ئىككى يۈرەك گويا بىر گۈلخان ئىشقىڭ تېغى يىقىلدى ماڭا، بىز ئۇچرىشىپ قالدۇق ئۇشتۇمتۇت. روھىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇرلىقىغا، تۇيۇقسىزلا تۇتاشتى بىر ئوت. پىچىرلىشار گۈلخانلار بىلەن، لەۋ يېقىشىپ يۈرىكىم تاتلىق. گۈرۈلدەيدۇ روھىمدا گۈلخان، ئوتتۇر ئالەم،ئوتتۇر جىمجىتلىق. يۈرىكىمىز سوقۇلۇپ تۇرار، خۇشاللىققا،قايغۇ-ھىجرانغا. نالە قىلار ئوتلۇق بىر ناخشا، گۈلخانلارنىڭ يالقۇنى ئارا. يۈرىكىمدە،روھىم قېتىدا، ئوتۇڭ كۈيۈپ تۇرار ھەمىشە. يالقۇنلىرى شۇ قەدەر دەھشەت، يامرىماقتا قىلىپ تەنتەنە... كۆزلىرىڭدە چوغنىڭ جىلۋىسى، ھەر جىلۋەڭدە بار مىڭ يېلىنجاش. كاۋاپداندەك ئوتلۇق باغرىڭدا، كۆيدى يۈرەك، كۈيىدۇ قۇياش!... ئوتلۇرىمدا مەھكەم قۇچاقلاپ، ئوتلىرىڭدىن ئالىمەن ھوزۇر. روھىمدىكى پىنھان بوشلۇققا، قۇياش بولۇپ تۆكۈپ كەلدىڭ نۇر. ئاۋازىڭمۇ،نىگاھىڭمۇ ئوت، چېھرىڭ كۈلۈپ تۇرار گۈلخاندەك. ئايلاندى ئاھ دەھشەت يانغىنغا، تەڭلا سوقۇپ بىر جۇپ قوش يۈرەك... ئوتلۇرىمنىڭ ئاتەش باغرىدا، كەتمەكتىمەن چۈچىلە بولۇپ. ئايلاندۇردىڭ يانغىنغا جېنىم، كۈرىكىمگە ئوت سېلىپ قويۇپ. لەۋلىرىمدىن باشلانغان كۈيۈك، زەنجىرلىدى مېنى قاتمۇ-قات. مىڭ ئاشىقنىڭ ئىشقى جەملەنگەن، ئىككى يۈرەك گويا بىر گۈلخان. ئوتنىڭ چەكسىز چۇڭقۇرلىقىدا، ئىككى يۈرەك گويا بىر گۈلخان! سۇدا كۆيدۇق ئوتتا كۆيمىدۇق، ئىككى يۈرەك گويا بىر گۈلخان!!... (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |