كەل نىگارىم سېغىندىم سېنى
كەل نىگارىم سېغىندىم سېنى ، بۇ قەلبىمنىڭ ياڭراق ساداسى . باراي دەيمەن يېنىڭغا ئەمما ، ھىچ قويمايدۇ كۆڭۇل ياراسى.
كەل نىگارىم سۆزلەپ بەر ماڭا ، باشتىن ئۆتكەن كەچمىشلىرىڭنى . كەچۇر دېگىن ئۇنتۇپلا كېتەي ، زار قاخشىتىپ كەتكەنلىرىڭنى .
كەل چېرىڭدە قۇياشنى ئېلىپ ، ئېرىپ كەتسۇن مۇزلىغان يۈرەك . چەكسىز ھېجران باسمىسۇن دېلىنى ، داۋاسى يوق سېنىڭدىن بۈلەك . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |