نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى)

[ ئاتالغۇلار ]

ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىدە (بولۇپمۇ To شەكىلدىكى) پېئىللارنى لۇغەتتىكى قائىدە بويىچە «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىنغانلىقى، ئەمما، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى جۈملىلەردە (مەسىلەن: كۇنۇپكا، تىزىملىكلەردە) «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» دەپ ئېلىنغانلىقىنى، باشقا جايلاردا پېئىللارنىڭ ھەر خىل تۈرلىنىشىنىڭ جانلىق ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. يەنە بىر قېتىم چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
==========================================
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، خەمىت زاكىر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «-ماق\-مەك» ئىسىمداش جۈملىنىڭ سىرتىدا (لۇغەتلەردە) پېئىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
==========================================
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان، ئىسىم شەكىلدىكىنى «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» بويىچە تەرجىمە قىلىنغان


بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە قاراپ باقايلى، ئىنگلىزچە-ئۆزبېكچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
مەن يەنە مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قاراپ باقساممۇ شۇنداق ئىكەن،
=========================================
دېمەك، تورداشلار پىكىر بەرگەندە قولىمىزدا بار بولغان ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قارىۋېتەيلى، ئۆيىمىزدە بولمىسا، كىتابخانا ياكى كۈتۈپخانىغا بارساقمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا كىتابلىرىغا بىر قاراپ بېقىپ پىكىر بېرەيلى، ئۇنداق قىلالمىساق، قالايمىقان پىكىر بەرمەيلى، رەھمەت!

*********************************************************
ھازىر بەزى ئاتالغۇلار توغرىسدا چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
(1) account picture
Windows ۋە Windows Live ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھېساباتىغا باغلانغان بىر خىل رەسىملىك ئىپادىلىنىش
ھازىرقى تەرجىمىسى: ھېسابات رەسىمى (نامزات: باش سۈرەت)
بىر سۇڭلۇق يالاڭ باش چۈشكەن رەسىم دېمەپتۇ، بەزىلەر ئۆز ھېساباتىغا پۇتبول، چىملىق، ئوقيا،…دېگەندەك رەسىملەرنى بەلگىلىۋالىدۇ. بۇ نوقۇل باش سۈرەتنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاككونت دېسىڭىز ئىنگلىزچە، ھېسابات دېسىڭىز ئەرەبچە، بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزغا نىسبەتەن ياتلىق (ياتلىشىش) دەرىجىسى ئوخشاش، بەرىبىر چەت تىلىدىن كىرگەن، لېكىن، ھېسابات دېگەن سۆز تىلىمىزغا بالدۇر كىرىپ، ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولۇپ بولغان. شۇڭا، ئاككونت دېگەننى مەن ھەرگىز قوللىمايمەن.

(2) attachment
ئېلېكتىرونلۇق خەت ئۇچۇرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى ھۆججەت.
ھازىرقى تەرجىمىسى: قىستۇرۇلما (نامزات: قوشۇمچە ھۆججەت)
بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز ھۆججەت، يەنى E-mail غا قىستۇرۇپ ئەۋەتىدىغان ھۆججەتنى نېمە دېسەك بولار دېمەكچى؟ توختام تۈزگەندە يەنە 1-2 ۋاراقنى چاپلاپ، بۇ توختامنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، ياكى قوشۇمچە توختام دەپ قويىدۇ.

(3) available
ئىشلەتكۈچى تاكى قوللىنىشچان دېتاللار تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە تەييار بولغان ھەر قانداق نەرسە.
ھازىرقى تەرجىمىسى: يېتەرلىك (نامزات: تەييار، ئىشلەتكىلى بولىدىغان)
بۇ كومپيۇتېر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇنىڭ بىرسى بولۇپ، ھەر خىل مەنىدە قوللىنىدۇ، بۇنى بىر خىل قېلىپتا ئېلىش سەل تەس ئوخشايدۇ.
service is available
No photos available
All available people are now invited to the chat.

(4) badge
قۇلۇپ ئېكرانىدا ياكى تىزمىدا كۆرۈنىدىغان بەلگە بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ۋە يېڭىلانمىلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: قانچە پارچە ئېلېكتىرونلۇق خەت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، كومپيۇتېرنىڭ قولۇپلانغانلىقى ياكى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈلگەن ئەپ دېگەندەك
ھازىرقى تەرجىمىسى: ئەسكەرتمە بەلگە (ھازىرقى نامزات: ئەسكەرتمە)
ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز بەلگە دېيىلىپتۇ، ھەرگىزمۇ reminder, note, memo, tip دېگەندەك ئەسكەرتىش، ئەسكەرتمە، ئەسكەرتكۈچى،…دېگەندەك گەپ قىلماپتۇ، ئەسلىي سۆزنىڭ يەنە بىۋاسىتە ئىزناك (ئىزنەك ئەمەس) دەپ مەنىسى بار

(5) tab
چەككىلى بولىدىغان ئارايۈز ئېلېمېنتى بولۇپ، قارماققا ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ بەلگىسىدەك لايىھەلەنگەن. بەتكۈش ئادەتتە گورزېنتال ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك بەت ۋە تور بەتلەرگە ئالمىشىشقا رۇخسەت قىلىنغان.
ھازىرقى تەرجىمىسى: بەتكۈش
بۇ ئاتالغۇنى ساھران ئەپەندىم ياسىغان دەپ بىلىمەن، لېكىن بىرمۇ تورداش بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى توغرا دېمەي، خاتا دەپتۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى 473-بەت، ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئاستىدا، خەتكۈش، ئىسىم: ئوقۇۋاتقان بەتنى كېيىن ئاسان تېپىۋېلىش ئۈچۈن، بەت ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغان نەرسە دەپتۇ. بۇ سۆزنى مەن «خەتكۈش(خەتكۈچ ئەمەس)»تىن ئۆرنەك ئېلىپ ياسالغان سۆز دەپ بىلىمەن، شۇڭا، «بەتكۈش(بەتكۈچ ئەمەس)» دەپ ئېلىنغان. شۇڭا، ئەستايىدىل بولايلى. قارغۇلارچە باشقىلارنى تىللاپ كەتمەيلى. پىكىر بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ۋە ئىملا لۇغىتىنى ۋاراقلاپ قويۇڭ.

(6) zoom
ئىككى بارماقنى قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە يۆتكەيدىغان بىر خىل قوش ئىشارىسى (-> <- ياكى <- ->)
ھازىرقى تەرجىمىسى: يىراقلىقى


يۇقىرىقى رەسىمدىن zoom نىڭ «نىسبەت»، zoom in نىڭ «چوڭايتىش»، zoom out نىڭ «كىچىكلىتىش»، custom نىڭ «ئىختىيارى» دېگەن مەنىگە بىر قەدەر يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، zoom نى (-> <- ياكى <- ->) دەپتۇ، ھەرگىزمۇ (-> <- ۋە <- ->) دېمەپتۇ.
بەزىلەر چوڭ-كىچىكلىكى، چوڭ-كىچىك،…دېگەندەك پىكىرلەرنى بېرىپتۇ. بىز خەنزۇچە 大小 نى چوڭ-كىچىك دېمەي «چوڭلۇقى» دەپ تەرجىمە قىلغان. مەسىلەن: 文件大小 نى ھەرگىزمۇ ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى ئەمەس، بەلكى ھۆججەت چوڭلۇقى دەپ ئالغان. Zoom ھەرگىزمۇ بىر جىسىمنىڭ ئۆزىنى چوڭايتمايدۇ ياكى كىچىكلەتمەيدۇ، بەلكى كۆرۈش ئارىلىقىنى (دائىرىسىنى) يىراق-يېقىن قىلىدۇ، شۇڭا، چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دېسەك ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. قارىغاندا چوڭ-كىچىك (چوڭلۇقى)، يىراق-يېقىن (يىراقلىقى)، ئېگىز-پاكار (ئېگىزلىكى)، ياخشى-يامان(ياخشىلىقى)…مۇشۇ پىرىنسىپقا سالغان ئوخشايدۇ.

(7) E-mail
بۇنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمەي، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە «ئېلېكتىرونلۇق خەت» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «ئې-خەت» دەپ يېزىشنى بىر قەدەر مۇۋاپىق كۆرگەن، لېكىن، بۇنداق قائىدە يوق دېگۈچىلەرمۇ بولغان. نەچچە قېتىملىق ئاتالغۇ يىغىنىدا، «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى رەت قىلىنغان، بۇنىڭمۇ سەۋەبى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق قائىدە يوق. شۇڭا، ھازىرچە يەنىلا «ئېلېكتىرونلۇق خەت» بولۇپ تۇردى، چۈنكى مەيلى «ئې-خەت» ياكى «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى بېكىتىلسۇن، ئەسلىي سۆز يەنىلا مۇشۇ شۇ.
========
يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلار ۋە Microsoft دىكى باشقا ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئىنگلىزچە لۇغەتلەردە، كومپيۇتېرغا ئائىت كىتابلاردا، تور بېكەتلەردە ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللاردا شۇنداق ئېلىنىپتىكەن، بۇ يەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىپتۇ. بۇ يەردە بۇ ئىشنى كىم قىلىۋاتقاندۇ؟(ئېنىقلا مۇشۇ يەردىكى بىرسى)، نەگە كەلگەندۇ؟ (بۇرۇنقىدىن ئاز قالدى)، نېمە ئۈچۈن ئىنگلىزچە مۇنازىرە قىلىدۇ؟ (بۇنى ئېگە تەرەپ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ خىزمەتتىكى ئالاقە تىلى ئىنگلىزچە)، نېمە ئۈچۈن بالدۇرلا قۇلۇپلايدۇ؟(ھازىرچە ھەر قانچە بولسىمۇ يېرىم ئاتالغۇ توغرا بولار) – دەپ ئارتۇق ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ زېھنىڭلارنى سەرپ قىلماستىن، بەلكى، قانداق قىلغاندا بۇ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ، مىكروسوفتنىڭ تەلىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاندىن سۈپەتلىك تاماملىغىلى بولىدۇ دېگەننى ئويلىغان ئاساستا، ئىلمىي پىكىر بېرەرسىلەر. يەنە 8 كۈندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇلارغا قايتا قاراپ چىقىش تاماملىنىدۇ. ئۆزگىرىش بولسا، تاماملانغان ئارايۈز تەرجىمىسى ئۆزگەرتىلىدۇ، ئەدەبىي تەھرىرلىكىمۇ تەڭ باشلىنىدۇ. قارىغاندا ئۇ يەردە پىكىر بېرىشمۇ توختىغاندەك قىلىدۇ.

ئېسىڭىزگە سېلىپ قوياي، «ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(خەمىت زاكىت)، «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) دېگەن كىتابنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ. ئاتالغۇ مۇنبىرىدە بېلەتىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولالمايدىكەن(بۇنى مەن بېكىتمىدىم)، پەقەت ئىنكاسنىڭ ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا، بېلەت تاشلاشقا قارىغاندا ئەڭ ياخشىسى پاكىتلىق بىر-ئىككى جۈملە يېزىپ قويۇڭ. رەھمەت!

يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلارغا يەنە قانداق پىكىرىڭلار بار؟ قۇلۇپلانغان ئاتالغۇ ئىچىدە ئېغىر مەسىلىنى بايقىغان بولسىڭىز، دەرھال مەلۇم قىلىڭ يەنە پۇرسەت بار.

(ئاتالغۇلاردىكى پىكىرلەرنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرگە قالايمىقان چاپلىماڭ، رەھمەت!)
========================
پىكىر جەھەتتىن بىرلىككە كېلىنگەن ئاتالغۇلار (25-مارت سەھەر)

(1) account picture ھېسابات رەسىمى
(2) attachment قوشۇمچە ھۆججەت
(3) available ئىشلەتكىلى بولىدىغان (تەييار دېگەن نامزاتمۇ بار)
(4) badge ئەسكەرتمە بەلگە
(5) tab بەتكۈش
(6) zoom نىسبەت
(7) E-mail ئېلېكتىرونلۇق خەت (ئەمما ئېخەت نامزاتى ئۇنىڭ كەينىدە، چۈنكى دۆلەت ئۆلچەم يىغىنىدا، تىلشۇناسلار قىسقارتىش توغرا كەلسە مۇشۇنداق بېكىتىش دېگەن ئىدى، بۇ ئۆلچەم رەسمىي ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ)

يەنە 2 كۈن مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ئېغىر مەسىلە بايقىغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا پىكىر بېرىڭ. رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
163 پارچە باھا يېزىلدى
  • 文件大小» نى ھەرگىزمۇ ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى ئەمەس، بەلكى ھۆججەت چوڭلۇقى دەپ ئالغان«
    مېنىڭچە بۇنى رەزمى دەپ ئالغان تۈزۈك، ھەرگىز ئاياقنىڭ چوڭ كىچىكلكى دىمەيمىز، رەزمى دەيمىز، شۇڭا 大小بىلەن كەلگەن سۆزلەرنى رەزمى دەپ ئالغان مۇۋاپىقمىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:16
  • 大小نى رەزمى دەپ ئالغان تۈزۈكمىكىن، مەسىلەن ئاياقنىڭ رەزمى دىگەندەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:17
    • رەزمى بىلەن چوڭلۇقى قايسى كۆپ ئىشلىتىدۇ؟ قايسىنى ئوڭاي چۈشەنگىلى بولىدۇ؟ ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى، ئۆينىڭ چوڭلۇقى،خۇڭخۇ كۆلىنىڭ چوڭلۇقى،…

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:50
    • بۇلاق كۆلنىڭ چوڭلۇقى ……..
      لېكىن بۇ يەردىكى قوللۇنىشىدا ، چوڭلۇقىنى چوڭلىتىمەن،چوڭلىقىنى كىچىكلىتىمەن دىگىلى بولمايدۇدە.
      شۇڭا رەزمىنى چوڭايتىش، رەزمىنى كىچىكلىتىش دىسەك مۇۋاپىق بولارمىكىن.
      يەنە بىر تەۋسىيە، كۆرۈش نىسبىتى ،يەنى كۆرۈش نىسبىتىنى چوڭايتىش،كىچىكلىتىش، …

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 09:48
    • بۇلاق كۆلنىڭ چوڭلۇقى………….ھاھاھاھا….
      بۇ يەردىكى قوللىنىشىدا چوڭلىقىنى چوڭلىتىمەن،كىچىكلىتىمەن دەپ يۈرسەك سەل بىرقىسما بولۇپ قالارمىكىن. شۇڭا رەزمىنى (ياكى كۆرۈش نىسبىتىنى ) چوڭايتىش ،كىچىكلىتىش دەپ ئالساق تىلغىمۇ راۋان كېلەرمىكىن دەيمەنغۇ؟!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 09:51
    • 大小نى ھەجىمى دەپ ئويلىشىپ باقساڭلار!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 19:11
  • zoom
    يىراق-يېقىنلىقى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:00
  • zoom
    ئارلىق، ئارلىقى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:06
  • tab
    بەتكۆچ(كۆچۇشتىكى-كۆچ)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:16
  • account picture
    باش سۈرەت، باش بەلگىسى(رەسىم ياكى سورەت) ،ئىشلەتكۇچى باش بەلگىسى،مەشخۇلاتچى باش بەلگىسى(يۇز بېشى،مىڭ بېشى-بۇيەردىكى باش ئادەمنى يەنى ئىشلەتكۇچىنى كۆرسىتىدۇ)،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:59
  • zoomنى ئەمىسە «قۇۋەت » دەپ ئالساقچۇ،بۇلامدۇ؟
    كۆرۈش قۇۋىتى دىگەندەك سۆزلەر بارغۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:20
  • zoomكۆرۈش نسپىتى ،كۆرۈش قۇۋىتى ،
    zoom in كۆرۈش نسپىتىنى چوڭايتىش ،(چوڭايتىش )
    zoom outكۆرۈش نىسپىتىنى كىچىكلىتىش (كىچىكلىتىش)
    zoom يىراق -يىقىنلىق (لىقى دىگەننى قوشمايمىز)
    zoom in يىقىنلىتىش،
    zoom out يىراقلىتىش.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:45
  • «يىراق -يىقىنلىق »مەنسى ئەڭ بىۋاستە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:47
  • ئەمەلىيەتتە «چوڭ-كىچىلىك »دىسەكمۇ بۇلىدۇ ،بۇيەردە ھۆججەتنى چوڭايتمايدۇ ،بەلكى ھۆججەت ئىچىدىكى مەلۇم خەت،سان ،ياكى رەسىمنىڭ مەلۇم نوقتىسىنى چوڭايتىدۇ ،شۇڭا
    چوڭ-كىچىك ،يىراق-يىقىن نىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ھەممىسى ئوخشاش ،بۇ ئۈستىدە بەك تالاج-تارتىش قىلمايلى..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:57
    • مېنىڭچە نىسبەت (يەنى 比例 دېگەن مەنىدە) دېسەك مۇۋاپىق بولغۇدەك، Internet Explorer 9.0 ئوڭ تەرەپ ئۈستىگە قاراپ بېقىڭ. Zoom 150% دېسەك چوڭايتىپ بېرىدۇ، Zoom 80% دېسەك كىچىكلىتىپ بېرىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:16
  • مۇشۇ main app دىگەن سۆزنىڭ تەرجىمسىگە سەل پىكىرىم بار ،چۈنكى «ئاساسىي»دىگەننىڭ ،«ئول» يەنى «基础 »دىگەن مەنىسى بار ،باشقىچە دەپ ئاتىساق دەيمەن ،
    snapped app نى «قادالغان ئەپ»دىمەي غان،قان نىڭ ئورنىغا باشقا قۇشۇمچە قۇيۇپ ئاتىساق دەيمەن ،«قادالما ئەپ»،«ئاسما ئەپ » دىگەندەك …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 11:09
  • People چۈشەندۈرۈلىشىگە قارىسام بىر ئالاقە قۇرالى ئوخشايدۇ ،«كىشى»دىمەي ئۇدۇل «كىشىلەر »دىسەك بۇلامىكىن ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 11:31
  • available بۇ بىر خىل ھالەت كۆرسىتىدۇ ، مىنىڭچە تەييار بولسا ياخشىراق مىكىن . يەنە كېلىپ بىز available ئويلاشقاندا چوقۇم inavailable (تەييارسىز) نىمۇ ئويلىشىمىز كېرەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 11:47
    • ئەسلىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ياكى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان دېگەندەك ئالساق بولىدۇ، ئەمما، ئەھۋالغا قاراپ تەييار، يېتەرلىك، بىكار،…دېگەندەك تەرجىمە قىلساق تېخىمۇ جانلىق چىقىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:12
  • pin نىڭ مەنىسى بىر نەرسىنى تاللاپ بىكىتىشەك مەنە بولغانلىقى ئۈچۈن «مۇقۇملىماق »ياكى «مۇقىملاش» «مۇقىمداش» دەپ ئالساق بۇلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 12:22
    • ئەسلىي مەنىسى قالپاقلىق مىق (ياكى باسما مىق) ئىدى، مىقلاش دېسەك ئەڭ ياخشى بولاتتى. ماۋۇ Notepad نى ۋەزىپە بالدىقىغا مىقلامسىز؟ دېگەندەك. ئۈستەليۈزىدە سىنبەلگىسىنى نەگىلا قويسا مۇقىم تۇرىدۇ. مۇقىم تازا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:11
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ھارمىغايسىز ، سىزدىن سورايدىغان بىر سۇئالىم بارئىدى ،بىزدە نىمىشقا تېخچە رەسمى بىر ئۇيغۇرچە ئېلخەت بارلىققا كەلمەيدۇ ، بۇ زادى تېخنىكا مەسللسمۇ ياكى كشىلەر بۇنىڭغا قىزىقمامدۇ ، بۇ قېتىم ۋىندۇس 8نىڭ ئۇيغۇرچىسى تارقىتىلغاندىن كىين بىزدىمۇ ئېلخەتلەر بارلىققا كىلەرمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 13:21
    • ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئەۋەتىش 10 يىل بۇرۇنلا ئەمەلگە ئاشقان، لېكىن چىرايى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولغان بۇنداق سىستېما Windows8 دە بار،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:09