سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

خالمۇرات ئۆمەر (چوڭ ئەيسا ) تونۇشۇڭ

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-26 20:53مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئاتامان زىيارەت سانى: قېتىم

 

ئىسىم فامىلىسى: خالمۇرات ئۆمەر  
 تۇغۇلغان ۋاقتى: 1969-يىلى
تۇغۇلغان جاي: غۇلجا جاغىستاي                
ئېكرانغا تۇنجى چىققان ۋاقتى: 1994-يىلى
تۇنجى ئېكران ئوبرازى: چوڭ ئەيسا                    
قان گۇرۇپپىسى: AB
بوي ئېگىزلىكى: 1.81مېتىر                              
مۆچىلى : توخۇ
بالىلارنىڭ نەچچىنچىسى: بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى    
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان كىشى: ئاپا
ئۆزىگە ياقىدىغان پەسىل: قىش پەسلى                
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈل: قىزىلگۈل
ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەڭ: كۆك، ھاۋا رەڭ   
 ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى: «قەيسەر يۈرەك»، «ئۇرۇش ۋە ئەسلىمىلەر»
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەر چولپىنى: مىل گېپسون
(قەيسەر يۈرەك فىلىمىگە باش رول ئېلىپ چىققان)        ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابى: «ئانا يۇرت»
ئەڭ رازى بولغان ئېكران ئوبرازى: ئوسمان داڭگال، ئالىمجان
ھاياتىدىكى ئەڭ خوشاللىقى: ئوقۇشقا چاقىرىق كەلگەن كۈنى
ئۆمرىدىكى ئەڭ ئۆكۈنىدىغان ئىشى: ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى
ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەقىدىسى: ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش
ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسى: مۇزىكا چېلىش
تاماشىبىنلىرىغا دەيدىغان سۆزى: خەلقىمنىڭ تەكلىپ - پىكىر ۋە تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى خالايمەن.
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان يازغۇچى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكار: ماھىرە زاكىر، مۇساجان روزى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا: خەلق ئاھاڭلىرى
ئەڭ چوڭ ئارزۇسى: مىللەت ئۈچۈن ياراملىق سەنئەتكار بولۇش
خاراكتېرى: خۇشچاقچاق، چېقىشقاق
مىجەزى: چۇس، كەسكىن
جۆرىسى: گۈلنۇر
جۆرىسىنىڭ كەسپى: نېفىت ئىشچىسى
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ گۈلدەستە پروگراممىسىدا ھاراقكەش « چوڭ ئەيسا » نىڭ ئوبرازىنى چىن ھېسسىيات ، يۇمۇرلۇق خاراكتېر ، ئىخچام، ئاممىباب ھەم قىزىقارلىق تىل ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن ئورۇنداپ ، خەلققە تونۇلغان خالمۇرات ئۆمەردۇر. ئۇ 1969 - يىلى 31 - يانۋار ، چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا بىر سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1991- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تىياتىر فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى . 1995- يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۆمەك تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئوپېرا « گۈلەمخان » دىكى باش پېرسوناژ ئەختەمنىڭ رولىنى ئىلىش ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. خالمۇرات ئىلى دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن بۇ تارىخى شەخسنىڭ رولىنى ناھايىتى چىن، تەسىرلىك ئويناپ چىقتى. بۇ ئوپېرا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭلاردا ئوينىلىپ، زىلزىلە پەيدا قىلدى . بۇ ئوپېرا مەملىكەتلىك جۇڭخۇا مەدەنىيەت مۇكاپاتى، بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن توز مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1998 - يىلى ئىشلەنگەن « قىرلىق ئىستاكان » ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئۇ ئوسمان داڭگالنىڭ ئوبرازىنى ئىلىپ چىقىپ ، زور داغدۇغا قوزغىدى . ھەمدە خەلقنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . 1999- يىلى 10- ئايدا ئۇ « ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئالىمجاننىڭ رولىنى ئىلىپ چىقتى . بۇ رولنى ئىلىپ چىقىپ ، بىراقلا ھەممە ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ، تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدا ، ئۆچمەس بىرى بەدىئىي ئوبرازنى بارلىققا كەلتۈردى ھەم گىگانېت چولپانغا ئايلاندى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ رول ئىلىش ۋە ئوبراز يارىتىشتىكى تىرىشچانلىقى بىلەن « چىن سۆيگۈ « ، « ساراڭ »، « چار خوراز» ، « بۇ كىشىنى تونۇمسىز؟ » قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئىلىپ ، چىقىپ ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدا كىشىلەر قەلبىدە ئاجايىپ بىر ئۇنتۇلماس ئوبرازلارنى ياراتتى .(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(129)
98.5%
دەسسەش
(2)
1.5%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !