تاڭ يورۇپ سۈبھى ئەمدى سۈزۈلگەندە. داۋۇتجان تىنىپ قالدى، بىر ئۇھ تارتىپ، تۇيۇقسىز يۈرەك تارى ئۈزۈلگەندە. نېمە ئۇ ؟ ئاق يەلكەنمۇ ئوكياندىكى ؟ ئاققۇمۇ ئۇچۇپ بارغان ئورماندىكى ؟ ئاق بۇلۇت ئىچىدە دىلغا مۇڭلار تۆكۈپ، ئايمۇ ئۇ ئۈزۈپ ماڭغان ئاسماندىكى ؟ ياق دوستلار، داۋۇتجاننىڭ تاۋۇتى ئۇ ، ئادەملەر ئېقىنىدا كېتىپ بارغان. تەلمۈرۈپ قارىشىدۇ كۆزلەر كۆزگە ، مۇسىبەت دەرياسى شۇ ئېقىپ بارغان. ئاتاقلىق شائىرىمىز ، مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيۇپ گويا شۇ كۈنلەردىكى غۇلجىنىڭ ئەھۋالىنى ، ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپ بىلەن ھېسامنىڭ كۆزىدىكى مۇسىبەت يېشنى كۆرۈپ تۇرغاندەك مۇنۇ مىسرالارنى تىزغانىدى : مەن ئىشەنمەيمەن نېچۈك راستىنلا ئەزرائىل كېلىپ، جان مېۋەڭنى ئۈزگىلى قەددىڭ شېخىنى ئەگدىمۇ ؟ ھەممە ئۇيغۇر دېگۈدەك « مىڭ ياشا ! » دەيتتى سېنى ، كۆپچىلىك سۆزلەۋېرىپ ئاخىر ساڭا تىل تەگدىمۇ ؟ ... غۇلجىنىڭ پەركايى ئۇچقاندەك سېزىلدى ئاشۇ كۈن ، چۈنكى ئۇندىن كەتتى بىر تەڭدىشى كەم بۇلبۇل ئۇچۇپ، ئا. جارۇللايۇپ تۆكۈپ ياش، كۈلكىدىن قاپتۇ ھېسام، يېغلىسا ئەرزىيدۇ ئۇيغۇر پۇشتى قەبرەڭنى قۇچۇپ...... ئاتاقلىق كومپوزىتور ھۈسەنجان جامى داۋۇتجان ناسرنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ : « سەنئەت گۈلزارىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ چوڭ يوقتىش بولدى» دېدى. داۋۇتجاننىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىدە تۇتقان ئورنى ئۇنىڭغا بەكمۇ روشەن ئىدى. يازغۇچى زوردۇن سابىر جۇدالىق ھەسرىتىدە تىتىرىگەن قوللىرى بىلەن كۆزەينىكىنى تارتىپ : « داۋۇتجان ناسىر خەلقنىڭ سەنئەت ئىشىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇلۇغ ئادەم » دەپ يازدى. ئۇ ياۋروپا، ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى كۆرگەن بولسىمۇ ، ئۆز ئېلىنىڭ توپىلىق يوللىرىنى، ناخشا– سازلىرىنى سېغىنغانىدى، داۋۇتجان بىەلن يەنە بىر سورۇندا بولۇشنى ئستەيتتى..... داۋۇتجان ناسىرنىڭ تەزىيە مۇراسىمى 28–سېنتەبر غۇلجا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىناسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك، غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق–تۇققان، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولۇپ، نەچچە يۈز ئادەم بۇ كىچىك زالغا تىقىلىپ قالغانىدى. داۋۇتجان ناسىرنىڭ ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلگەندە كىشلەر كۆز يېشىنى توختىتالمىدى، غۇلجا ناھيىسىدىن كىرگەن شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئۆيۈڭدە دۇتارىڭ قالدى ئېسىقلىق ، ئورنۇڭدا قولىغا كىم ئالار ئۇنى ؟ ئېيتقىنە، بىز بارساق غېرىپخانەڭغا، ئالسىمۇ، سېنىڭدەك كىم چالار ئۇنى ؟ سورۇنلار سېنىڭسىز چۆل بولدى گويا ، قارىساق ، ھېسامكام يېنىدا سەن يوق. يىراقتىن كەلگەنلەر ئارماندا– داغدا، قايتىشتى ، سەۋەبى ئىلىدا سەن يوق. ....................... دەريالار يىغلايدۇ، باغلار كۆزى ياش، ماتەمدە ۋەتەننىڭ ئالمىزار شەھىرى. ۋادىمىز يىغلايدۇ كەتتى دەپ بۇندىن ، ئۇيغۇرنىڭ بۇلبۇلى، ئىلىنىڭ پەخرى...... دەپ ، يېزا خەلقنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى ئېيتتى. پېشقەدەم شائىرىمىز مۆمىن سەپىرى مىكروفون ئالدىغا چىققاندا پۇغاندىن بوغۇلۇپ قالدى. دائىم كۈلكە پەيدا قىلىدىغان ھېسامنىڭ چىرايىدىن بۈگۈن كىشلەر چوڭقۇر قايغۇ ھەسرەتنى كۆردى. ئۇ سۆيۈملۈك ئىنىسى، ياخشى–يامان كۈنلەردە بىللە بولغان سەپدىشى داۋۇتجانغا ئاتاپ ئىككى ئېغىز سۆز قىلماقچى بولغاندا، كۆز چاناقلىرىدىن ئىسسىق تاش تامچىلىرى دۇمىلاپ چۈشتى. ....(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |