• 12/9/2010

    شاڭجاڭ ئايىقمنى كىيىۋاپتۇ - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87920793.html

                                                شاڭجاڭ ئايىقمنى كىيىۋاپتۇ     
                                                             فىليەتۇن

    ئەسلى تىما يازغان قولۇمنى چاناپلىۋتەي دىگەنتىم،لىكن يەنە لازىم بوپ قالا دەپ چانىمىدىم.بەختنىڭ نىملىكنى مۇنداق ھىس قىلدىم،بىز شۇنداق خەق ،بولۇپمۇ جەنۇپتا،باشلىق ئۈچۈن ھەممىنى ئايىمايمىز،مانا مەن ئۈچۈن شەرەپ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولماس،تۈنۈگۈن ھۆرمەتكە سازۋەر مۆھتەرەم سىكىرتارىم مىنى بىر سورۇنغا باشلاپ كىرىدى،بۇ سورۇندا شۇنداق سىكىرتاردىن15ى بارئىكەن،يىزىمىزنىڭ شۈجى ھەم شاڭجىڭمۇ بار بولۇپ سورۇن شۇنداق مول-ھوسۇللۇق ئىدى،مانا ئىچىشۋازلىق دىگەننى ئالامەت باشلىدۇق،يىرىم مەس بولغاندا شاڭجاڭ تۈيۈقسىز مىنىڭ قىشمغا رۇمكىنى كۆتىرەپ كەلدى،ھەم مىنى بىللە سوقۇشتۇرۇپ ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى،مانا بۇنداق شەرەپ كىمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ،بۇنداق شەرەپنى كۈتۈپ تۇرغان سىكىرتار دادۈيجاڭدى نەچچىسى بارلىقىنى سىز بىلمەيسىز،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەندەك بىر دىھقان تومپاي بىلەن شاڭجاڭنىڭ قەدەھ سوقۇشتۇرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىش ئىدى،مانا ئۇدۇلۇمدا شاڭجاڭ ئارلقىمىز 20سانتىمىتىر كەلمەيدۇ،ھەممىنىڭ كۆزى بىزدە،شاڭجاڭ نىمە دەركىن دەپ تىچلىنىپلاكەتكەن،تەقەززالىق،ماڭا بولغان ھەسەتخورلۇق،چىدىماسلىق ،ھاڭۋىقىش قاتارلىق ئادەمدە بولىدىغان سەزگۈلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تىكلگەن،
     
    --سىز كىم؟
    --مەن دىھقان،
    --ياخشى بىز دىھقانلارنى ھۆرمەتلەيمىز،ئۇلار بىزنىڭ كالىمىز،بىدىمىز،كالا ساغساقلا سۈت بىرىدۇ،ھاردىم تالدىم دىمەي ئىشلەيدۇ،بىدە بولسا يىلدا 4-5قىتىم ئورساقمۇ يەنە كۆكلەيدۇ،
    --رەھمەت شاڭجاڭ،
     
    مانا بۇ ئاز بىر قىسىم گەپ،شاڭجاڭ تەسىرلىنىپ بوينۇمدىن ئالدى،مەن بەكمۇ ھاياجانلاندىم،مىڭلىغان ئاخبارات مۇخبىرلىرى چارسلدىتىپ رەسىمگە تارتماقتا،ژورناللاردا بىزنىڭ سۈرەتلىرىمىز بىسلماقتا،باش بەتكە چقتىم، مانا بۇ مىنىڭ ھاياجانلىق خىيالىم،شاڭجاڭ بوينۇمغدىن ئىلىپ بىر مۇنچە گەپ قىلدى،سىكىرتارىم بولسا ھەم ئەجەپلىنىش ھەم ھاڭۋىقىش ھەم خوشلۇقتا بىزگە قاراپ تۇراتتى،ئىچىپ بولدۇق،شاڭجاڭ يىنمدىن كەتتى،مەنمۇ ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇردۇم،ئەمدى نۆۋەتتە ماڭا خوشامەتچىلەر يىغلدى،تاماكامنى تۇتاشتۇرۇپ برىدىغىنى سىكىرتار سەي يىدۈرۈپ قويىدىغنى دادۈيجاڭ ئىدى،مەن بەكمۇ پوچىلىشىپ قالدىم،يولداشلار مەندىن گەپ سوراشقا باشلىدى،
     
    ---شاڭجاڭ قۇلىقىڭىزغا بىر نىمە دىگەندەك قىلغان،نىمە دىدى؟
    --بۇ مەخپى دىيشكە بولمايدۇ،
    --دەڭا ،سىزنى ئەتىدىن باشلاپ دادۈيگە منبىڭ قىلمەن،ھاشارغا بارمايسىز،
    --سەل تۇرۇپ دەپ بىرەي،
     
    مانائەمدى مەن شۇنداق بىر ئادەمگە ئايلاندىمكى ھاي-ھاي ،بۇرۇ ن مەن سالام قىلسام ئىلىك ئالمايدىغانلار تاماق يەيلى دىسەم ئاچ قاپتۇقمۇ دەيدىغانلار مانا مۇلايملىشىپ قاپتۇ،ئەمەل ئۈچۈن خوتۇن-باللىرىنى سولاشتىن يانمايدىغانلار مەن ئۈچۈن پاي-پىتەك بولماقتا،سورۇنمۇ تۈگەي دىدى،سىكىرتار دادۈيجاڭلار مىنى يەنە باشقا يەرگە باشلماقچى،قىزلار بىلەن ئولتارماقچى،سەۋەپ شاڭجاڭ ماڭا نىمە دىگەنلكنى بىلمەكچى،بىز قايتىشقا تەييار بولدۇق،ئەپسۇس ئايىقىم يوق،ئىزدىدىم،يىڭى ئالغان 19كويلۇق ئاياق ئىدى،شۇنداق قىلىپ ئزلەۋەردىم قارىسام ئايىقىمنى شاڭجاڭ كىۋاپتۇ،سەپ بەرسىلە دىيەلمىدىم،سىكىرتار بۇنى بىلدى،ھەم منى تارتقۇشلاپ ئىلىپ ماڭدى،مەن بولسام يالاڭئاياق،سىكىرتار ماڭا ئاياق ئىلىپ بەرمەكچى،پايپاق بلەن كىتىپ بارماقتىمەن،بەخت دىگن شۇنداقلا بىر گەپكەنغۇ،ھۆرمىتىم ئاشتى،شاڭجڭغا مىڭلاپ رەھمەت دىدىم ئىچىمدە،مانا ئاياق بازىرىغمۇ كەلدۇق،189كويلۇق ئاياق،13كويلۇق پايپاق پۇتۇمدا،سىكىرتار تىخى مىنى بەكلا ئەتىۋارلىدى،
     
    --شاڭجاڭ بايا قۇلىقڭىزغا نىمەدىدى؟
    --ھاراقنى بەك كۆتىرەيدىكەنسىز دىدى،
    يەنىچۇ؟سىز شاڭجاڭغا مىنىڭ ئەزايىم ئىكەنلكڭىزنى دىدىڭىزمۇ؟
    --دىدىم،شاڭجاڭ سىزدىن خوش بولدى،
    ---يەنە نىمە دىدى؟
    ----ئەتە سىزنىڭ ئورنىڭىزغا مىنى سىكىرتار قىلمەن دىدى،
     
    تاسسىدە بىر شاپىلاقتىن بۇرنۇم قانىدى،يەنەكەينىدىن دادۈيجاڭ غالچا بىر مۇش سالدى،ئۇچۇپ كەتتىم،ئاياق بىلەن پايپاقنى سالدۇرىۋالدى.ئەتىدىن باشلاپ ھاشارغا سىلىشنى ھچقانداق يۇقىرىدىن كەلگەن تەمىناتتىن قەتئى بەھىرىمەن قىلماسلقىنى دەپ كىتىپ قالدى،بەختمۇ مىنى تاشلاپ نەگىدۇر يوقالدى،تۈگىدى،تەقدىرىم كاج كەلدى،ئەمدى بىرىپ شاڭجاڭنى تاپاي،ئايقمنى قايتۇرۇپ بەرسۇن،يالاڭئاياق ماڭماقتىمەن،كاچانغىچە،
     
                                 ھورۇنلۇق،نادانلىق چاپلاشتى ماڭا،
                                 ھازىرمۇ ياتىمەن كونا ئايۋاندا،
                                 باشقىلار چىقسا ئايغا مارسقا،
                                قاچانغىچە ماڭىمەن ئىشەك ھارۋامدا.

     مەنبەسى : مىسرانىم تورى

    ئاپتۇرى:بوران114





    评论

  • ۋەھشىي كىنايە بوپتۇ.
    ئەزىز回复بەگتاش说:
    بۇرانكامنىڭ يازمىلىرى بەكلا تېتملىق
    2011-01-05 13:20:01