سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئۇيــــغــۇرلار ۋە زاكــــات پەرزى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-26 16:37مەنبە: يازغۇچى:aysiz زىيارەت سانى: قېتىم

ئۇيغۇرلاردا بايلارنىڭ ھەر يىلى جەمئىيەتتىكى كەمبەغەللەرنى يۆلەش مەقسىتى بىلەن ئۇلارغا زاكات بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنە بار بولۇپ، بۇ مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلار زاكاتتىن ئىبارەت مۇشۇ پەرز سايىسىدا كەمبەغەللەرگە ياردەم قولىنى سوزۇشنى دىنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەت دەپ تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ.

زاكات - مۇسۇلمانلارغا نامازدىن كېيىنلا بۇيرۇلغان پەرز ۋە مۇھىم ئىجتىمائىي ئىبادەتتۇر. قۇرئان كەرىمدە: "نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قىلغان قانداقلا ياخشى ئەمەلىڭلار بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر" دەپ كۆرسەتكەن.

ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم زاكات بېرىش ئۆلچىمى ۋە مىقدارى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:" مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسى بۇيىچە، ئۆزى ۋە پۈتۈن ئائىلە ئېﻬتىياجىدىن تاشقىرى 85 گرام ئالتۇن كەلگۈدەك پۇل - مېلى بولغان كىشىنىڭ يىلدا بىر قېتىم زاكات ئايرىشى پەرزدۇر. ئالتۇن، كۈمۈش، خەلق پۇلى، تىجارەت مېلى قاتارلىقلاردىن بۇلارغا ئىگە بولغانغا تولۇق بىر يىل تولۇش شەرتى بىلەن % 2.5 ئى زاكاتقا بېرىلىدۇ. ئەمما ئاشلىق، مېۋە ۋە سەي - كۆكتاتلاردىن % 10 ئى زاكاتقا بېرىلىدۇ. بۇ ئۆشرە - خىراج دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆشرە - خىراج ھوسۇل ئالغان ۋاقتىدا ئادا قىلىنىدۇ."

زاكات بېرىشنىڭ ئومۇمغا بولغان پايدىسى كۆپ
ئابدۇللا ھاجىم زاكات بېرىشنىڭ جەمئىيەت كىشىلىرىگە بولغان پايدىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:" زاكات - بىر - بىرى بىلەن ياردەملىشىدىغان بىر - بىرىنى سۆيىدىغان ئادالەتلىك، شەپقەتلىك بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئامىلىدۇر. چۈنكى، زاكات بايلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن جەمئىيەتتىكى پېقىرلارنىڭ ھالىنى ياخشىلىغانلىقى سەۋەبى بىلەن پېقىرلارنىڭ كۈڭۈللىرىدىكى بايلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ۋە كۆرەلمەسلىك تۇيغۇلىرىنى يېڭىپ، بايلار بىلەن پېقىرلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز ‏ - ئارا سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىقنى پەيدا قىلىش ۋە دىنىي قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەختلىك ھايات سۈرۈشىگە كېپىللىك قىلىدىغان بىر ئېسىل ئىبادەتتۇر."

زاكات كەمبەغەللەرنىڭ ھەققىدۇر
ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسۇلمانلار زاكاتلىرىنى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ ئايىتىدە كۆرسىتىلگەن مەخسۇس كىشىلەرگە بېرىدۇ. زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىشكە مۇناسىپ ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنغان:" زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە( يەنى تۇرۇشقا جايىمۇ يوق كىشىلەرگە)، زاكات خادىملىرىغا، كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرىزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە ئىبن سەبىلەرگە( يەنى پۇلىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا) بېرىلىدۇ."

زاكات ئىشلەپچىقىرىشقا توسقۇن ئەمەس
ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھالال رىزىق تېپىش يولىدا ئىشلەش ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئەمەللەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە مۆتىۋەر ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان زاكات، ھەج، ئىلىم تەھسىل قىلىش قاتارلىق ئىقتىساد بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردىن باشقا، پەرزلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىنساننىڭ تەن ساقلىقى ۋە بەدەننىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى تەلەپ قىلىنىدۇ. مەلۇمكى، تەن ساغلاملىقىنى ۋە بەدەننىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاش ئىشى كۈندىلىك كېرەكلىك يېمەك - ئىچمەكلەرنى تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادقا مۇھتاج. ئىقتىساد پەقەت ئىشلەش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئىشلەش تەرەققى قىلىشنىڭ ئالدىنقى ئامىلى. شۇڭىمۇ قۇرئان كەرىم پۇل - مال تېپىش ئۈچۈن ئىشلەشنى ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىبادەت دائىرىسىدىن ساناپ مۇنداق دېگەن: "ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنگە تارقىلىپ (ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ) ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىڭلار."

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(12)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !