داۋۇتجان ناسىر 1939–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ مويكا مەھەللىسىدە توغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ناسىر ئاكا خۇشپېئىل، ناخشىچى ئادەم بولۇپ، ھارۋىكەشلىك قىلاتتى. داۋۇتجان كىچىكىدىنلا دادىسىغا ئەگىشپ مەشرەپ ، ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ ناخشا–ساز تىڭشاشنى ياخشى كۆرەتتى. ناسىر ئاكا ھارۋا ھەيدەپ يىراق سەپەرلەرگە چىققاندا ، ناخشىغا خۇمار بۇ ئوغلىنىمۇ بىللە ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇمايتتى. داۋۇتجان ئەگرى –توقاي ھارۋا يوللىرىدا چايقىلىپ ئولتۇرۇپ ، ئاپتاپلىق دالىدا چورۇقلىشىۋاتقان تورغايلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغىنىچە دادىسى ئېيتقان ناخشىلارنىڭ ئاھاڭىنى تەكرارلايتتى. ئۇزاق ئۆتمەي قۇشنا–قۇلۇملارغا ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ سازلىقى مەلۇم بولدى. مەھەللىدىكى مومايلار ئۇنى تۇتىۋېلىپ « ئانام–ئانام» نى ئېيتقۇزۇشقا خۇشتار ئىدى. ناخشىنىڭ مۇڭىدىن ئۇلار كۆز يېشى قىلشاتتى. چوڭ كىشلەر داۋۇتجاننى كۆرسە :« قېنى داۋۇتجان، خانلەيلۇنغا بىر توۋلىۋەتكىنە...ھە، ئەمدى سادىر ناخشىسىغا ... » دەپ ، قويۇپ بەرمەيتتى. |