• 9/23/2010

    زالىممۇ ياكى قەھرىمانمۇ ؟تارىخنىڭ باھاسى ،قايتا ئويلىنىشلارtarix nig qayta bahsi - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75459595.html

    زالىممۇ ياكى قەھرىمانمۇ ؟تارىخنىڭ باھاسى ،قايتا ئويلىنىشلارtarix nig qayta bahsi

               
    قەھرىمان كۆپ سانلىقنىڭ بەختى ئۈچۈن قىلغان نۇرغۇن كۈرەشلىرى بەدىلىگە ،ئاز سانلىق بىر قىسىم ئاۋامنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە دۇچار بولىشى نورمال ئىش.بىراق ئۇلار ئۈچۈن ئۆز دۆلەت مەنپەئەتى ،ھەم مىللەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا .ئۇلارنىڭ ھاياتىغا پەقەت تارىخى نۇقتىدىن باھا بېرەلەيدىغان ئادەملەرلا پىكىر قىلىشقا ھوقوقلۇق .ھىسسىي ھاياجان بىلەن تەپەككۈر قىلىدىغان ئادەملەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا .
    زوڭتۇڭ بوش ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىراققا ئۇرۇش قوزغىشى ،ئۇنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىغى،ئوخشاشلا ساددام ھۈسەيىننىڭمۇ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىشى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىغى .ئۆز دۆلىتىنىڭ ،مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بارلىق قەھرىمانلار ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر .
    شەرق رىۋايەتلىرىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئاجايىپ پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش ساددام ھۈسەيىنمۇ ئەگرى-توقاي ھايات مۇساپىسى ،ھادىسىلەرگە باي ئىش-ئىزلىرى ،ئوزگىچە ھاكىمىيەت كوز قارىشى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا دەرىجىدىن تاشقىرى تەسىر قوزغىغان شەخس .مىليونلىغان تەلەپكارلارنىڭ نامازلىرىدا،دۇئا تىلاۋەتلىرىدە ئۇلۇغ خۇدادىن تىلەۋاتقان ئورتاق تىلەكلىرى ۋە ئۈمىدىنى ئوزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ تولۇق قىسمىغا ئايلاندۇرغان بۇ قەھرىمان ،ئوز غايىسىنىڭ ۋە پائالىيىتىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ،باشقا دەۋىرداش باھادىرلار بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى.مىلادىدىن بۇرۇن ياشىغان رىمنىڭ ھەربىي قوماندانى قەيسەر،ئوز يېقىنلىرى،ۋە ئوغلى تەرىپىدىن سۇيقەست قىلىنىپ ئۆلۈش ئالدىدا ئوغلىغا قاراپ « بالام ،ئەسلىدە بۇلارنىڭ ئىچىدە سەنمۇ بار ئىكەنسەن- دە !دەپ قاتتىق ھەسرەت ئىچىدە جان ئۈزۈپتىكەن .ساددام ئوز ئۆلىمىنىڭ ، ۋەتەنداشلىرى تەرىپىدىن قىزغىن ئىجرا قىلىنغانلىقىنى كورۈپ ،قانداق ئۈمۈتسىز تۇيغىلارغا كەلگەندۇ ؟!  ئۇنىڭ ئۆلىمى، تورۇس ،ھىمالايا تاغلىرىنىلا ئەمەس، يىراق ئالپىس،ۋە ئاندىس تاغلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇردى .  ئۇنىڭ ئولىمىنىڭ تەسىرىگە ،باغدات،دەمەشق ،ئىستانبوللا ئەمەس بەلكى بېيجىڭ ،لوندون،ۋاشىنگىتونمۇ ئۇچرىدى .  ئۇنىڭ ئۆلىمىگە، نىل، ئېفرات دەريا ۋادىلىرىدىلا ئەمەس ھەتتا خۇاڭخې،مىسسىپى ۋە دوناي دەريا ۋادىلىرىدىمۇ ئېچىنىدىغانلار چىقتى ..   7- ئەسىردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە بىلەن بولغان توقۇنىشتا  مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىرىلىپ كېتىشى مۇتلەق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىسادداممۇ ئۈستۈن ھەربى كۈچ بىلەن بېسىپ كېلىۋاتقان دۈشمەن دولەت بوسىغىسىغا يېتىپ كەلگۈچە ،ئوزىنىڭ تەمكىن مۇسۇلمانلارغا خاس ئوبرازىنى ساقلىدى ۋە كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن ئاشكارا ئۇرىشىشنىڭ خەلقىغە ئېلىپ كېلىدىغان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇن كۈرەشكە ئاتلانغانئىدى.  مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىچىك نەۋرىسى ھۈسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەينى ۋاقىتتاكۇفە (ئىراق)لىكلەرنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ،مۇئاۋىيە بىلەن ئۇرۇشماقچى بولغان ئىدى .بىراق شۇ دەۋىرلەردىلا ئىشەنچىسىز سانالغان بۇ خەلىقنىڭ ئىچىدىكى قوللىغۇچىلىرى ئۇنى ھىمايە قىلىشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن،كەربالادا ئېچىنىشلىق ئولتۈرۈلگەن .  سادداممۇ ، يۇقۇرقى پاجىئەدىكىدەك بىر قىسىم يېقىنلىرى ۋە دېمكىراتىيەسىراپ كەتكەن زامانداشلىرىنىڭ دۈشمەن بىلەن بولغان ھەمكارلىغى نەتىجىسىدە قولغا چۈشۈپ ،ئۆلتۈرۈلىش تەغدىرىدىن قۇتۇلالمىدى.12- ئەسىردىكى ، كۇرت پەرزەنتى ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى ،ئېرۇسالىمنى ئىككىنچى قېتىمفەتھى قىلغۇچى سۇلتان سالاھىددىن ،شۇ دەۋىردە تولۇق مۇستەقىل بولۇش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ ،ئىسلامخەلىپىلىگىنىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى قوغداش ئۈچۈن ،خەلىپىگە بەيئەت قىلغانتى . بۇ تارىخنى ۋە سالاھىددىننىڭ روھىنى، ئوزىگە ئۈلگە قىلغان ساددام ھۈسەيىن ،يېڭىدىن قۇدرەت تېپىۋاتقان دۆلىتىنى پارچىلاش غەرىزىدىكى بولگۈنچى كۇرت مىللەتچىلىرىنى مەخسىتىگە يەتكۈزمىدى .ۋە بۇ «ئاتالمىش جىنايىتى«گە بىر قىسىم كۇرت مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھوكۈم قىلىندى .ئىسلام دىنىنىڭ يادرولۇق ھاكىمىيەت ئىدىيىسى بولغان دېمىكىراتىك ئۇسۇلدا خەلىپە سايلاش ئەنئەنىسىنىلا ئەمەس ،نۇرغۇن ئەسلى ئەقىدىلەرنىڭ ئوزگۈرۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان ،ئىسلام خەلىپىلىگىگە ئېغىر زىيانلار كەلتۈرگەن ،شىئە ئەقىدىسىدىكى فاتىمىيە سۇلالىسىنى بەربات قىلىپ ،ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى نوپوزى ۋە ئەقىدىسىنى قوغدىغان،ئىسلامنىڭ ئاۋانگارت جەڭچىسى ئابدۇراھمان 111 ۋە سۇلتان سالاھىددىنلارنىڭ توھپىسىنى بۈگۈنگىچە ئەۋلاتلار يادلاۋاتىدۇ .ئەمما ئېچىنىشلىق يېرى، ئىران ئىسلام ئىنقىلاۋى غەلبە قىلغاندا ،تەنتەنە قىلىپ ، قوللىغان ساددام ھۈسەيىنگە كېيىن ئىرانئوزىنىڭ شىئە ئەقىدىلىرىنى ئېكىسپورت قىلىشقا باشلايدۇ . ئۆز دولىتىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە مۇقىملىغى تەھدىدكە دۇچ كەلگەنلىگىنى ھېس قىلغان بۇ زامانىمىزدىكى «سالاھىددىن» قارشى تۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ .بىراق ئۇنىڭ بۇ تارىخىي توھپىسى باشقىلار تەرىپىدىن جىنايەت ھېساپلىنىدۇ ...... ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاز كەم 100 يىللىق غايىسىنىڭ ،تالان-تاراجلىق تارىخىغا بولغان زەردىسىنىڭ ، ساھىبى بولغان بۇ مىللى قەھرىمان ،ئەجداتلارنىڭ ئەۋلاتلارغا سوزلەپ بېرىدىغان تىراگىدىيىلىك داستانىنى يارىتىپ،ئوزىنىڭ شانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى .....                          
                                                      
      باتۇرلۇق – ئىنساننىڭ تۈپكى پەزىلەتلىرىدىن بىرى ،بۇ خىل پەزىلەتنى باشقا خۇلق-پەزىلەتلەر تولدۇرالمايدۇ ،شۇنداقلا قانداقلىكى ئەيىپ ۋە نۇقسانلار بولسۇن ، ئۇنىڭ تەسىرى ئالدىدا خىرەلىشىدۇ ، ئىنسان ئەيىپ –نۇقساندىن خالى بولالمايدۇ ،پەقەت ،نۇقسانسىز يىگانە «ئاللا» دۇر.
    قورقۇنچاقلىق ، بارلىق ئىللەتلەرنىڭ يادروسىدۇر ، ئۇ ئوزىنىڭ ھەقىقەت ئالدىدا سۈكۈتقىلىدىغان نامەرت پوزىتسىيىسى بىلەن   ئىنساندىكى بارلىق ياخشى پەزىلەتلەرنى يۇيۇپ تاشلايدۇ .گېتلىر «ئادەمنىڭ ھاياتىغا باھا بېرىشتە ، ئۇنىڭ قانداق ئۆلۈمدە ئۆلگەنلىكىگە قاراش كېرەك »دەپتىكەن . ساددام ھۈسەيىننىڭ سوت مەيدانىنى ئاخىرقى جەڭگاھ ھىساپلاپ ،غۇرۇرىنى يوقاتماي تىز   پۈكمەسلىگى ئۆلتۈرۈلش ئالدىدىكى ھەر-بىر سېكونتنى ئىنسان ئەقلىدىن ھالقىغان تەمكىنلىك بىلەن ئوتكۈزگەنكلىگى   ،ئوغۇللىرىنىڭ دۈشمەن بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ، ئوزلىرىگە شەرەپلىك بولغان ئۆلۈمنى تاللىۋالغانلىقى ھەتتا تېخى ئاغزىدىن  ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن كىچىككىنە نەۋرىسىنىڭمۇ قولىدا قورال بىلەن باھادىرلارچە قۇربان بولغانلىقى ، ئۇلار توغرىسىدىكى بارلىق پىتنىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى .بۇ سەبى فەرزەنتنىڭ ھەركىتى بىزگە 13-ئەسىرىدىكى ،ئىسلامىيەتىڭ ئۇلۇغ قەھرىمانى ،خارەزىم خانلىقىنىڭ شاھزادىسى ، تۈرك جالالىددىن مېڭگۈ بېردىنىڭ دۈشمەن ئالدىىدا تىز پۈكمەي قۇربان بولغان ، سەبى ئوغلىنىڭ قەيسەر قىياپىتىنى ئەسلەتتى
    ..دۇنيا ئۇلارنىڭ قىياپىتىدىن بۇ زىمىندىكى خەلىقلەرنىڭ تومۇرىدىكى ، شانلىق تارىختىكى ئەجداتلىرىنىڭقېنىنى كورگەندەك بولدى .
     
    تارىخ ئوز باغرىدا نۇرغۇن قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرگەندەك، نۇرغۇن تارىخى قەھرىمانلارمۇ ئوز دەۋرىنىڭ تارىخىنى ياراتتى .بىر خەلىقنىڭ مىللى قەھرىمانى بولماسلىقتەكمۇ ئېغىر بەخىتسىزلىك بولماس .   قەھرىمان ئەۋلاتلارنىڭ تارىخقا بولغان مۇھەببىتىنىڭ يادروسىدۇر .ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى ، چاقىرىق كۈچكە ئىگە پائالىيىتى بىزنى ئۆتمۈش بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان   مۇھەببەتلىك زەنجىردۇر .  سىزنى ، بىزنى شۇنداقلا ھەممىمىزنى ئورتاقلاشتۇرالايدىغان مەڭگۈلۈك غايىدۇر 
     





    评论

  • سادام توغرىسىدىكى بۇ مۇلاھىزە ھەقىيقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. پىكىرلىرىڭىز كىشىنى قايىل قىلىدۇ. يارايسىز!
    ئەزىز回复چەۋەندازلار说:
    بۇ ماقالىنى مەن يازمىغان ماقالە مەنبەسىنى ياخشى بىلمەيدىكەنمەن . بۇ تەھلىللەرگە ھازىر مەنمۇ قوشۇلۇپ قالدىم ،بۇرۇن سادامنى مۇستەبىت ، كوردلارنى قىرغان زالىم دەپ ئويلايتىم لىكىن سادام تەخىتتىن غۇلىغاندىن كىيىن ۋەيرانچىلىق ئازاپ ئوقۇبەت ،ئۇرۇش ئىچىدە قالغان ئىراق خەلىقىنىڭ ئەھۋالىنى تېلۋىزورلاردىن كۆرۈپ سادەمنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى ئىكەنتۇق دەپ ئويلاپ قالدىم . ھازىر ئامرىكا ئىراقتىن ئەسكەر چىكىندۈرۈپ چىقىپ كەتتى، ئىراق خارابىلىككە ئايلىنىپ قالدى . ئەمدى سادامغا ئادىل بىر باھا بېرىدىغان ۋاقىتمۇ كەپ قالغان بولسا كېرەك .
    2010-09-26 11:04:38