• 12/7/2010

    ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ تۇرى ۋە ساپاسى - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87430399.html

      ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ تۇرى ۋە ساپاسى
    ھەر خىل تۇردىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا گەرچە ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار بولسىمۇ ، ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل خۇسۇسىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ.

    غەلبە قازانغان مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلاردا بار بولغان ئورتاق ئالاھىدىلىك ۋە ساپاسى


      
    1.ئارزۇ ئارمان

    ئارزۇ ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى ، كىشىلىك ھاياتنىڭ بىر خىل نىشانى .

    ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ،ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ھەمىشە رىئاللىقتىن ئېشىپ كېتىدۇ.ھەمىشە ئۇلارنىڭ ھازىرقى تۇرۋاتقان مەۋقەسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ھەمدە كۆز ئالدىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاشقا
      
    مۇھتاج بولغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھەمىشە ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۇچى ۋە پىداكارلىق روھى ئەگەشكەن بولىدۇ.

    ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئارزۇسى بولسا ئىتائەتچانلىق
      ئەمەس. ئۇ بولسا رىئاللىقتىن ئۇستۇن تۇرىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىنى دەڭسەپ ماڭغاندا ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ.بەزى چاغلاردا چوڭ  سەكرەپ ئالغا ئىلگىرلىگەندە ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. چۇنكى ئىگە بولۇشنى ئويلىسا ئۆزىنىڭ سالاھىيتى ،ئورنىغا تايىنىپ بايلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.شۇڭلاشقا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەيدىكەن،ئىگىلىككە تايىنىپ ئۆزىنىڭ سالاھىيتىنى ئۆزگەرتىش،ئورنىنى يوقىرى كۆتىرىش،بايلىق
    توپلاش كىرەك.بۇلار نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرھاياتىنىڭ <<ئۇچ تىرىلوگىيسى>>نى شەكىللەندۇرىدۇ.

      
    2.سەۋرىچانلىق

    بىزدە مۇنداق بىر ھىكمەتلىك سۆز بار <<جاپا مۇشاقەتتىن مۇۋاپىقىيەت كېلىپ چىقىدۇ>>.مەنىسى بولسا ئىگىلىك تىكلەش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس.

    ھازىر مودا بولۇۋاتقان <<يىغلاپ بولدى،ۋارقىراپ ھېرىدى،ئۇخلىدى،ئويغاندى،ئويغانغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەنە خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.>>دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ غەلبە قازانغاندىن كېيىنكى جاپالىق كەچۇرمىشىدىن ئىبارەت.

    سەۋرىچانلىق بولسا بىر خىل گۇزەل ئەخلاق.ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر ئۇچۇن ئېيىتقاندا،سەۋرىچانلىق ھەقىقەتەن چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك خارەكتىر.

    ئىگىلىك تىكلەشكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ،بەدەندە قالغان ئىزنا ھېچنىمە ھېسابلانمايدۇ.روھى جەھەتتىكى ئىزنا بولسا ئاندىن ئەڭ ئەجەللىك نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

      
    3.نەزەر دائىرە

    ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە يولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    بىرىنچى:كەسىپ

    ئىكىكىنچى :ئۇچۇر،گېزىت ،ژورنال، ئوپتىكىلىق ۋاستە، يېڭى خەۋەرلەر قاتارلىقلار.

    ئۇچىنچى:ھەرىكەت،<<نۇرغۇن كىتاپ ئوقۇپ،ئۇزۇن سەپەرلەرنى باشتىن كەچۇرۇش>>

      
    4.ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش

    ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشنىڭ مەنىسى ئىككى قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بىر ئىگىلىك تىكلىگۇچى بولۇش ئۇچۇن،بىرىنچىدىن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، ئىككىنچىدىن ھادىسىنى تەھلىل قىلىش كىرەك. ئاۋال ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشنى ئېلىپ ئېيىتساق ئۇ بولسا بىر يۆلىنىشتىن ئىبارەت.

    ئىگىلىك تىكلىگەن ئادەم چوقۇم ئەھۋالغا قارىتا سىياسەتنى تەھلىل قىلىش كىرەك. بۇ بىر چوڭ يۆلىنىش ھېسابلىندۇ. ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۇش بولسا سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش كۆرۇشتىن ئىبارەت. ئوتتۇرھال يۆنىلىش بولسا
    بازار پۇرسىتىنى كۆرسىتىدۇ.بازار
    دا ھازىرقى ئەۋىج ئېلىۋاتقان كەسىپ ياكى ساھە قايسى ،كىشىلەر نىمىنى ياخشى كۆرىدۇ.نىمىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ قاتارلىقلار.

    كىچىك يۆنىلىش بولسا ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ خاس ئىقتىدارى،خارەكتىرى،ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار. ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر ئىگىلىك تىلەش ئۇچۇن كەسىپ تاللىغاندا،چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا مۇۋاپىق كېلىدىغاننى تاللاش،ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا مۇۋاپىق كېلىشى كىرەك. ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرسا بولىدۇ.مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن ئۆزىگە پايدىلىق قىلغىلى شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىلىك ۋە پۇتۇن زېھنى بىلەن كىرىپ
      
    ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش بولسا بىر خىل ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى قىينايدىغان ئىش.ئىگىلىك تىكلەشتە ئازاپ چىكىشكە ئالدىن پىسخىكا تەييارلىقى قىلىش كىرەك.

    يەنە بىرى ھادىسىنى مۇلاھىزە قىلىش

    بىر ئىگىلىك تىكلىگۇچى ئادەمگەرچىلىكنى ئىشنىڭ يولىنى بىلىشى كىرەك.ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئالدىنقى مەقسىتى جەمئىيىتنى ئۆزگەرتىش ئەمەس بەلكى قانۇن نىزاملارغا مۇۋاپىق ھالدا پۇل تېپىش ئۇچۇن بولۇشى كىرەك.

    ئىگىلىك تىكلەش بولسا كىچىككىنە ئىمكانىيەت بولسىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلىش ،بولۇپمۇ جەمئىيەت ئۇچۇن ئېلىپ ئېيىتقاندا،ھەر خىل قائىدە تۇزۇملەر،قانۇنىي شارائىتلار تېخى تولۇق پىشىپ يىتىلمىگەن ئەھۋالدا ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر ئاۋال جەمئىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگەندە ئاندىن ئىشنىڭ يولىدىكى ھەر خىل مەسىلىلەردە خاتالىق كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر چوقۇم نىشانىنى ئېنىقلىشى كىرەك،شۇنداقلا يەنە ھۆكۈمەت ئىشلىرى ، سودا ئىشلىرى ۋە يەنە تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ۋە ئىشنىڭ يوللىرىنى بىلىۋېلىش قاتارلىقلار بولسا بىر ئىگىلىك تىكلىگۇچىدە بولۇشقا تىگىشلىك تەبىئىي خىسلەت.

      
    5.سەزگۇرلۇك

    ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ سەزگۇرلۇكى بولسا سىرتقى دۇنياغا بولغان سەزگۇرلۇك بولۇپمۇ سودا پۇرسىتىنىڭ سۇرئىتگە ئۇيغۇنلۇشىشتىن ئىبارەت.

    ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزدە سودىگەر بولۇشنى ئويلىسىڭىز .ئۇ چاغدا سىز چوقۇم مەشىق قىلدۇرۇلغان ئوۋ ئىتىغا ئوخشاش ئۆزىڭىزنىڭ سودىغا بولغان ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۇرۇڭ. ياخشى بولغان سودا سىزىمى بولسا ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ غەلبە قازىنىشىنىڭ ئەڭ ياخشى كاپالىتى