توختىماستىن ئاقار بىر دەريا ، ئۆركىشىنى ئىزدەپ قەلبىمنىڭ . ئۇندا سىرلىق شاقىراتمىلار ، نا ۋاسىدۇر مېنىڭ بەختىمنىڭ .
شۇ دەريانىڭ تەكتىدە مەن بار ، مەن ئايلاندىم موڭلوق بىلىققا ،. كەلسەڭ ئەگەر تىزراق كەلگىن ، ئۆزۆڭ يالغۇز تەنھا قېيىقتا .
ھەزەر قىلغىن ئەنە ئاسماندا ، ئۇچۇپ يۈرەر ئاچكۆز چايكىلار . سەن مىھرىمنى ئىگەللەپ بولدوڭ ، مەن قەترەڭگە دايىم ئىنتىزار .
توختىمىغاچ شۇ سىرلىق ئىېقىن ، ئەگمىلەردە يالتىرار چېقىن . بەزى چاغدا چېكىمەن پىغان ، ساھىلىڭنى تاپماقمۇ قېيىن .
چوققىلاردىن باشلانغان دەريا، زېمىنىڭنى دەيدۇ توتىيا . سەن مەن ئۈچۈن ياڭراتقان ناخشا ، چەكسىز ئېلھام بەرمەكتە ماڭا .
مەنبە: ئىجادىيىتىم (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |