-
2011-02-28
غىنى باتۇرنىڭ جىڭ ناھيىسىدە خىزمەت تەكشۇرۇشى - [ئاتاقلىق كىشىلەر]
مەن غىنى باتۇر بىلەن كوپ ئەسرا بۇلمىغان ،ئەمما ئۇنىڭ ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا كورسەتكەن مىسلىسىز باھادىرلىقى تۇغرسىدىكى ھىكايىلەرنىكوپ ئاڭلىغان ئىدىم،ئۇ ھەقىقەتەن خەلىق باتۇرى ئىدى ،ئۇنىڭ ئۇڭى قارىراق ،بەستى يۇغان ،كوچتۇڭگۇر ،قۇرقۇمسىز ئادەم ئىدى ،مىنىڭچە ھىچ نەرسىدىن قۇرۇقماسلىق ئۇنىڭ ئاساسى خارەكتىرى بۇلوشى مۇمكىن ،شۇڭا ئۇ تەشكىل تۇزۇم ۋە پىرنسىپ دىگەنلەرگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيىتتى .
1947-يىلى مەن جىڭ ناھيىسىنىڭ ھاكىمى ھەم سوت باشلىقى بۇلوپ ئىشلەۋاتقان ۋاختىمدا غىنى باتۇر بىر نەچچە مۇھاپىزەتىچىدى بىلەن ماناس ئالدىنقى سەپكە بىرىپ ،قايتىشىدا جىڭ ناھيىسىگە چۇشۇپ بىر كىچە قۇندى ،ئەتىسى ئەتىگەندە <<يۇسۇۋاخۇنكا تۇرمىنى بىر ئارلاپ كىلەي >>دىدى .
بىر بىرلىكتە تۇرمە قۇراسىغا باردۇق ،ئۇ ھەر بىر كامىر ئىچىگە كىرىپ مەھبۇسلاردىن نىمە جىنايەت بىلەن تۇرمىگە كىرگەنللىكىنى سۇرىدى ،ئارىدىن بىر جىنايەتچى <،مەن قۇمۇشلىقتا ئۇۋ ئۇۋلاپ يۇرەتتىم ،تۇساتتىن مەندىن ئانچە يىراق بۇلمىغان قۇمۇش ئارسىدىن تۇت ئاياغلىق بىر نەرسىنىڭ قىچىپ كىلۋاتقانلىقىنى سەزدىم ،مەن ئۇنى ياۋا تۇڭگۇز ئۇخشايدۇ دەپ ئۇق ئۇزۇپتىمەن ،بىرىپ قارسام قىچىپ يۇرگەن قاچاق ئەسكەر ئىكەن >>-دىۋىدى ،،غىنى باتۇر ماڭا قاراپ <<مۇشۇنىمۇ تۇرمىگە قامامسىلەر؟يا ئۇ قەستەن ئادەم ئولتۇرمىسە >.دىدى -دە جىنايەتچىگە قاراپ ،كودە كورپەڭنى كۇتۇرۇپ چىقىپ كەت !دىدى مەن <<باتۇربۇ جىنايەتچىنىڭ دىلوسىنى غۇلجىغا ئالىي سۇت مەھكىمىسگە يۇللىغان ئۇ يەردىن بىر جاۋاپ بۇلماي قۇيۋەتسەك بۇلماس >دىسەم<<بۇلدى ئولارغا جاۋابىنى ئۇزەم بىرىمەن >>دىدى
گەرچە ۋاقىتلىق ھۇكۇمەتنىڭ جىڭ ناھيىسىگە بەلگىلىگەن ھاكىمى ۋە قۇشۇمچە سۇت باشلىقى بۇلساممۇ ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۇكۇتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى <خەلىق قەھىرمانى >ئالتۇن ئۇردىنىغا نائىل بۇ باتۇرنى تۇسۇپ قالالمايىتىم.
يەنە بىر كامىردا بىر ئايال جىنايەتچى بۇلوپ ،ئۇ ئۇز ئىرىغا زەھەر بىرىپ ئولتۇرگەن قاتىل ئىدى ،بۇنى ئاڭلىغان غىنى باتۇرناھايىتى غەزەپلىنىپ كەتتى -دە ئۇنى مۇھاپىزەتچلىرىگە ھەيدىتىپ جىڭ ناھيىسىنىڭ ئەڭ ئاۋات تۇت كۇچۇىسىغا ئاپىرىپ،خەلىققە ئىبرەت بۇلسۇن دەپ ئىتىۋەتتى،،،
بىز ناھيىلىك ھۇكۇمەت ئىشخانسىغا قايىتىپ كەلەەندىن كىيىن غىنى باتۇر مىنىڭدىن :
--سىلى بۇ قىتىمقى سۇقۇشتا گۇمىنداڭدىن نەچچىنى ئولتۇردىلا ؟---دەپ سۇرىدى .
--باتۇر ،مەن ئادەم ئەمەس ،ھازىرغىچە تۇخۇنىمۇ ئولتۇرۇپ باقمىغان --دىۋىدىم :
----مەن سىلىنى خىلى چۇڭ كۇرۇپ يۇرسەم سىلىمۇ چاغلىق ئادەملەنلا --دىدى --دە كىتىپ قالدى.
ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2008-يىل 3-ساندىن ،،ئابدىۋەلى مۇقىيىتنىڭ بۇۋام بىلەن سۇھبەت خاترىسى دىگەن ئەسەردىن ئىلىندى
收藏到:Del.icio.us
<< ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﯞ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭﻯ ---- ﺋﻮﺑﯘﻟﻬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﯞ _+;x 4K | باش بەت | ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت تارىخى رەسىملەر >>
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.