گەپنى قىلساڭ بايقاپ قىل ھەممە يەردە قۇلاق بار ، كۈلۈپ تۇرغان تۈلكىنىڭ قوينىدىمۇ پىچاق بار .
كىمنى كۆرسەڭ ھىجاراپ ئېيتىۋەرمە سىرىڭنى ، سىرلىرىڭنى بىلگەنننىڭ قوللىرىدا چوماق بار .
پۈۋدەپ قويسا ئالدىردپ ئۇچۇپ كەتمە راسكەن دەپ ، ئاۋايلاپ ىل ھەر ئىشنى ھەر بىر ئىشتا سوراق بار .
شەرەپ قۇچۇپ كەچكىچە مۇنبەر مەن دەپ قالما ، بايقىمىساڭ ساڭىمۇ تۈرنمە بىلەن قاماق بار .
باغلىرىڭدا داۋاملىق ئۈنىۋەرمەس ئەتتىرگۈل ، گاھى ئاشۇ بىغىڭدا قامقاق بىلەن يانتاق بار .
دوسلىرىڭنىڭ ھەممىسى چېۋەر ئاقىل ئەمەسقۇ ، ئارىسىدا ئۇلارنىڭ كاللىسى يوق ئاخماق بار .
خامىنىمنىڭ ھەممىسى قىزىل چەش دەپ ماختانما ، ئۇ يەردىمۇ بەزىدە ئارپا تىرىق قوناق بار .
خوشال بولغان چىغىڭدا ئۇنتۇپ قالما ھەممىنى ، ۋاختى كەلسە ساڭىمۇ ئازاب بىلەن پىراق بار .
مەنبە: ئىجادىيىتىم
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |