گاھ چاقماقتەك چاقىسەن سۆيگۈ، گاھ قۇيۇندەك قاچىسەن سۆيگۈ. ھوجۇدۇمدا ئوركەشلەر ياساپ. كەلكۈن كەبى ئاقىسەن سۆيگۈ. زەنجىر كەبى باغلىدىڭ مىنى، تۇتاشتۇرۇپ يۈرەككە گۇلخان. ئۆرتىنىمەن كىچە ھەم كۇندۇز، ئويلاپ سىنى ئىشقىڭدا پنھان. تەشنا كوزلەر ئۇچۇراشقان شۇ دەم، پاك سۆيگۈنىڭ كوچىلىرىدا. تەمتىرىشەر بىر-جۇپ قىز_ يىگىت، مۇھەببەتنىڭ بۇسوغىسىدا. بىر-بىرىگە دەيدۇ پىچىرلاپ، تا ئەبەتكە سۆيىمەن سىنى. سىنىڭ ئۈچۈن جىنىم تەسەددۇق، سەنمۇ مەندەك سۆيەمسەن مىنى.
مۇھەببەتنىڭ يوللىرى داۋان، باردۇر يەنە بوران چاپقۇنى. ئالغا ئۇندەر مىنى مەردانە، پاك مۇھەببەت سۆيگۈ ئۇچقۇنى. مەنبە: ئەزىمەت يازمىسى (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |