• 10/5/2010

    ئۇلار شۇنداق دىگەن ular xundaq digen - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/76688237.html

    ئۇلار شۇنداق دىگەن ular xundaq digen

    دادام مۇنداق دىگەن :
    مەندىن ۋەج ئەمەس قەرز قالىدۇ ، قەرزىڭ بولسا ئىشلەشنى ئۆگىنىسەن دىھقان بولساڭمۇ بىلىملىكراق بول ، خوتۇنۇڭنى ئۇرما ، تىللىما لىكىن ئىنساۋىنى تىلە ، ھازىر قىزلارنى باشقۇرماقتىن ئوغۇللارنى باشقۇرماق تەس ، بالاڭنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمە، بالاڭنىڭ ئالدىدا خوتۇنۇڭغا ئەركىلىمە، قىزلارغا ھىجايما ، يىرىڭگە ئوبدان ئىشلە . . .
    مۇھەببەتكە سادىق بولامسەن بولمامسەن بۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى ، كىشلەرنى ھۆرمەتلە بىر ئىرىق سۇ بىلەن ئاۋامنى خوش قىل ، باشقىلارغا قارغىش تىلىمە . . .

    دادام ۋاپات بوپ كەتتى .

    ئانام مۇنداق دىدى :
    ئۆلۈپ كىتمىز ، ئادەم دۇنيادا پۇلغا تويمايدۇ ، يالاڭئاياق قىززىق توپىغا دەسسەپ مىڭىپ قوي .   شەھەرلكلەرنى بەك دوراپ قالما ، ئېشەك ھارۋىسمۇ قاتناش قورالى ، بالاڭنى 3 كۈندە بىرقىتىم بولسىمۇ قورقۇتۇپ تەربىيە قىل . . .

    خوتۇنۇم مۇنداق دىگەن :
    سىز بەك ئوبدان ، پۇل بارمۇ بازارغا چىقايلى ،ئانىڭىزغا ئازراق ئالغاچ بارساقمۇ بولىدۇ ، چىشى يوق يىيەلمەيدۇ ، ئانامغا ئىلىپ بارايلى ! تانسىغا بارامدۇق يا ؟ چېچمنى بۇدۇر قىلايچۇ ؟ ئىتىزلققا سىلى چىقىڭلار ، مېنىڭ گېپمنى ئاڭلاڭە جىنىم . . .

                            *******
    شۇنداق قىلىپ مەن ۋەيران بولۇپ بويتاق قالدىم . . .

    بالام مۇنداق دېدى :
    ئۇكامنى سىغىندىم ، بايراملىق كىيىم ئەپ بىرىڭا ، نىمىشقا  ئاجىرشىپ كەتتىڭىز ؟ ئانامنى كۆرگۈم كەلدى ، ئانامنى كۆردۈم . . . يېنىدىكى سىز ئەمەسكەنسىز .

    .........ئاكام يوق ئىدى،ئۇكاممۇ يوق ئىدى ، سىڭلىممۇ يوق ھەم ئاچاممۇ يوق ئىدى ، بولمىسا ئۇلارنىڭمۇ گىپى بار ئىدى.......

    ئاپتۇر:بوران 114boran   . 114
    مىسرانىم مۇنبىرى misranim bbs

    blog : ak22.blogbus.com