داۋۇتجان ناسىر ئون ئىككى مۇقام ئاھاڭلىرى ئۈستىدىمۇ كۆپ ئىزدەنگەن چالغۇچى ئىدى. ئۇ مۇقامنىڭ داستان، مەشرەپ، مەرغۇللىرىنى ناھايىتى نەپىس چالاتتى. ئاپتونوم رايون ۋە غۇلجا شەھەرلىك رادىئو ئستانىسىسىلىرىنىڭ ئىلى مۇقامىنى لېنتىغا ئېلىش ئىشلىرىنىڭ كۆپىگە داۋۇتجانمۇ قاتناشقانىدى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى مەيۈسلەنگەنلەرگە ئۈمىد، ھارغانلارغا ئارام، چېچىلغانلارغا تەسەللى، غېرىپسىنغانلارغا خۇشاللىق بېغىشلايتتى. داۋۇتجان ناسىر سەنئەت ئىشلىرىمىزغا قوشقان تۆھپىسى ، كەمتەر ئەخلاق – پەزىلىتى بىلەن ئۆزىگە ئەنە شۇنداق يىقىلماس ھەيكەل تىكلەپ ئارىمىزدىن كەتتى. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |