سېزىكنى پەسەيتىش- ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى
ۋاقتى: 2016-08-10
ئاۋاتلىقى: 519 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە (ئالدىنقى 3 ئاي)ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئاستا، ئانچە كۆپ ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، ئامال بار ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى يېيىش كېرەك، ئامال بار ھەرقېتىملىق تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، يېمەكلىكنىڭ ئاز، قېتىم سانى كۆپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۇنى كۆپ ئىچىش، ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېېيش، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چۈنكى قەۋزىيەت ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سېزىكلىك ئىنكاسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
ئىمكان بولسا دائىم غىزالىنىش مۇھىتىنى ئالماشتۇرۇپ تورۇش، بۇنداق قىلغاندا ئىشتىھانى قوزغىغىلى بولىدۇ.
ھامىلىدارلىق ئىنكاسىنى ئازايتىش ئۈچۈن، قۇرۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، مەسىلەن: قوتۇرماچ، پېچىنە، قاقلانغان ھورنان، بولكا قاتارلىقلار. ئەگەر ھامىلىدارلىق سېزىكى ئېغىر بولسا مېۋە، كۆكتات قاتارلىق ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
Tags: