پەس كۆڭۆل قار كەبىي ئاق كۆڭۇل ساڭا ماس كەلمەس، زوقلۇنۇش نەدىكەن ئۇنىڭ بەھرىدىن. مىجەزىڭ شاللاقتۇر، روھىڭ بۇلغانغاچ، مەڭگۇگە ئۆتىسەن ئازاپ دەستىدىن. كۆرۇپمۇ باقمىدىم دەيسەن ،مەن پەقەت، نەچچە رەت كەلدىڭغۇ مىنى سەن ئىزدەپ. سۆيسەممۇ نىگارىم دەپ، ئالدىغان تۇرساڭ، دىل ئازار يىگەچكە كەتمەمدىم: خوش! دەپ. بىر قىزسەن، سەبىيلىك نە قىلسۇن سەندە، مومايمۇ سەنچىلىك توقالماس يالغان. غىلجىڭلاپ كۇڭۇلنى رام قىلماق ئۇچۇن ، "سۆيگۇ" دەپ يالغاندىن چۇقانلار سالغان. قورغاندا ساقلانغان ،-دەيسەن، بۇ كۆڭلۇم، مۇمكىنمۇ ئىشىنىش ئۆزەڭدىن سورا. قاقۋاشتىڭ ،ۋاي توۋا تەغدىرىڭ شۇكەن، نەپسىڭنى يىغالماي ئالداندىڭ مانا. ئۆزەڭنى تۇتالماي يۇرسەڭ مۇشۇنداق ، ھېچكىممۇ دىمەيدۇ"جاندىن سۆيگۇنۇم!"... ئىپپىتىڭ ۋاقىتسىز بىردىن بۇزۇلسا ، ھەسرەتتەدەيسەنغۇ: "شۇمۇ كۇتكۇنۇم"! مەنبە: يازمام(يانبۇلاق) (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |