ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-12-17

    ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى - [ئىلى دىيارىدا]

     


        ئىلى  جياڭجۈن  مەھكىمىسى

    ئىلى جياڭجۇن مەھكىمىسى 1762 يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ لېكىن جۇڭغارلار توپىلىڭىنىڭ 10 نەچچە يىللىق مالىمانلىقى ۋە چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ بۇ رايۇنلاردا يۈرگۈزگەن رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسى نەتىجىسىدە پۈتۈن شىمالىي شىنجاڭ تەۋەسى خانىۋەيرانچىلىقتا قالغانلىقى ، ئىلىدىكى ئاساسلىق يەرلىك ئاھەلە سانى ئازلاپكەتكەنلىكى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە چەت ياقىلارغا پىتراپ كەتكەن ھەر قايسى موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ قالدۇق پاراكەندىچىلىكى دائىم تۇغۇلۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن چىيەنلۇڭ خاننىڭ ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگىچە بۇ ھاكىميەت ئاساسى جەھەتتىن  ھەربىي ئىدارە قىلىش ئورگىنى  بولۇپ ئىلىغا ئەۋەتىلگەن لەشكەر باشلىقلىرى جياڭجۇن  بولۇپ ئىلىنى ھەربىي تۈسىدە ئىدارە قىلىپ كەلدى . جيا چىڭ خاننىڭ 1 - يىلىغا ( 1796 - يىلى ) كەلگەندە ئاندىن ئىلى جياڭجۇنى رەسمى مەمۇرى يارلىق بىلەن تەيىنلىنىپ بۇ مەھكىمىگە ئاتالمىش ، مەمۇرى ھاكىميەت  تۈسى بېرىلدى . تۆۋەندە يىلنامىغا كىرگۈزۈلگەن رەسمى مەمۇرى يارلىق بىلەن تەيىنلەنگەن جياڭجۇنلەرنى تۇنۇشتۇرىمىز . 1.باۋنىڭ -- ئاق تۇغلۇق موڭغۇل غۇبۇت قەبىلىسىدىن . 1796-1802- يىللىرى ئىلىغا جياڭجۇن بولغان 1808 -يلى ئۆلگەن .
    2. سۇڭ جۈن -- كۆك تۇغلۇق موڭغۇل مارات قەبىلىسىدىن ، 1802 - 1809 -يىلغىچە ئىلىغا جياڭجۇن بولغان . 1809 يىلى 3- ئايدا ئۆلگەن .3. جىن چاڭ -- كۆك تۇغلۇق مانجۇخان جەمەتىدىن . 1809- 1813 يىلغىچە ئىلىغا جياڭجۇن بولغان . 4. سۇڭ جۈن -- 1813 -يىلى 6 -ئايدا ئىلىغا قايتىدىن جياڭجۇن بولغان .1815 يىلى بېيجىڭغا يوتكەلگەن . 5. چاڭ لىڭ -- ئاق تۇغلۇق موڭغۇل سارگوك قەبىلىسىدىن .1815 -يىلى 10 ئايدا ئىلىغا جياڭجۇن بولغان . 1817 يىلى خىزمىتى يوتكەلگەن . 6. جىن چاڭ -- 1817-يىلى 2- ئايدا قايتىدىن ئىلى جياڭجۇنلۇككە تەيىنلىنىپ 1820 يىلى 4- ئايدا ئوردىغا ئۆستۈرۈلگەن 1828 يىلى بېيجىڭدا ئۆلگەن .7. چىڭ شياڭ --ئاق تۇغلۇق موڭغۇل غۇبۇت قەبىلىسىدىن . 1820-يىلى 4- ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1825 يىلى 11- ئايدا قارا شەھەرنىڭ مەسلىھەتچى ئامباللىققا چۈشۈرۈلگەن . 8. چاڭ لىڭ -- 1825 -يىلى 10 -ئايدا ئىلى قياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1826 -يىلى 7- ئايدا ياڭ ۋىيگە يۆتكەلگەن .9. دې يىڭئا -- كۆك تۇغلۇق مانجۇ خۇرەي قەبىلىسىدىن . 1826 -يىلى 7- ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1829 -يىلى 6- ئايدا ئۆلگەن .10. يۈلىن -- سېرىق تۇغلۇق مانجۇ خاچىناراس قەبىلىسىدىن . 1829 -يىلى 6- ئايدا ئىلى جياڭجۇنلىككە تەيىنلىنىپ 1832 يىلى ئوردىغا يۆتكەلگەن .1833-يىلى ئۆلگەن . 11. تې شۇنباۋ -- ئاق تۇغلۇق مانجۇ نىيۇگورۇ قەبىلىسىدىن 1832-يىلى 9 -ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1838 -يىلى 4- ئايدا ئوردىغا ئۆستۈرۈلگەن .12. لى ۋەنشەن -- كۆك تۇغلۇق مانجۇخان جەمەتىدىن .يەنە كاڭشى خاننىڭ 14- ئوغلى خانزادە چۇڭ تېنىڭ 4- نەۋرىسى . 1834-يىلى 4- ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1840 يىلى 3- ئايدا ئوردىغا ئۆستۈرۈلگەن .1878-يىلى ئۆلگەن . 13. بويانتاي -- سېرىق تۇغلۇق مانجۇ بەنزا قەبىلىسىدىن 1840 -يىلى 3-ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1845-يىلى 11-ئايدا شەنشى-گەنسۇ باش ۋالىلىقىغا يۆتكەلگەن .1840 يىلى ئۆلگەن . 14. سايىڭئا -- سېرىق تۇغلۇق مانجۇ نىيۇگورۇ قەبىلىسىدىن . 1845-يىلى 11-ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1850 -يىلى 11-ئايدا ئوردىغا يۆتكەلگەن 1857-يىلى ئۆلگەن . 15. لى ۋەنشەن -- 1850 يىلى 11-ئايدا قايتىدىن ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1954 -يىلى 10 ئايدا يۆتكەلگەن . 16. زارافىنتەي -- سېرىق تۇغلۇق مانجۇ قەبىلىسىدىن . 1856 -يىلى 10 ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1856-يىلى بېيجىڭغا يۆتكەلگەن . 17. چاڭ چىڭ -- كۆك تۇغلۇق مانجۇخان جەمەتىدىن . 1856-يىلى 10 -ئايدا ئىلى جياڭجۇنى بولۇپ تەيىنلىنگەن 1857-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭغا يۆتكەلگەن . 18. زارافىنتەي -- 1857-يىلى 4-ئايدا قايتىدىن ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1860 يىلى 7- ئايدا ئۆلگەن . 19 . چاڭ چىڭ -- 1860 -يىلى 7-ئايدا قايتىدىن ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1864 -يىلى 10 ئايدا ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى تۈپەيلىدىن ئەمىلىدىن قالدۇرۇلغان . 20. مىڭ شۇي -- قىزىل تۇغلۇق مانجۇ نولو قەبىلىسىدىن . 1864-يىلى 10 -ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1866-يىلى 5-ئايدا ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىدا ئۆلگەن . 21. روڭ چىۋەن -- سېرىق تۇغلۇق مانجۇ گورزۋا قەبىلىسىدىن . 1866 -يىلى 5- ئايدا ئىلى جياڭجۇنى بولۇپ تەيىنلەنگەن بولسىمۇ ، ئۇرۇش تۇپەيلىدىن ئىلىغا بارالمىغان 1879 -يىلى ئۆلگەن . 22. جىن شۈن -- سېرىق تۇغلۇق مانجۇ ئېرگىن جۇۋى قەبىلىسىدىن . 1876-يىلى روڭ چىۋەن بېيجىڭغا چاقىرتىلىپ ئورنىغا ئىلىغا جياڭجۇن قىلىپ تەيىنلەنگەن بولسىمۇ لېكىن جىن شۈن پەقەت 1181 -يىلى ئىلى چار روسيە قولىدىن قايتۇرېۋىلىنغاندىن كېيىنلا ئاندىن خىزمەت ئورنىغا بارالىغان 1185-يىلى 8- ئايدا بېيجىڭغا يۆتكەلگەن .لېكىن بېيجىڭغا يېتىپ بارالماي يولدا ئۆلگەن .23. شې لون --كۆك تۇغلۇق مانجۇ جورجىت قەبىلىسىدىن . 1885 -يىلى 8 ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1886 -يىلى 6-ئايدا خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان . 24. سېلىڭئېر -- ئاق تۇغلۇق مانجۇ جورجىت قەبىلىسىدىن 1886-يىلى 8-ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1896-يىلى5- ئايدا ئۆلگەن . 25. چاڭ گىڭ -- سېرىق تۇغلۇق مانجۇ ئىرگىن جۈۋى قەبىلىسىدىن .1890 يىلى 5- ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1901 7- ئايدا بېيجىڭغا يۆتكەلگەن . 26. مالىياڭ -- سېرىق تۇغلۇق مانجۇ قوشۇنىغا تەۋە خەنزۇ . 1901 -يىلى 7- ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1905-يىلى 6- ئايدا ئۇلاستاي جياڭجۇنلىكىگە يۆتكەلگەن . 1909 -يىلى ئۆلگەن . 27.چاڭ گىڭ -- 1905 يىلى 6- ئايدا ، قايتىدىن ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1909 يىلى 5 ئايدا شەنشى- گەنسۇ باش ۋالىلىقىغا يۆتكەلگەن .  28. گۇاڭ فۇ-- كۆك تۇغلۇق موڭغۇل قەبىلىسىدىن .1909 -يىلى 5- ئايدا ئىلى جياڭجۇنلۈككە تەيىنلىنىپ 1911- يىلى 1- ئايدا جاڭجۇ جياڭجۇنلۈكىگە يۆتكەلگەن .  . جىژرۇي -- قىزىل تۇغلۇق مانجۇ تاتارا قەبىلىسىدىن . 1911-يىلى 1- ئايدا جاڭجۇ جياڭجۇنلىكىدىن ئورۇن ئالمىشىپ ئىلىغا جياڭجۇن بولغان .شۇ يىلى 10 ئايدا كۈرەدىكى ياڭ زەنشۈي ، فىڭ تېمىن باشچىلىقىدىكى ئىلى شىنخەي ئىنقىلابىي پارتىيە ئەزالىرى تەرپىدىن قەتلى قىلىنغان . . ئېلېخۇي -- ئاق تۇغلۇق مانجۇ قەبىلىسىدىن . 1911 -يىلى 11-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى چاخار جياڭجۇنلىكىدىن يۆتكەپ ئىلىغا جياڭجۇن قىلىپ تەيىنلەنگەن . بىراق شىنخەي ئىنقىلابىي قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەتلىكى ئۈچۈن ۋەزىپىسىگە بارالمىغان . شۇڭا بۇ بۇ جياڭجۇن يىلنامە  دىكى رەسمى يارلىق چۈشۈرۈلگەن جياڭجۇنلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ لېكىن ئىلىدا ۋەزەپە ئۆتىگەن گېنىرالنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن .  ئىلى كۇرەدىكى جياڭجۇن مەھكىمىسى

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.