ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-11-07

    نۇرتاي ھاجىم ئىسكەندەر يىتىملار مەكتىۋى - [ئىلى دىيارىدا]

    نۇرتاي ھاجىم ئىسكەندەر يىتىملار مەكتىۋى

    شىنجاڭ << غەربى نۇر>> گۇرۇھى نۇرتاي ھاجىم يىتىملار مەكتىپى 1996-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭدىكى داڭلىق كارخانىچى ،ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىم ئۇچ مىليۇن 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سىېلىپ قۇرغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى تۇنجى،شۇنداقلا بىردىنبىر پۇتۇن كۇنلۇك تۇزۇمدىكى،پاراۋانلىق خاراكتىردىكى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتىپى، مەكتەپنىڭ ھازىر 35 ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىسى 300 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار،مەكتەپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 32 مو.2800 كىۋادىرات مېتىرلىق ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدىكى ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ياتاقدىن ئىبارەت ئىككى بىنا،600 كىۋادىراتلىق ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى ۋە مۇنچىخانىسى،1400 كىۋادىرات مېتىرلىق مەكتەپ قارىماي يولى ۋە 16500 كىۋادىرات مېتىرلىق چىملىق پوتبۇل مەيدانى ۋە باغ بار. مەكتەپ قۇرۇلغان 14 يىلدىن بېرى 300دىن ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۇتتۇرۇپ ئىلغار ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ،شاڭخەي،گۇاڭجۇ،دالىيەن قاتارلىق جايلاردىكى شىنجاڭ تولۇق ئورتا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىپ ياخشى ئۇنۇمگە ئېرىشتى. نۇرتاي ھاجىم يىتىملار مەكتىپى قۇرۇلغاندىن بۇيان<<جاپا مۇشەقەتكە چىداپ،ئاددى ساددى ياشاش،تېرىشىپ ئۇگۇنۇش،ھەقىقەتنى قوغلىشىش ،توختىماي ئىلگىرلەش>>روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،يىتىملارنى قوبۇل قىلىپ قۇتقۇزۇشنى ئاساس بىرمەكتەپدىن تەرەققى قىلىپ،ئىلغار باشىقۇرغۇچىلار قوشۇنى،ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى،ئىلغار تەربىيلەش،ئوقۇتۇش مۇھىتىغا ئىگە بولغان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىجتمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىكى بايراقدارغا ھەممە زور تەسىر كۇچكە ئىگە پۇقراۋى پاراۋانلىق مەكتىپگە ئايلاندى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۇمىتى،پارتۇكۇمنىڭ قوللىشى ۋە تۇرلۇك ئىدارە ئورۇنلارنىڭ قوللىشى،بىلەن نۇرتاي ھاجىم يىتىملار مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرتاي ھاجىم 14 يىلدىن بىرى ھارماي تېرىشىپ ئىلغار قوشۇننى قۇرۇپ مۇشۇ كۇنگىچە 16 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سالدى. مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرى يادىكار نادىر،جالالدىن سالاھىدىنلارنىڭ ئەتراپلىق باشقۇرشى بىلەن مەكتەپ كۇندىن كۇنگە تەرەققى قىلماقتا. بۇيىل ئۆتكۇزىلگەن غۇلجا شەھەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلار پوتبۇل مۇسابىقىسىدە 2- بولۇشتەك ياخشى نەتىجنى قولغا كەلتۇردى. تەنتەربىىيە ئوقۇتقۇچىسى قاسىمجان.خالمۇراتلارنىڭ كۆڭۇل قويۇپ مەشىق قىلدۇرشى بىلەن بۇنىڭدىن باشقا ئېلى ۋادىسىدىكى تۇرلۇك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۇردى. مەكتەپ قورۇسىدىكى بالىلارنىڭ قوللىرىنى مەيدىسى ئىلىپ سالام قىلىشنى كۆرگەندە سىز ھاياجانلانسىڭىز، قوللىردىن كىتاپنى چۇشۇرمەي ئوقۇۋاتقان بالىلارنى كۆرگەندە ئوقۇتچىلىرىغا رەھمەت ئېتماي تۇرالمايسىز. غۇلجا ئۇچۇر توربېتى ئىشخانسىدىكى خادىملار غەربى نۇر گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېىخىمۇ ياخىشى بولىشىنى ھەمدە نۇرتاي ھاجىم ئاكىنىڭ تېنىغا سالامەتلىك تىلەيمىز. مۇشۇ مەكتەپدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە رەھمەت ئېىتىمىز .

    مەنبە:غۇلجا ئۇچۇر تورى


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.