1. ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر بىر كۇۋادىرات ئىنگلىز سۇڭ يېرىدە تەخمىنەن 32 مىليۇن دانە ، پۇتۇن بەدىنىدە 100 مىليارت دانە باكتېرىيە بولىدۇ ، بۇ دۇنيا ئومومى نوپۇسىنىڭ 22 ھەسسسىسىگە باراۋەر كىېلىدۇ. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)2. ئادەم چوڭ مېڭىسىدە تەخىنەن 10 مىليارت دانە نېرۋا ھۆجەيرىسى بولىدۇ. بۇ نېرۋا ھۆجەيرىلىرى ھەر كۇنى 86 مىليۇن ئۇچۇرنى خاتىرلەيدۇ. ئادەمنىڭ پۇتۇن ئۆمرىدە بۇ ھۆجەيرىلەر بىر تىرلىيۇن ئۇچۇرنى ئەستە قالدۇرالايدۇ. 3. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ سىغىمچانلىقى پۇتۇن دۇنيادىكى تېلېفۇن تورى سىستېمىسىنىڭ 1400ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 4. بىر مېنۇتلۇق قاراڭغۇلۇقتىن كېيىن ئادەم كۆزىنىڭ نۇرغا بولغان سېزىمچانلىقى ئون ھەسسە ، 20 مېنۇتتىن كېيىن 6000ھەسسە ، 40 مېنۇتتىن كېيىن 25 مىڭ ھەسسە كۈچىيىدۇ. 5. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ھەر سېكۇنىتتا 100 مىڭ خىل ئوخشىمىغان خېمىيىلىك رىئاكسىيىلەر يۇز بىرىدۇ. 6. بىر كۇۋادېرات ئىنگلىز سۇڭى دائىردىكى تېرىدە 645 تال تەر بېزى ، 77 ئىنگلىز چىسى ئۇزۇنلۇقتا نېرۋا ۋە 1000دىن ئارتۇق نېرۋا ئۇچلىرى ، 65 تال تەرتۈك خالتىسى، 7 دانە ماي بېزى ۋە 19 ئىنگلىز چىسى ئۇزۇنلۇقتىكى قان - تومۇر بولىدۇ. 7. ئۇيقۇسىزلىق ئاچ قالغانغا قارىغاندا ، ئادەمنى ئاسانلا ئۆلۇم گېرداۋىغا ئىلىپ بارىدۇ . بىر ئادەم 10 كۇن ئۇخلىمىسا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ . بىراق نەچچە ھەپتىلىك ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىن. 8. 80 ياشقا كىرگەن بىر ئادەمنىڭ ئۆسۇملۇكلەردىن ئالغان بەدىنىدىكى تۆمۈر ماددىسى 450 گىرامغا يېتىدۇ. بۇ تۆمۈردە بىر قىڭغىراق ياسىغىلى بولىدۇ. 9.ئادەم بەدىنىدە ئالتۇن بار ، بىراق ئۇنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز. ئادەتتە ئادەم قېنىنىڭ ھەر مىڭ گىرامىدا 0.3 مىللىگىرام ئالتۇن بولىدۇ. 10.ئادەم بەدىنى ھەر ۋاقىت سىرىتقا ئىسسىقلىق چىقىرىپ تۇرىدۇ. بىر سوتكىدا چىقارغان ئىسسىقلىقى بىلەن 30 جىڭ سوغۇق سۇنى قايناتقىلى بولىدۇ. 11. 70 ياشلىق بىر ئادەمنىڭو يۈرىكى 175 مىليۇن لىتىر قان ئىشلەپ چىقىرالايدۇ. بۇ قانلارئۇزۇنلىقى مىڭ مېتىر، كەڭلىكى 70 مېتىر، چۇڭقۇرلىقى 2.5 مېتىر كىلىدىغان كۆلدىكى سۇنىڭ مىقدارى بىلەن باراۋەر. 12. بالاغەتكە يەتكەن ئادەمنىڭ ئىغېرلىقى 60 كېلوگفىرام بولسا ، تېرىسىمۇ 6 جىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. يەنى، بەدەن ئىغىرلىقىنىڭ 20 دەن بىر پىرسەنېتىنى ئىگىلەيدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى تېرىلەرنىڭ قىلىنلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تاپاننىڭ تېرىسى ئەڭ قېلىن بولۇپ تەخمىنەن 4 مىللېمىتېر ئەتراپىدا بولىدۇ. قاپاق بىلەن قۇلاقنىڭ تېرىسى ئەڭ نېپىز بولىۇپ ، ئاران يېرىم مىللېمىتېر ئەتراپىدا. 13. تاپاننىڭ ئۇزۇنلىقى مۇشتنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقىغا تەڭ. 14.بۇرۇن ئۇچىدىن قۇلاق تۇۋېگىچە بولغان ئارىلىق قاش بىلەن ئىڭەكنىڭ ئارىلىقىغا تەڭ. 15.بويۇننىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقى ئىككى قول بىغىشىلىرىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقىغا تەڭ. 16.غۇلاچنىڭ ئۇزۇنلىقى بوي ئىگىزلىكىگە تەڭ. 17.كۆرەڭنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقى بويىنىڭ يىرىمىغا تەڭ. 18.يەتتە تاپان ئۇزۇنلىقى بويىغا تەڭ. 19.يۇرەكنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى مۇشتىمىغا تەڭ. |