2.شرئەلى ئەلتېكىن
شرئەلى ئەلتېكىن قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ 1996-يىلدىن2000- يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت.ئىنىستىتوتىنىڭ مۇقام كەسپىدە ئوقۇغان. ھازىر مۇقام ئانسامبىلىدا خىزمەت قىلىدۇ .«،مەستانىلەرگە »« يوللىرىڭغا قارايمەن» ، ناملىق پىلاستىنكىلارنى نەشىردىن چىقارغان. . قەشقەر قىزى ،دىلخاراج،مەھمۇد ۋەتىنى، قاتارلىق ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەتتە ئورۇنداپ كەڭ خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان .ئۇيەنە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ "قازاقىستان" "ئۆزبىكىستان" "قاتار" "سۈرىيە""دەمەشىق" قاتارلىق دۆلەتلەردە ئويۇن قۇيۇپ ،ئۆز تالانتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغان.  4. مەخمۇت سۇلايمان
مەخمۇت سۇلايمان 1968 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان،1981 - يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان، 1985 - يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قەشقەر سەنئەت ئۆمەكتە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇ سەنئەت ئۆمەكتە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەچ ،ناخشا - مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1990 - يىلى << رىۋايەت >> مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان، 1992- يىلى ،<< سالام دوستلار >>، 93 - يىلى << شۈكرى دېدىم >>، 95 - يىلى << يۇلتۇزۇم >> ناملىق، ئىجادىي ناخشىلىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى تارقاتقان . 1997 - يىلى ،ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلگەن . شۇڭدىن باشلاپ << بۇ چۈش ئەمەس >> ،<< ئازابلىق لەززەت >> ،<< سەھرادىن كەلگەن دادا >> ،<< قاراڭغۇ تاغ >> ،<< سەھرادىكى مۇڭ كۈي >> .......قاتارلىق ،كىنولارنىڭ ناخشا - مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن . 2005 - يىلى شاڭخەي مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن . 2006 - يىلى << سېغىنمىدىڭمۇ >> ناملىق MTV پلاستىنكىسىنى تارقاتقان .  5.ئارزۇگۇل ئابدۇخېلىل 6.پەرىدە قاسىم 7.ئابدۇللا ئابدىرېھىم ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكرى چوڭقۇر ، ھېسسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي، لىرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر . ئۇ 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ھاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشرەپلىرى قۇچىقىدا ئۆتكەچكە، ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا ،سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن . 1987- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسىگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يوشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ - دە ، ئۇنى سەنئەت ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىدۇ . شۇ يىلى 9 - ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقىي سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى . ئۇ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماھارەت يېتىلدۈردى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7 - ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارلىغان " غېرىپ - سەنەم " ئوپېراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئىلياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى . 1992 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئوپېرا قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .  8.ئەسقەر موھەممەت 9.ئابدۇرېھىم راھمان
ئابدۇرېھىم راخمان :1975-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.1994-يىلى 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئاكتىيورلۇق سىنىپىغا ئۇقۇشقا كىرگەن. 1998-يىلى شىنجاڭ ئوپىرا ئۈمەككە خىزمەتكە چۈشكەن. | | 
10.شىرئەلى ئابدۇرىشىت
شىرئەلى ئابدۇرىشىت خوتەندە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپنى خوتەندە پۈتتۈرگەن. 90-يىللاردىن كېيىن گىتار ساھەسىدە تونۇلغان، گۈزەلىم ناملىق پىلاستىنكىسى ئۇدا 3 يىل يىللىق سېتىلىشى مىقدارى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان پىلاستىنكا بولۇپ قالغان. ھازىر ئاكىسى-تونۇلغان كىنو ئارتىسى ئابلىز ئابدۇرىشىت بىلەن بىرلىكتە ھۆرىيەت شىركىتىنى باشقۇرىۋاتىدۇ. مەنبە:چىمبۇلاق تورى (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |