تەكچەڭدە ئېچىلغان گۈللىرىڭ ، ئانا، بەرمەكتە نورۇزنىڭ بىشارىتىنى. باھاردەك ھۆسنىڭدىن سېزىمەن يەنە، تۈمەنمىڭ قۇياشنىڭ ھارارىتىنى. شادلاندىم سەھەردە شاماللار سۆيسە، بىر نەزمە يازغىم بار ئەگىزلەرگىمۇ. ئاسمانغا كۆز تىكسەم،ئاسىي دېمەڭلار، قەلبىمدە سۆيگۈ بار ئانا يەرگىمۇ. تىلىدىم نورۇزدا دېھقانلارغا قۇت، ئالتۇن چەش تولسۇن دەپ خامانلىرىغا. ئۇز يىگىت، پەرىزات قىزلىرى يەتكەي، ئىلاھىم،ئۇلۇغۋار ئارمانلىرىغا. تەشنادۇر بىخ سۈرگەن تاللار ھەمىشە، كۆكلەمدە كاككۇكنىڭ سايراشلىرىغا. قاراڭلار،ئاجايىپ ھۆسىن قوشۇپتۇ، مامكاپ ۋە يالپۇزلار ئېتىز قىرىغا. ئاشىقمەن ئەي، نورۇز،گۈزەللىكىڭگە، مەيلىمنى تارتقىنى بېغۇبارلىقىڭ. بىر ئۈمىد بېغىشلار پەسىللەر ئارا، زېمىستان كەينىدە سېنىڭ بارلىقىڭ. _ ئاۋزەر بىدەل شېئىرى. 2005-يىل 10-مارت.غۇلجا |