بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللاپ سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش(2)
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللاپ سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش(2)
بوۋاقلار ھارۋىىسىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟
بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، ئىشلىتىش قوللانمىسىنى، بولۇپمۇ «دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار» تۈرىنى تەپسىلىي ئوقۇش، ھارۋىنى قوللانمىغا ئاساسەن قۇراشتۇرۇش ۋە نەق مەيداندا سىناپ بېقىش، بىلمىگەن جايلار بولسا چوقۇم سوراپ بىلىۋېلىش كېرەك.
ھارۋىنى تاللىغاندا ئۈستىدە كامار بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق بوۋاقنىڭ بارماقلىرىنى كىرگۈزۋىلىپ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بوۋاقلار ھارۋىسى نى ئاچقاندا ياكى يىغقاندا بوۋاقنى يېقىنلاشتۇرماسلىق كېرەك. ئادەتتىكى بوۋاقلارھارۋىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى توسۇقنى چۇۋۇغىلى بولىدۇ، بوۋاقنى ئولتۇرغۇزۇشنىڭ ئالدىدا، توسۇقنى ئېلىۋېتىپ، بوۋاققا راھەت ھالەتنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، يەنە قۇراشتۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ.
بوۋاقنىڭ يېشىغا ئاساسەن تاللاش ۋە ئىشلىتىش:
ھارۋىنىڭ بوۋاق يېشىغا ماس بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، تۇغۇلۇپ دەسلەپكى 6 ئاي ئىچىدە بوۋاق بىر قەدەر ئۇزاق ئۇخلاشقا موھتاج، شۇڭا بوۋاقلار ھارۋىسنى ئەڭ ياخشىسى تەڭشىگىلى بولۇشى، بوۋاقنىڭ ئۇخلىشىغا قۇلايلىق بولۇشى كېرەك. ئورۇندۇق يۆلەنچۈكىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە قاتتىق بولۇشى، يېتەرلىك تىرەش كۈچىنى بېرىش، بوۋاق ئومۇرتقىسىنىڭ يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 6 ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلارغا ئورۇندۇق نۇسخىسىدىكىسى بىرقەدەر ماس كېلىدۇ، بوۋاقنىڭ ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپنى كۆزىتىشىگە قولايلىق، 1 ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى ئاز، ئۇخلىغىلى، ياتقىلى بولىدىغان نۇسخىدىكىسىنى تاللاش كېرەك. 1~3 ياشتىكى بالىلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى ئاشىدۇ، شۇڭا ئولتۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغان ھارۋا تاللاش كېرەك.