خۇمار بولدۇم ياردىن سۈرەت سورايدىكەن كىشىلەر، سېغىنغاندا كۆرۈپ دەرتنى باسقىلى. مەنمۇ ئېلىپ قالغانىدىم ئۆتكەندە، سۈرىتىڭنى كۆرۈپ دىلىم ئاچقىلى.
لېكىن مەندە بۇ ھال بولدى ئەكسىچە، سۈرەت بىلەن سېغىنىش بولمىدى ھەل. كۆرگەنسىرى ئىشقى ئوتۇڭ ئۇلغايدى، قاندۇرۇشقا يۈرىكىمنى ئۆزەڭ كەل.
خۇمار قىلىۋاپسەن مېنى ئۆزەڭگە، ئەمدى قوشلاپ تۇمار ئاسقىنىڭ بىكار. ئەنسىرىمە يامان كۆز يوق مېنىڭدە، قەلبىم بولسۇن سەن خۇمارىمغا چاكار.
2010-يىلى1-ئاپرىل. خۇمار |