<<ئۈچىنچى شەخىس>>
پەيدا بوپقالدى توساتتىن بىرى، نەچچە ۋاقتىن مەن كۆرمىگەن ئۇنى. بولغان ئوخشايمەن <<ئۈچىنچى شەخىس>>، <<مىڭ بىر كېچە>>نى يېزىشقان كۈنى. ھە دېسە ساڭا دادلايدۇ زارلاپ، <<تاشلىدىڭ مېنى>>دېگەن مەنىدە. تىلەيدۇ تېخى ئارتۇقچە <<بەخت>>، <<چىڭ تۇت ئۇنى>>دەپ ئېيتار تەنىدە. ساڭا دادلىسا ماڭا تەگمەسمۇ؟ ئىزا-ئاھانەت باشنى ئەگمەسمۇ؟ مۇشائىرەچۈن<<ئۈچۈن شەخىس>>بوپ، ياكى مەن شۇنداق راسلا بەك پەسمۇ؟ بوپتۇ ھە مەيلى توغرا چۈشىنەي، ئازارلار يەپتۇ قىزنىڭ كۆڭلى دەپ. ئەمما نە ئۈچۈن مېنى چۈشەنمەس، ئىناۋىتىمگە ئازىراق غەم يەپ. كۈلگۈم كەلدىغۇ<<توۋا>>دەپ شۇندا، تورداش ئۇقۇمى يوقمىدۇ ئۇندا؟ مۇشائىرىگە چەكلىمە يوق دەپ، دىلغا شۇم بۇيا بوپتىمەن بۇندا. نەچچە ۋاقلاردىن قەيەردە ئىدى؟ مەن قوشاق قاتسام تۇتتىمۇ ھەسىتى؟ مۇشائىرە بۇ ھەممە باراۋەر!!! ئۇمۇ قېتىلسا قىزىماسمىدى؟؟؟ ئۇنچە دۆت ئەمەس،ئويلىسۇن مېنى، كىنايىللىرى ئەزمىسۇن دىلنى. كارىم يوق كىمنى سۆيسۇن مەيلىكى، ئەمما توسمىغاي قەلەم تۇلپارىنى! 2010-يىلى13-ماي. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |