zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى)
[ ئاتالغۇلار ]ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىدە (بولۇپمۇ To شەكىلدىكى) پېئىللارنى لۇغەتتىكى قائىدە بويىچە «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىنغانلىقى، ئەمما، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى جۈملىلەردە (مەسىلەن: كۇنۇپكا، تىزىملىكلەردە) «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» دەپ ئېلىنغانلىقىنى، باشقا جايلاردا پېئىللارنىڭ ھەر خىل تۈرلىنىشىنىڭ جانلىق ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. يەنە بىر قېتىم چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
==========================================
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، خەمىت زاكىر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «-ماق\-مەك» ئىسىمداش جۈملىنىڭ سىرتىدا (لۇغەتلەردە) پېئىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
==========================================
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان، ئىسىم شەكىلدىكىنى «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» بويىچە تەرجىمە قىلىنغان
بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە قاراپ باقايلى، ئىنگلىزچە-ئۆزبېكچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
مەن يەنە مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قاراپ باقساممۇ شۇنداق ئىكەن،
=========================================
دېمەك، تورداشلار پىكىر بەرگەندە قولىمىزدا بار بولغان ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قارىۋېتەيلى، ئۆيىمىزدە بولمىسا، كىتابخانا ياكى كۈتۈپخانىغا بارساقمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا كىتابلىرىغا بىر قاراپ بېقىپ پىكىر بېرەيلى، ئۇنداق قىلالمىساق، قالايمىقان پىكىر بەرمەيلى، رەھمەت!
*********************************************************
ھازىر بەزى ئاتالغۇلار توغرىسدا چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
(1) account picture
Windows ۋە Windows Live ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھېساباتىغا باغلانغان بىر خىل رەسىملىك ئىپادىلىنىش
ھازىرقى تەرجىمىسى: ھېسابات رەسىمى (نامزات: باش سۈرەت)
بىر سۇڭلۇق يالاڭ باش چۈشكەن رەسىم دېمەپتۇ، بەزىلەر ئۆز ھېساباتىغا پۇتبول، چىملىق، ئوقيا،…دېگەندەك رەسىملەرنى بەلگىلىۋالىدۇ. بۇ نوقۇل باش سۈرەتنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاككونت دېسىڭىز ئىنگلىزچە، ھېسابات دېسىڭىز ئەرەبچە، بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزغا نىسبەتەن ياتلىق (ياتلىشىش) دەرىجىسى ئوخشاش، بەرىبىر چەت تىلىدىن كىرگەن، لېكىن، ھېسابات دېگەن سۆز تىلىمىزغا بالدۇر كىرىپ، ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولۇپ بولغان. شۇڭا، ئاككونت دېگەننى مەن ھەرگىز قوللىمايمەن.
(2) attachment
ئېلېكتىرونلۇق خەت ئۇچۇرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى ھۆججەت.
ھازىرقى تەرجىمىسى: قىستۇرۇلما (نامزات: قوشۇمچە ھۆججەت)
بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز ھۆججەت، يەنى E-mail غا قىستۇرۇپ ئەۋەتىدىغان ھۆججەتنى نېمە دېسەك بولار دېمەكچى؟ توختام تۈزگەندە يەنە 1-2 ۋاراقنى چاپلاپ، بۇ توختامنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، ياكى قوشۇمچە توختام دەپ قويىدۇ.
(3) available
ئىشلەتكۈچى تاكى قوللىنىشچان دېتاللار تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە تەييار بولغان ھەر قانداق نەرسە.
ھازىرقى تەرجىمىسى: يېتەرلىك (نامزات: تەييار، ئىشلەتكىلى بولىدىغان)
بۇ كومپيۇتېر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇنىڭ بىرسى بولۇپ، ھەر خىل مەنىدە قوللىنىدۇ، بۇنى بىر خىل قېلىپتا ئېلىش سەل تەس ئوخشايدۇ.
service is available
No photos available
All available people are now invited to the chat.
(4) badge
قۇلۇپ ئېكرانىدا ياكى تىزمىدا كۆرۈنىدىغان بەلگە بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ۋە يېڭىلانمىلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: قانچە پارچە ئېلېكتىرونلۇق خەت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، كومپيۇتېرنىڭ قولۇپلانغانلىقى ياكى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈلگەن ئەپ دېگەندەك
ھازىرقى تەرجىمىسى: ئەسكەرتمە بەلگە (ھازىرقى نامزات: ئەسكەرتمە)
ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز بەلگە دېيىلىپتۇ، ھەرگىزمۇ reminder, note, memo, tip دېگەندەك ئەسكەرتىش، ئەسكەرتمە، ئەسكەرتكۈچى،…دېگەندەك گەپ قىلماپتۇ، ئەسلىي سۆزنىڭ يەنە بىۋاسىتە ئىزناك (ئىزنەك ئەمەس) دەپ مەنىسى بار
(5) tab
چەككىلى بولىدىغان ئارايۈز ئېلېمېنتى بولۇپ، قارماققا ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ بەلگىسىدەك لايىھەلەنگەن. بەتكۈش ئادەتتە گورزېنتال ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك بەت ۋە تور بەتلەرگە ئالمىشىشقا رۇخسەت قىلىنغان.
ھازىرقى تەرجىمىسى: بەتكۈش
بۇ ئاتالغۇنى ساھران ئەپەندىم ياسىغان دەپ بىلىمەن، لېكىن بىرمۇ تورداش بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى توغرا دېمەي، خاتا دەپتۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى 473-بەت، ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئاستىدا، خەتكۈش، ئىسىم: ئوقۇۋاتقان بەتنى كېيىن ئاسان تېپىۋېلىش ئۈچۈن، بەت ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغان نەرسە دەپتۇ. بۇ سۆزنى مەن «خەتكۈش(خەتكۈچ ئەمەس)»تىن ئۆرنەك ئېلىپ ياسالغان سۆز دەپ بىلىمەن، شۇڭا، «بەتكۈش(بەتكۈچ ئەمەس)» دەپ ئېلىنغان. شۇڭا، ئەستايىدىل بولايلى. قارغۇلارچە باشقىلارنى تىللاپ كەتمەيلى. پىكىر بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ۋە ئىملا لۇغىتىنى ۋاراقلاپ قويۇڭ.
(6) zoom
ئىككى بارماقنى قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە يۆتكەيدىغان بىر خىل قوش ئىشارىسى (-> <- ياكى <- ->)
ھازىرقى تەرجىمىسى: يىراقلىقى
يۇقىرىقى رەسىمدىن zoom نىڭ «نىسبەت»، zoom in نىڭ «چوڭايتىش»، zoom out نىڭ «كىچىكلىتىش»، custom نىڭ «ئىختىيارى» دېگەن مەنىگە بىر قەدەر يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، zoom نى (-> <- ياكى <- ->) دەپتۇ، ھەرگىزمۇ (-> <- ۋە <- ->) دېمەپتۇ.
بەزىلەر چوڭ-كىچىكلىكى، چوڭ-كىچىك،…دېگەندەك پىكىرلەرنى بېرىپتۇ. بىز خەنزۇچە 大小 نى چوڭ-كىچىك دېمەي «چوڭلۇقى» دەپ تەرجىمە قىلغان. مەسىلەن: 文件大小 نى ھەرگىزمۇ ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى ئەمەس، بەلكى ھۆججەت چوڭلۇقى دەپ ئالغان. Zoom ھەرگىزمۇ بىر جىسىمنىڭ ئۆزىنى چوڭايتمايدۇ ياكى كىچىكلەتمەيدۇ، بەلكى كۆرۈش ئارىلىقىنى (دائىرىسىنى) يىراق-يېقىن قىلىدۇ، شۇڭا، چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دېسەك ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. قارىغاندا چوڭ-كىچىك (چوڭلۇقى)، يىراق-يېقىن (يىراقلىقى)، ئېگىز-پاكار (ئېگىزلىكى)، ياخشى-يامان(ياخشىلىقى)…مۇشۇ پىرىنسىپقا سالغان ئوخشايدۇ.
(7) E-mail
بۇنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمەي، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە «ئېلېكتىرونلۇق خەت» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «ئې-خەت» دەپ يېزىشنى بىر قەدەر مۇۋاپىق كۆرگەن، لېكىن، بۇنداق قائىدە يوق دېگۈچىلەرمۇ بولغان. نەچچە قېتىملىق ئاتالغۇ يىغىنىدا، «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى رەت قىلىنغان، بۇنىڭمۇ سەۋەبى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق قائىدە يوق. شۇڭا، ھازىرچە يەنىلا «ئېلېكتىرونلۇق خەت» بولۇپ تۇردى، چۈنكى مەيلى «ئې-خەت» ياكى «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى بېكىتىلسۇن، ئەسلىي سۆز يەنىلا مۇشۇ شۇ.
========
يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلار ۋە Microsoft دىكى باشقا ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئىنگلىزچە لۇغەتلەردە، كومپيۇتېرغا ئائىت كىتابلاردا، تور بېكەتلەردە ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللاردا شۇنداق ئېلىنىپتىكەن، بۇ يەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىپتۇ. بۇ يەردە بۇ ئىشنى كىم قىلىۋاتقاندۇ؟(ئېنىقلا مۇشۇ يەردىكى بىرسى)، نەگە كەلگەندۇ؟ (بۇرۇنقىدىن ئاز قالدى)، نېمە ئۈچۈن ئىنگلىزچە مۇنازىرە قىلىدۇ؟ (بۇنى ئېگە تەرەپ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ خىزمەتتىكى ئالاقە تىلى ئىنگلىزچە)، نېمە ئۈچۈن بالدۇرلا قۇلۇپلايدۇ؟(ھازىرچە ھەر قانچە بولسىمۇ يېرىم ئاتالغۇ توغرا بولار) – دەپ ئارتۇق ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ زېھنىڭلارنى سەرپ قىلماستىن، بەلكى، قانداق قىلغاندا بۇ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ، مىكروسوفتنىڭ تەلىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاندىن سۈپەتلىك تاماملىغىلى بولىدۇ دېگەننى ئويلىغان ئاساستا، ئىلمىي پىكىر بېرەرسىلەر. يەنە 8 كۈندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇلارغا قايتا قاراپ چىقىش تاماملىنىدۇ. ئۆزگىرىش بولسا، تاماملانغان ئارايۈز تەرجىمىسى ئۆزگەرتىلىدۇ، ئەدەبىي تەھرىرلىكىمۇ تەڭ باشلىنىدۇ. قارىغاندا ئۇ يەردە پىكىر بېرىشمۇ توختىغاندەك قىلىدۇ.
ئېسىڭىزگە سېلىپ قوياي، «ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(خەمىت زاكىت)، «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) دېگەن كىتابنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ. ئاتالغۇ مۇنبىرىدە بېلەتىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولالمايدىكەن(بۇنى مەن بېكىتمىدىم)، پەقەت ئىنكاسنىڭ ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا، بېلەت تاشلاشقا قارىغاندا ئەڭ ياخشىسى پاكىتلىق بىر-ئىككى جۈملە يېزىپ قويۇڭ. رەھمەت!
يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلارغا يەنە قانداق پىكىرىڭلار بار؟ قۇلۇپلانغان ئاتالغۇ ئىچىدە ئېغىر مەسىلىنى بايقىغان بولسىڭىز، دەرھال مەلۇم قىلىڭ يەنە پۇرسەت بار.
(ئاتالغۇلاردىكى پىكىرلەرنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرگە قالايمىقان چاپلىماڭ، رەھمەت!)
========================
پىكىر جەھەتتىن بىرلىككە كېلىنگەن ئاتالغۇلار (25-مارت سەھەر)
(1) account picture ھېسابات رەسىمى
(2) attachment قوشۇمچە ھۆججەت
(3) available ئىشلەتكىلى بولىدىغان (تەييار دېگەن نامزاتمۇ بار)
(4) badge ئەسكەرتمە بەلگە
(5) tab بەتكۈش
(6) zoom نىسبەت
(7) E-mail ئېلېكتىرونلۇق خەت (ئەمما ئېخەت نامزاتى ئۇنىڭ كەينىدە، چۈنكى دۆلەت ئۆلچەم يىغىنىدا، تىلشۇناسلار قىسقارتىش توغرا كەلسە مۇشۇنداق بېكىتىش دېگەن ئىدى، بۇ ئۆلچەم رەسمىي ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ)
يەنە 2 كۈن مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ئېغىر مەسىلە بايقىغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا پىكىر بېرىڭ. رەھمەت!
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,798 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 03-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 14:38
- ئالدىنقى يازما :Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ
- كېيىنكى يازما :anti-shake قاتارلىق يېڭى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىڭ
in-app purchase «ئەپ ئۆزىدىن سىتىۋىلىش»، «ئەپ ئىچىدىن سىتىۋىلىش» مىنىڭچە توغرا تەرجىمە قىلىپتۇ ،قۇلۇپلىۋەتسە بولغىدەك.
favorite خەنزۇچە 收藏夹 دىگەن شۇغۇ دەيمەن ،«تاللانغان»دىگەننىڭ ئورنىغا «ساقلاپ قۇيۇش»دىسەك قانداق بۇلار؟
Inbox folder «خەت قۇبۇللاش»دىمەي «قۇبۇللاش ساندۇقى»، «قۇبۇللاش قىسقۇچى»،«تاپشۇرىۋىلىش ساندۇقى(قسقۇچى)»دىسەك بۇلامۇ؟
layout «ئۇيۇش»،«ئۇيۇپ چىقىرىش »دىگەن سۆزلەر بىلەن ماسلىشىپ قالامدۇ قانداق؟
favorite 收藏夹 نى مېنىڭچە يىغقۇچ دېسەك بىر قەدەر مۇۋاپىق كەلگۈدەك،
inbox folder ئەمەلىيەتتە خەتنى قوبۇل قىلمايدۇ، خەت قوبۇل قىلدۇرىدىغان ئىقتىدار باشقا كۇنۇپكىدا. بۇنىڭغا پەقەت كەلگەن خەتلەر ساقلىنىدۇ. يەنە بىرسىگە ئەۋەتىلگەن خەتلەر ساقلىنىدۇ. بۇ hotmail دا كۆرۈنىدۇ، مەسىلەن:
收件箱 (كەلگەن خەتلەر)
发件箱 (ئەۋەتىلگەن خەتلەر)
شۇڭا، inbox folder نى كەلگەن خەتلەر قىسقۇچى دېسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
favorite نى ‹تاللانغان›دىسەكمۇ،‹يققۇچ›دىسەكمۇ شۇنداق مۇۋاپىقكەن.
ئەگەر‹تاللانغان›ديلىپ قالسا ،‹تاللانمىلار›دىيلسە قانداق؟!
چۈنكى ‹تاللانغان›دىگەن سۆزئادەتتە ‹تاللانغان ناخشلار› ‹تاللانغان كىنولار›دىگەندەك ئېنىق سۆزلەربىلەن بىللە كەلسە راھەت بىلىندىكەن.
favorite 收藏夹 نى مېنىڭچە يىغقۇچ دىسەكمۇ بولغۇدەك، ساقلانما دىسەك تېخىمۇ ياخشى بولامدۇ نىمە؟
ئەمسە ۋېندوس 8دىن كىين بىزدىمۇ گوگول ، ياھۇ لاردەك ئېلخەتلەر بارلىققا كىلەرمۇ ،بىزمۇ ئۇيغۇرچىنى بىمالال يېزىپ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلالايمىزمۇ ؟ گوگولدا ئۇىغۇرچە ئىزدىسەك تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە خەتلەر بەك سەت چىقۋالىدۇ ، ئەمدى ئوڭشىلارمۇ ؟ رەھمەت
ئەمسە ۋېندوس 8دىن كىين بىزدىمۇ گوگول ، ياھۇ لاردەك ئېلخەتلەر بارلىققا كىلەرمۇ ،بىزمۇ ئۇيغۇرچىنى بىمالال يېزىپ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلالايمىزمۇ ؟
=============
ئەلۋەتتە، شۇنداق بولىدۇ، ھەممە يەرلىرى ئۇيغۇرچە، شۇڭا، Windows8 ئادەتتىكى سىستېما ئەمەس، ئۇ ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.
بۇ ناھايتى خۇشاللق ئىش ئىكەن، رەھمەت ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكنىڭلارغا كۆپ رەھمەت.
zoom نى ‹كوزلەش› دەپ ئالساق قانداق بۇلار ؟ بۇ كورۇش دىگەن مەنىنىمۇ بېرىدۇ . بىرەر نوقتىنى نىشانلاشنىمۇ كورسىتىدۇ.شۇ نوقتىنى كوزلەپ يېقىن-يىراق قىلىشقا بولغاندەك
ئىملا ختالىغى يۈز بېرىپ قاپتۇ. كەچۈرۈڭلار.
zoom نى ‹كۆزلەش› دەپ ئالساق قانداق بۇلار ؟ بۇ كۆرۈش دىگەن مەنىنىمۇ بېرىدۇ . بىرەر نوقتىنى نىشانلاشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.شۇ نوقتىنى كۆزلەپ يېقىن-يىراق قىلىشقا بولغاندەك
يەنە يۈز بېرىپتۇ ئەمەسمۇ؟ قانداق قىلساق بولار ئەمدى؟
======================================
ئىملا ختالىغى يۈز بېرىپ قاپتۇ. كەچۈرۈڭلار.
=====================================
كەچۈرمەيمىز، خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ خاتالىق سادىر قىلسا قانداق بولىدۇ.
بۇنىڭدا بىرسىنى كۆزلىمەيسىز، نىشانلىمايسىز، قارغا ئالمايسىز، Zoom نى سىز بىر يەردە ئىشلىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ مەسىلەن: Word, Internet Explorer دا، ئۇ يەردە 显示比例 دەپ ئىچىدە 50%, 75%, 100%, 200%, 400% دەپ بار ئىدى، ماۋۇ تور بېكەتنى %400 ھالەتتە كۆزلەپ كۆرگىن دەمدۇق؟
attachment نى قىستۇرما دېسەك، Plug-in دەپ بىر ئاتالغۇ بولىدىغان قىستۇرما دەپ ئېلىپ كېلىۋاتقان، بۇ ئىككىسى ئوخشاش بولۇپ قالىدىغاندەك، attachment نى قوشۇلما دەپ ئالساق قانداق بولار؟
يۇقارقى تورداشلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى تولۇق ئوقۇپ بولالمىدىم، ئەمما ئۆزەمنىڭ كۆز-قاراشلىرىمنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم. پايدىلىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. تەكرارلىنىپ قالغان بولىشى مۈمكىن.
account picture- كىملىك رەسىمى
attachment – قىستۇرما
available -ھازىر
badge – تور ھالەت
tab – بەتكۈش ( ناھايىتى ياخشى بوپتۇ)
zoom – كۆرۈنمە (نىسبەت)
E-mail تور خەت
ئەگەر توغرا بولمىسا ، مۇشۇ يەردە قېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. بەك كۆپ مۇنازىرە قىلىپ كەتمىسەك.
zoom – كۆرۈنمە (نىسبەت) نى نىسبەت دەپ ئېلىشنى سەل مۇۋاپىق كۆرۈۋاتىمەن
نىسبەت
ئى [ئە] ① نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن چوڭ-كىچىكلىكى، ئاز كۆپلۈكى ۋە شۇ قاتارلىقلار: قارىمۇقارشى كۈچلەر نىسبىتى. ② ‹مات› ئوخشاش تۈردىكى ئىككى مىقدارنى سېلىشتۇرۇشتىكى ھەسسىلىك مۇناسىۋەت. ئۇنىڭدا بىر سان ئىككىنچى بىر ساننىڭ بىر قانچە ھەسسىسى ياكى بىر نەچچە ئۈلۈشىگە باراۋەر كېلىدۇ
ماسشتاب (ماسشتابى)
ئى [ر ‹نېم] ① چېرتيوژ ئۈستىدىكى ئۇزۇنلۇق بىلەن ئۇ ئىپادىلىگەن ئەمەلىي ئۇزۇنلۇقنىڭ نىسبىتى. ② چېرتيوژ سىزغاندا ئۇنىڭ ئەتراپىغا قويۇلغان نىسبەتنى بىلدۈرىدىغان سانلىق رەقەم ۋە سىزىقلار
zoom بۇ ھەقىقەتەن نىسبەت بويىچە كۆرسىتىدۇ. بۇ نىسبەت بويىچە كۆرسىتىش كومپىيۇتىرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىش، نىسبەت دىيىلسە بۇ ئىشلەتكۈچى تەرەپتە ئەمەس بەلكى پىروگراممىر تەرىپىدىن بىرىلگەن ئاتالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ رولى نىسبەت بويىچە كۆرسىتىش، يەنىلا كۆرسىتىش، نىسبەت دىمىسىڭىزمۇ ئالدىدا مانچە پىرسەنىت دەپ نىسبىتى كۆرۈنۈپ تۇرسا يەنە نىسبەت دىيىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ?
مىنىڭچە كۆرۈنمە%50، كۆرۈنمىسى%50 ، كۆرۈنۇشى %5، كۆرسۈتىلىشى %50دەپ ئالغان تۈزۈك بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئىككىسى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
كۆرۈنمە دېگەن View، ئۇ باشقا گەپ. Zoom 200% دېگەن گەپ 2 ھەسسە چوڭايتىش دېگەن گەپ، تېلېكامېرادا سۈرەتكە تارتىپ باققانلارغا مەلۇمكى، Zoom 2X دېگىنى 2 ھەسسە يېقىن ئەكەل، يېقىنلات دېگەن گەپ،
ھاراق بوتولكىسىدىمۇ مانچە پىرسەنت دەپ خەت بار، %50 دەپ تۇرسىمۇ، بۇ ھاراقنىڭ كۆرۈنۈشى %50 دەمدۇق؟
يۇقارقى سۆزلەرنىڭ قوللىنىشىنى ئاساسەن ئېنگىلىزچە-تۈركچە سۆزلۈك، لوڭمان ئېنگىلىزچە ئىزاھات لۇغىتى ۋە ۋىكىپېدىيە، ask.com دىن پايدىلاندىم، باشقا تورداشلارنىڭمۇ مۇشۇ مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ بېقىشىنى ۋە تېخىمۇ ياخشى مەنبەلەر بولسا تەمىنلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەنبە مانا
http://www.microsoft.com/language
1.zoom
بۇ سۆزنىڭ ئېنگىلىسچە يەشمىسىدىن قارىغاندا، يالغۇز پېئىل ھالەتتە كەلگەندىكى «تېزلىكتە ئاشۇرۇش ياكى ئۆستۈرۈش»(غەيرى رەسمىي ئىشلىتىش) دىگەن مەنىسى ھازىرقى ئىشلىتىش ئورنىغا ماس كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئىسىم شەكلىمۇ ئوخشاش مەنىدىكى پېئىلدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. شۇڭا ئەگەر ھىچقانداق «in»ياكى «out » قوشۇلمىغان ئەھۋالدا، بۇ سۆزنى «يېيىم»دەپ ئالساق، «in» قوشۇلغاندا «يىغماق»، «out »قوشۇلغاندا بولسا «يايماق»دېسەك بولامدىكىن دەيمەن.
1.zoom 1.zoom
بۇ سۆزنىڭ ئېنگىلىسچە يەشمىسىدىن قارىغاندا، يالغۇز پېئىل ھالەتتە كەلگەندىكى «تېزلىكتە ئاشۇرۇش ياكى ئۆستۈرۈش»(غەيرى رەسمىي ئىشلىتىش) دىگەن مەنىسى ھازىرقى ئىشلىتىش ئورنىغا ماس كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئىسىم شەكلىمۇ ئوخشاش مەنىدىكى پېئىلدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. شۇڭا ئەگەر ھىچقانداق «in»ياكى «out » قوشۇلمىغان ئەھۋالدا، بۇ سۆزنى «يېيىم»دەپ ئالساق، «in» قوشۇلغاندا «يىغماق»، «out »قوشۇلغاندا بولسا «يايماق»دېسەك بولامدىكىن دەيمەن.
2.clipboard
بۇ سۆزنى «قىيىقچىدان»دەپ ئالسا بولارمىكىن دەپ قارايمەن. يەنى كېسىۋېلىنغان ياكى قىيۋېلىنغان نەرسىلەر ساقلىنىپ تورىدىغان جاي.
3. available
بۇ سۆزدە مەن «تەييار»دىگەن مەنىنى بىرقەدەر مۇۋاپىق كۆردۈم. «مەۋجۇت»دېسەك بەك تار بولۇپ قالىدۇ، بەزى نەرسىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ پايدىلىنىشقا بولمايدۇ، يەنى تەييار ئەمەس.
4. badge
بۇ سۆزنى خەت مەنىسى بويىچە «ئىزنەك»دەپ ئالساقلا بولمىدىمۇ. پەقەت شۇ سۆزنىڭ مەنا دائىرىسىلا كېڭەيدى.
5.attachment
مەيلى «قىستۇرما»ياكى «قىستۇرۇلما»بولسۇن، ھەممىسى ياخشى چىقىپتۇ، قوشۇلىمەن.
1.zoom 1.zoom
نىسبەت، ماس ھالدىكىسى نىسبەتنى چوڭايتىش،كىچىكلىتىش.
2.clipboard
قىيىشتاختا ،ئېنگىلىزچىسىمۇ شۇنىڭدىن كەلگەنكەن.
3. available
تەمىنلەنگەن .
4.attachment
ياندالما
5.E-mail
تور خەت
مۇشۇنداق ئالساق مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن.
سىزمۇ ئاخىرى نىسبەت دەپ ئېلىشقا مايىل بولۇپسىزدە، رەھمەت!
3. available
تەمىنلەنگەن .
ماۋۇ دىگىنىڭىز بەك بوپتۇ،،،،،available تەمىنلەنگەن ۋە not availableبولسا تەمىنلەنمىگەن. بەكلا چۈشىنىشلىك …..
مەسىلەن ،،،سىز ئىزدىمەكچى بولغان نەرسە بۇ توربەتتە يوق ،تەمىنلەنمىگەن. دىگەنگە ئوخشاش..مىنىڭچە بۇ بەك ياخشى نامزات. بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىپ بىقىشىڭلارنى تىلەيمەن .
zoom ___ نىسبەت
account picture____ خاس سۈرەت
attachment____ قوشۇمچىسى
مىكروسوفتنىڭ ئاتالغۇ ۋە سۆز-جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسىدىكى بىردەكلىكىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش بېرەلەيدىغان قورالى بار، ناۋادا، account picture____ خاس سۈرەت دېسەك، ئۇنداقتا ئايرىم تۇرغان account نى خاس سۈرەت دېمەپسەنغۇ-دەيدۇ، account نى ھېسابات دەپ ئالغان بولساق، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈردىكى ھەممە يەردە چوقۇم شۇنداق ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا، account picture دېگەن شۇ ھېساباتنىڭ رەسىمى
favorite مەنىسىدىن قارىغاندا ئۆزىمىز ياقتۇرۇپ قالغان تور بىكىتىنى ساقلايدىغان قسىقۇچ دەپ چۈشەندۈرگەن ،مۇشۇ ئاتالغۇدا مۇشۇنداق بىر مەنە چىقسا بۇلاتتى ….
ناۋادا بۇ 收藏夹 مەنىسىدە كەلسە، يىغقۇچ دەپ ئالساق بىر قەدەر مۇۋاپىق
attachment نى قىستۇرما، قىستۇرۇلما- دېسەك ھۆججەتنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغاندەك مەنا بىرىپ قويامدۇ- قانداق؟
بىراق مۇئەللىم snapped app
ed ئۆتكەن زامان قۇشۇمچىسى قۇشۇلغان بىلەن بۇ سۆز ئىسىم بۇلۇپ كىلىدۇ ،ئاشانداق نىمىسى بار ئىدىغۇ دەيمەن ؟..
people«ئادەملەر» دەپلا ئاتىۋىتەيلى …بەزىدە بىز بىر ئىشنى بەك مۇررەككەپ ئويلىۋىتىدىكەنمىز ….
ئەڭ توغرىسى مۇشۇ ئىدى ئەسلىدە، كىشىلەر دېسەك 联系人 گە كېتىپ قالىدۇ