سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى داۋۇتجان ناسىر(2)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-22 02:39مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئاتامان زىيارەت سانى: قېتىم


داۋۇتجان ناسىر خەلق ناخشلىرىنى ئورۇنداشتا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان سەنئەتچى. ئۇنىڭ ئاۋازى يېقىملىق، دولقۇنلۇق، ھېسسياتقا باي، تىلى ئېنىق، ئاھاڭ بىلەن ناخشا تېكستلىرى مۇستەھكەم بىرىككەن بولۇپ، پەقەت داۋۇتجانغىلا مەنسۇپ ئۆزگىچە پۇراق بىلەن يۇغۇرۇلغان. شۇڭا، خەلق ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە غۇلجا خەلق رادىئو ئىستانسىسىلىرى ئۇنىڭ نۇرغۇن ناخشىلىرىنى لېنتىغا ئالدى ۋە مەخسۇس تونۇشتۇردى. ھەرقايسى رادىئو ئسىتانسسىلرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى ۋە تەلەپلەر بويىچە بەرگەن كونسېرت نومۇرلىرىغا داۋۇتجان ناسرنىڭ ئاۋازى ئالاھىدە ھۆسىن قوشۇپ كەلدى.
داۋۇتجان ناسر ئەينى يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم تەقدىرلەندى. 1961–يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتىن سرتقى سەنئەتچىلەر كۆرىكىدە ئۆز ناخشىلىرى بىلەن بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى. 1984–يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك ئەمالار ئۇنئالغۇ لېنتىلىرىنى باھالاش مۇسابقىسى» دە ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە لېنتىغا بەرگەن يەتتە ناخشىسى مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا شەرەپ كەلتۈردى. داۋۇتجان كېيىنكى يىللاردا مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ « تاغ سۇلىرى»، «ئىلى ئالمىسى»،«سېنى كۈيلەيمەن بەختىم» ، «قىزىلگۈل» قاتارلىق ئىجادىيەتلىرى كەڭ ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
داۋۇتجان ناسىر ئېيتقان ناخشىلار كىشنىڭ قەلبىنى زىلزىگە سالىدۇ، خۇددى قارىغايزارلىقلار ئارىسىدىن شارقىراپ چۈشۈۋاتقان دولقۇنلۇق تاغ سۇلىرىغا ئوخشاش كىشىگە ئارام ۋە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. « ناخشىلىرىڭىز نېمىشكە شۇنچە تەسرىلىك؟ » دېگەن سوئالغا ئۇ : «قانداق چۈشەندۈرسەم بولار.... دۇتارنى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا ۋۇجۇدۇم ھاياجانغا تولىدۇ.... كىچىك ۋاقتىمدا كۆزۈم خىرە كۆرەتتى. يىللار ئۆتكەنسېرى يورۇق ئالەمنى كۆرۈشتىن قالدىم. مەن ئېيتقان ھەربىر ناخشا ھاياتقا، ئادەملەرگە بولغان مۇھەببىتىم، قۇياش نۇرى ئاستىدا تاۋلىنىپ ياتقان كەڭ دالا، ياپېشىل ئوتلاقلارغا بولغان سېغىنىش ھېسسياتىم ، يۈرەك مۇڭىم بىلەن تولغان.....» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئاجايىپ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن خەلقىمىزگە مەنىۋى ئوزۇق يەتكۈزۈۋاتقان بۇ ھارماس بۇلبۇل 1988–يىلى 18–سېنتەبر ئەتىگەندە، مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز ئارىمىزدىن كەتتى. مەرھۇم ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزىكانتلار جەمئىيتىنىڭ ھەيئىتى، غۇلجا شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مېيىپلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى ئىدى.
داۋۇتجان ناسىرنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ئۇشتۇمتۇت تارقىغان بۇ شۇم خەۋەر شۇ كۇنى ھاۋا ئوچۇق تۇرۇپ گۈلدۈرلىگەن چاقماقتەك ھەممىنى تاڭ قالدۇردى، يولۇچىلار توختاپ تېڭىرقاپ، بىر –بىرىگە قاراشتى، كاسىپلارنىڭ قولى ئىشقا بارماي قالدى، تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكىنى ئېچىلمىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقانلىكى ئادەملەر دۆڭمەھەللە «گۈللۈك مەسجىد» كە قاراپ ئاقتى. شۇ چاغدا شائىر ئابدۇساتتار ناسىرى بۇ مەنزىرىنى مۇنداق مىسرالار بىلەن ئىپادىلىگەنىدى : (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(27)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !