مىھرىنسا ئەھمەت ئونۋانى : 2-دەرىجىلىك دىكتۇر 1998-يىلى شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئونۋىرىستىېتىنىڭ دىكتۇر كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1999-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا دىكتۇر - رىياسەتچى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىسى: ئاياللار دۇنياسى ، بىز كىشلەر ئارىسىدا... رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىلىرى ئاپتۇنۇم رايۇن، ئوبلاست بويىچە 2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئامىنە موھەممەتجان ئوقۇش تارىخى: ئالى تېخنىكوم ئونۋانى: 2-دەرىجىلىك دىكتۇر 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە شىنجاڭ رادىئو تېلېۋىزىيە ئونۋېرىستېتىدا ئوقۇغان 1999-يىلىدىن ھازىرغىچە ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسدا رىياسەتچى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىسى : ئائىلە، ئالتۇن دەۋر، ئەدەبىيات گۈلزارى 2000-يىلى سابىق ئىلى ۋىلايىتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر دىكتۇرلارنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2002-يىلى شىنجاڭ دىكتۇر ۋە رىياسەتچىلىكى ناملىق ئەسىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئوبلاست بويىچە رادىئو - تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2006- يىلى خىزمەتتە كۆرىنەرلىك نەتىجە ياراتقانلىقىدىن << 8-مارت قىزىل بايراقدارى >> بولۇپ باھالانغان. ئامىنە ياقۇپ تۇغۇلغان ۋاقتى: 1969-يىلى 8-ئاي 1985-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا دىكتۇر بولغان. 1994-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ رادىئو -تېلېۋىزىيە ئونۋېرىستىتىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئېرىشكەن نەتىجىسى: ئۆزى ۋە باشقىلار بىرلىكتە ئىشلىگەن پروگراممىلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەت، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ئوبلاست بويىچە مۇكاپاتلانغان. رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىسى: دىھقان- چارۋىچىلار ئۈچۈن ئاڭلىتىش، ئۈگىنىش باغچىسى، پەن ۋە مائارىپ (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |