بەشتاش قايتىلانسا تارىخ ، قايتىپ كەلسە يەنە شۇ كۈنلەر ، چوڭلارنى ئالداپ قاچقان بولساق يەنە شۇ دەريا بويىغا . سەن ماڭا تېرىپ بەرگەن بولساڭ ، مەن ئەڭ ئامراق بەش تال تاش ، ساڭا ئېتىپ بەرگەن بولسام ، كوكاتلاردىن ئاش . ۋەدە بېرىشىپ ،قول ئېلىشىپ ، بولۇشقان بولساق ، سۆيۇملۇك ئاداش ... مەن سەن تەرگەن بەشتاش ، سەن مەن ئەتكەن كوكات ئاش . شۇنداق ئايرىلساقمۇ گەر ، بىز مەڭگۈلۇك ئاداش .......
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |