قاتناش ساقچىسى توساق سېلىشقا ئالدىرىسا ،دادۈيجاڭ شودۇيجاڭلىرىمىز قوساق سېلىشقا ئالدىرايمىش. ============================================================================= كەچلىك بازاردىن بىر جۈپ ئاياق ئېلىۋىدىم .ئۆيگە كەلگۈچە چەمى ئەجېاپ كىتىپتۇ .ئەتىسى ئاياق ساتقان خوجايىننىڭ ئالدىغا ئالماشتۇرغىلى ئاپىرىۋىدىم ،ئۇنىمە دىدى دىمەمسىلەر: -ئۇكام،كۈندىزى ماڭغان يىلاننىڭ ،كېچىسى ماڭغان يىگىتنىڭ ئۆمرى قىسقا دەپتىكەن.شۇ مۇشۇ ئاياق بىلەن كېچىچە مېڭىپ بىچارە ئاياق سىز ئۈچۈن جان بىرىپتۇ ئەمەسمۇ؟.......... ---------------------------------------------------
مائاشىم چىقىپتۇ. قىز دوستۇمغا ئۈزۈك،باشلىقىمغا ھاراق،خىزمەتداشلىرىمغا تاماكا،دوسلۇرۇمغا ئايرىمخانا.قالغىنىغا ئۆزۈمگە كىيىم-كېچەك ئاپامغا بىر پايپاق... خىزمەتتىن قېلىۋىدىم ،قىزدوستۇم مىنىڭ ئورنۇمغا كەلگەن نەۋرە .اكامنى تاپتى.باشلىقىم ئەگىپ ئۆتسە خىزمەتداشلىرىم مۆكۈپ ئۆتتى.دوسلۇرۇم بولسا تۇنۇماسقا سالدى.ئاپامچۇ؟ يەنە شۇ بىچارە ئاپام مىنى قانات ئاستىغا ئالدى......... (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |