
تۇغۇتتىن كېيىن ئەمچەكنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئورۇنلاشقاندىن باشلاپ بەدەندىكى ھورموننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئەمچەكمۇ كۆپۈپ چوڭىيىدۇ، مەسىلەن سۈت بېزى توقۇلمىلىرى كۆپىيىدۇ، ماينىڭ ساپاس مىقدارى ئاشىدۇ، ئەگەر ئەمچەك يوغىنىغاندىن كېيىن ئاسرىلىشى ياخشى بولمىغاندا ناھايتى ئاسانلا بوشىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىن ئەمچەكنىڭ چىرايلىق ھالىتىنى ساقلىماقچى بولغاندا، ھامىلىدار بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئەمچەكنى ئاسراش ۋە پەرۋىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، كەڭ لىپتىك تاقاپ ئەمچەكنى تېرەپ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇۋۇلاش ۋە ماي ئشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، تېرىنىڭ ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىنىڭ ئېلاستىنكىلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداق قىلغاندا ئەمچەكنىڭ شەكلنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى