سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

نىمىشقا

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 16:32مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

ئاپتۇرى ؛ نازۇك
 
پاك غۇبارسىز ساپ مۇھەببەت ئالدىدا،
نامىڭ بىلەن كىرىپ قالدىڭ نىمىشقا
لەيلى-مەجنۇن داستان بولۇپ چىقتىغۇ،
رومان بولماس مۇھەببىتىم نىمىشقا؟


شىرىن بولۇپ ساقلىسام يار مەن سىنى،
پەرھات بولۇپ كىلەلمەيسەن نىمىشقا؟
زۆھرە كەبى جان بىرىشكە تەييارمەن،
تاھىر بولۇپ بىرەلمەيسەن نىمىشقا؟



باھار كەلسە ئىچىلغان شۇ گۈل-چىچەك،
بوران چىقىپ توزۇپ كەتتى نىمىشقا؟
كۈز ئاخىرى تۇيۇقسىزلا ئىچىلسام،
قىش قارلىرى بىسىۋالدى نىمىشقا؟




كۆزۈڭ بىلەن قارىساڭ سەن كۆزۈمگە،
ئاجىزلاشتى كۆز نۇرۇممۇ نىمىشقا؟
دىلىمدىلا كۆرسەم سىنى رازىمەن
كۆرمەس بولدى كۆزلىرىم ھەم نىمىشقا؟




باھار كەتسە ياز كىلىدۇ ئاخىر كۈز،
قىش سوغۇقى مۇزلىتىدۇ نىمىشقا؟
ھىچ گەپ ئەمەس جۇت-شىۋىرغان مەن ئۈچۈن،
سەن مۇزلاتساڭ بەك قورقىمەن نىمىشقا؟




خەيىر ساڭا، دەپ كەتسەم مەن يىنىڭدىن،
سىغىنىمەن يەنە سىنى نىمىشقا؟
كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلىسەڭ سەن ئەگەردە،
ئويناپ كىتەر يۈرەكلىرىم نىمىشقا؟




ئازاپ سالساڭ نازۇك قەلبىم يىغلايدۇ،
يەنە سىنى كەچۈرىدۇ نىمىشقا؟
ئىزىققاندەك بۇ مۇھەببەت يولىدا،
ئۇچراپ قالدىم ئەمدى ساڭا نىمىشقا؟




سوۋغا قىلساڭ ماڭا تاغدەك دەرتلەرنى،
ئەلەملەردە تولغىنىمەن نىمىشقا؟
دەرت ئەلەمدە قىينىساڭمۇ يۈرەكنى،
زارلانمايدۇ سەندىن يۈرەك نىمىشقا؟




ئۈزەلمەيمەن ھۆسنۈڭدىن كۆزلىرىمنى نىمىشقا؟
ئىيتالمايمەن تىك قاراپ سۆزلىرىمنى نىمىشقا؟
بىرەلمەيمەن ئەندىكىپ كۆرسەممۇ گەر خىيالدا،
ساڭا ئاتاپ تىزىلغان كۆزلىرىمنى نىمىشقا؟




ھەر كۈن كەچتە مەلەڭدىن ناخشا توۋلاپ ئۆتىمەن،
تونۇمايسەن تىخىچە ئۈنلىرىمنى نىمىشقا؟
يازغان شىئىر قوشاقتا بىرى باردۇر قەلبىمنىڭ،
چۈشەنمەيسەن ئەي نادان يۈرىكىمنى نىمىشقا؟



مەنبە:ئۆزەم
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(9)
75%
دەسسەش
(3)
25%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !