ئابدۇۋەلى جارۇللا 1910–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ توغرىكۆۋرۈك مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە موزدۇزلۇققا شاگىرت كىرىپ، موزدۇزلار ئارىسىدىكى ناخشىچى مەشرىۋاخۇن، ھاسان بۆرى، داۋۇت توكۇر، مەھەممەت تۇرخۇن، مەسۇم توقۇم، سونىمكام دۇتار، تېيىپئاخۇن تەمبۇر، قادىر لاڭقا، ئىمىنجان ئۇستا قاتارلىق خەلق ناخشىچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئاز ئۆتمەي ئابدۇۋەلى جارۇللا ئۆزىمۇ موزدۇزلار ئارىسىدا ئاۋازىنىڭ سازلىقى بىلەن تونۇلغان. 1934–يىلى غۇلجا سانائىنەپىسە قۇرۇلغاندا روزى تەمبۇر قاتارلىق مۇزىكا ئۇستىلىرىنىڭ ئىمتىھان ئېلىشى بىلەن ئەڭ دەسلەپكى ئارتىستلار قاتارىدا ئۆمەككە قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئۆمرى سەھنىدە ئۆتتى. |