• 12/2/2010

    گوگىل ئىلانىدا ئامىۋى ئىلان كۈرىنىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك - [ئۇنۋىرسال بىلىملەر سالونى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86480709.html

    ئىنتىل تور بىكىتىدىن ئەلئوغلى

    بۇ تېما ئىنتىل تور بىكىتىدىن كۈچۈرۈپ كىلىندى.
    يۇقارقى مەسىلىگە ئۇچرىغان تورداشلار كۆپ.
    نۇرغۇن تورداشلار ئاممىۋىي ئېلان چىقىۋالغىنىغا قاراپلا ئېلان ساختا ئېلانكەن دەپ ئويلاپ قالىدىكەن.
    گوگىل ئېلانىنىڭ ساختىسى يوق. ساقتىلىق قىلىپ گوگىل ھىساباتىمۇ ئالغىلى بولمايدۇ.
    ئېلاننى ئالغاندىن كىيىن سىزنىڭ ساقتىلىق قىلماي ئىشىلتىشىڭىزگە باغلىق.
    ساقتىلىق قىلسىڭىز ياكى كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلسىڭىزلا ئېلان توختايدۇ.

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

    تور بەتتىكى ئېلانلارغا قارىسام پات پات ئاممىۋىي ئېلان (公益) بولۇپ قالىدۇ ،بۇنى باشقىلار چەككەن بولسىمۇ كىرىمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ .
    بۇ نىمىشتۇ دەپ توردىن ئىزدەپ تور بەتتىكى ئېلاننىڭ ئاممىۋىي بولۇپ قىلىشنى بىرقانچە سەۋەبلىرىنى تىپىپ چىقتىم،سىزنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ قالغان بولسا  تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ  .

    1. مەزمۇننىڭ يېڭىلىنىشى
    ،google دا مەزمۇن پادىشاھ دەيدىغان بىر گەپ بار (content is king)شۇڭىلاشقا تور بېكىتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىڭ بولۇپمۇ تېمىسىغا Google ئېلانى تور بەتتىكى مەزمۇنغا ئاساسەن ئۆگىرىپ شۇنىڭغا ماس ئېلان چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن يېڭى مەمۇن بولمىسا ئاممىۋىي ئېلانغا ئالمىشىپ قالىدۇ .
    2.تور بەتنىڭ زىيارەت مىقدارى
    مىنىڭچە adsense زىيارەت مىقدارى يۇقىراراق توربەتكە مۇنداراق قارامدىكىن دەيمەن ، نىمىشقا دىسىڭىز زىيارەت مىقدارى يۇقىرى توربەتكە google قاراپ تۇرۇپ ئاممىۋىي ئېلان چىقىرىپ  قويماس ،ئۇلارنىڭمۇ زىيان بىلەن خوشى يۇققۇ دەيمەن شۇڭا زىيارەت مىقدارى يۇقىرى توربېكەتلەردە ئاممىۋىي ئېلاننىڭ چىقىشى ئازراق بولىدۇ
    3.ئاچقۇچلۇق سۆز
    adsense نىڭ مەمۇننى پەرق ئىتىش ئىقتىدارى بولمىغان بولسا رەسىم بولامدۇ ياكى باشقا flash ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى كۈندە ئالماشتۇرۇپ يېڭى يوللانما قىلىپ چىقىرىپ قويىۇتتۇق ئەپسۇس بۇنى قىىلىپ بولالمايمىز دە
    4.ساختىلىق قىلماڭ
    بىز تاش ساناپ بولغۇچە ،خەق قۇم سانايدۇ. ھازىر google سىزنىڭ چىققان Ipۋە باشقا ئۇچۇرلىڭىزنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغان بولىدۇ شۇڭا ساختىلىق قىلىپ پۇل تاپىمەن دىمەڭ بولمسا بىر ئوبدان ئېلان كىرىمدىن ئايرىلىپ قالىسىز ، بىزغۇ ئۆزىمى چىكىپ سالساق دىققەتمۇ قىلمايدىكەنمىز، خەنزۇلار دىگەن Google غا خەت يىزىپ قەستەن چەكمىدىم مائۇس تىگىپ كەتتى دەپ داكىلات خەت يازىدىكەن . شۇڭا ساختىلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

    بۇ مەسلە ئۇزۇندىن بۇيان توردا تالاش-تارتىش بولۇپ كەلدى. ھىچقانداق ئورۇندا جاۋبى يوق! مەيلى ئېنگلىزچە تور بېكەتلەرنى ئاقتۇرۇڭ، مەيلى خەنزۇچە بېكەتلەرنى ئىزدەڭ پەقەتلا ئېنىق جاۋاب بېرىلمىگەن. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىمىز.
    1. سۇئال: تور بېكەتتە نىمىشقا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانى چىقىۋالىدۇ؟
    جاۋاب: تور بېكەتنىڭ يېزىقى (تىلى ئەمەس) Adsense ئېلانى قوللايدىغان يېزىقلار دائىرسىدە بولمىغان ئەھۋالدا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانلىرى چىقىۋالىدۇ. مەسلەن: «بۇش كلىنتون ھاررىكەن كاترىنا فۇندىغا ياردەم قىلامسىز؟» دىگەندەك.
    Adsense تۆۋەندىكى تىللارنى قوللايدۇ:
    ئەرەب، بۇلغار، خەنزۇ، كروشان، چېخ، دانىيە، گوللاندىيە، ئېنگلىزچە، فىن (فىنلاندىيە)، فرانسۇز، گېرمان، گرىك، ئىبراي (ئىبراھىم ئەلەيھىسالام تىلى ياكى يەھۇدى تىلى)، ھۇنگار ( ۋېنگېرىيە)، ئىتالىيان، ياپونچە، كورىيان، نورۋىگىيان، پولشا، پورتۇگال، رۇم، رۇس، سېرىب، سلوۋاك، ئىسپان، تۈرك، پارىس (ئىران، تاجىكىستان) قاتارلىق يېزىقلار.
    ئۇنىڭدىن باشقا ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان Adsense ئېلانى يەنە ۋېيتنام، ھىندونوزىيە ۋە تايلاند يېزىقلىرىنى قوللايدۇ.
    دىمەك تور بېكەتنىڭ يېزىقى يۇقىرقى يېزىقلارنىڭ كەم دىگەندە بىرى بىلەن ماس كەلمىسە Adsense ئېلانى بېكەتتە نورمال كۆرۈنمەيدۇ.
    2. ئۇنداقتا Adsense ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللامدۇ؟
    قوللايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر يېزىقى پۈتۈنلەي ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى يېزىق بولغاچقا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە كۆپۈنچە ھالدا ئەرەبچە ھەم پارىسچە ئېلانلار چىقىدۇ ھەم نورمال كۆرۈنىدۇ. ھىچقانداق تىل كودى قوشۇلمىغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە پاراۋانلىق ئېلانلىرىنىڭ چىقىۋېلىشى يالغۇز يېزىقنىڭ ئانچە ماس كەلمەسلىكىدىن بولۇپ قالماي، Adsense ئاپشاركىسىنىڭ بېكەتتىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئىگىلەپ بولالمىغانلىقىدىن بولغان.
    دەسلەپ بېكەتكە ئېلاننى قويغان 2 كۈن ئىچىدە ئېلان نورمال كۆرۈنىدۇ، 2 كۈندىن كېين پاراۋانلىق ئېلانى چىقىشقا باشلايدۇ.
    3. پاراۋانلىق ئېلانى چىققاندا قانداق قىلىمىز؟
    ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز ناخشا ياكى كىنو بېكىتى بولۇپ، يېزىقچە مەزمۇن ئاز بولسا بېكىتىڭىزدىكى پارۋانلىق ئېلانى ئۇزۇن مەزگىل ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن، خەنزۇچە بېكەتلەردىمۇ مۇشۇنداق ئېلان چىقىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. تىل كودى ئارقىلىق Adsense ئېلانىنىڭ تىلىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
    ئەسكەرتىش: google_language = zh-CN بۇ تىل كودى Google شىركىتى قانۇنلۇق ئىشلىتىشنى يولغا قويغان تىل كودى ئەمەس، ئەگەر مەزكۇر كودنى قوشسىڭىز ئوخشاشلا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولىسىز. ئەمما مەزكۇر كود جۇڭگودىكى بېكەتلەردە Adsense ئېلانىنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسلىسىنى ھەل قىلغان بولغاچقا ھازىرغىچە ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلمىدى. بۇ بەلكىم Adsense نىڭ جۇڭگودا ئېرىشمەكچى بولغان تەرەققىياتى بىلەن مۇناسۋەتلىكتۇ ياكى باشقىدۇ.
    google_language = zh-CN دىكى zh-cn جۇڭگو-خەنزۇچە دىگەن مەىنى بىلدۈرىدۇ. سىز بۇنى Ar غا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېلاننى ئەرەبچە كۆرسىتەلەيسىز، en غا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېنگلىزچە كۆرسىتەلەيسىز.
    ئەمما دىققەت قىلىڭ. تور بېكىتىڭىزدە ئېنگلىزچە ئېلان كۆرۈنۈپ، ئېلان چېكىدىغانلار كۆپۈنچە جۇڭگودىن بولسا سىزنىڭ ھىساباتىڭىز گۇمانلىق ھىساباتلار قاتارىغا كىرىدۇ.
    ئەگەر سىزنىڭ تور بېتىڭىز مەزمۇنى قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بلوگ بولسا پاراۋانلىق ئېلانى چىقىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، تەخمىنەن 2 ئايلاردىن كېيىن Google ئىزدەش ئاپشاركىسى بلوگدىكى بارلىق مەزمۇن ۋە ماقالىنى، ھالقىلىق سۆزلەرنى تولۇق ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرچە بلوگدىمۇ Google ئېلانى ھىچقانداق كود قوشماي تۇرۇپلا نورمال كۆرۈنىدۇ.
    ئالايلۇق: http://baliq.blogspot.com تەكلىماكان بلوگدا ھىچقانداق تىل كودى قوشۇلمىدى، ئەمما ئېلان نورمال كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋالنى ئاساسەن ئۇچراتمىدىم. دەسلەپ ئېلان قويغاندا بىر نەچچە ئايغىچە ھەقسىز ئېلان چىقىۋالغان ئىدى.
    4. تىل كودى قوشقاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
    تىل كودى قوشقاننىڭ پەقەت كىنو -ناخشا قاتارلىق مەزمۇن ئاز تور بېكەتلەردىلا ئېلاننىڭ نورمال كۆرۈنۈشى ئۈچۈن پايدىسى بار، ئەگەر مەزمۇنى ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بلوگ، مۇنبەر قاتارلىقلار تىل كودى قوشقاندا پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئېلان چىقىدۇ، بۇ ئېلانلار مەيلى بېكەت مەزمۇنى بىلەن ماس كەلسۇن، كەلمىسۇن چوقۇم نورمال كۆرۈنىشى كېرەك. بۇ خۇددى تراكتورنى سۆرۈتۈپ ئوتالدۇرغاندەك ئىش ! بۇ چاغدا ئەڭ ئەرزان باھالىق، ھەتتا بىر چېكىلىشى 0.01 دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان ئېلانلار بەك كۆپ چىقىدۇ. بۇنداق ئېلانلارنى سۈزۈپمۇ تۈگىتىپ بولالمايسىز.
    5. تىل كودى قوشمىغاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
    تىل كودى قوشۇلمىغاندا Adsense ئېلانى تەخمىنەن 2 ئاي ئىچىدە تور بېكەتتىكى بارلىق تەبئى ئاچقۇچلۇق سۆز ۋە ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى پۇراپ تاپىدۇ ۋە ئېلاننى نورمال كۆرسۈتۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا بلوگدا يۇقىرى باھالىق، بېكەت مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان، سۈپەتلىك ئېلانلار كۆرۈنىدۇ. ھەر بىر چېكىلىشى مېنىڭچە 0.5 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، بىر قېتىم كۆرۈلۈشى 20 دوللارلىق سىنلىق ئېلانلارمۇ كۆرۈنۈشى مۇمكىن.
    تەكلىماكان بلوگ http://baliq.blogspot.com دىكى ئېلانلارنىڭ چېكىلىش قىممىتى خېلى يۇقىرى، ئەمما تەكلىماكان بلوگ (ئاسىيا) http://baliq.blogbus.com دىكى ئېلانلارنىڭ يەككە چېكىلىش قىممىتى بەكلا تۆۋەن.
    خۇلاسە:
    بلوگنى ياخشى يېزىڭ، مەزمۇنلۇق يېزىڭ، ماقالىلەر سەرخىل بولسۇن ! شۇنداق بولغاندا Adsense قا ئىككىلەمچى كود قوشۇپ، ئېلاننى مەجبۇرى نورماللاشتۇرۇش ھاجەتسىز، پەقەت بىر نەچچە ئاي ساقلىسىڭىزلا ئېلان نورمال كۆرۈنىدىغان بولىدۇ.

     بۇ تېما ئىنتىل تور بىكىتىدىن كۈچۈرۈپ كىلىندى.
    يۇقارقى مەسىلىگە ئۇچرىغان تورداشلار كۆپ.
    نۇرغۇن تورداشلار ئاممىۋىي ئېلان چىقىۋالغىنىغا قاراپلا ئېلان ساختا ئېلانكەن دەپ ئويلاپ قالىدىكەن.
    گوگىل ئېلانىنىڭ ساختىسى يوق. ساقتىلىق قىلىپ گوگىل ھىساباتىمۇ ئالغىلى بولمايدۇ.
    ئېلاننى ئالغاندىن كىيىن سىزنىڭ ساقتىلىق قىلماي ئىشىلتىشىڭىزگە باغلىق.
    ساقتىلىق قىلسىڭىز ياكى كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلسىڭىزلا ئېلان توختايدۇ.

     

    مەنبە :ئىنتىلىم تور يازمىلىرى