• 9/21/2010

    ياسىنىش ئادەمنىڭ قەدىر-قىمىتىنى ئۆستۈرەمدۇ؟adamig kadir kimiti nima bilan - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75390763.html

       ياسىنىش ئادەمنىڭ قەدىر-قىمىتىنى ئۆستۈرەمدۇ؟adamnig kadir kimiti  nima bilan bolidu ?

    بىركۈنى مەن ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈشمىگەن ئىككى ساۋاغدىشىمنى يوقلاپ باردىم .ئۇلار كىلەر يەكشەنبە بىللە باغچىغا بېرىپ تاماششا قىلىشىمنى قايتا-قايتا دەپ تۇرىۋالدى.مەن دىيىشكەن ۋەدە بويىنچە دىيىشكەن جايغا يىتىپ باردىم ،ئالدىنقى قېتىمدا خىزمەت كىيىمى كىيىۋالغان ھېلقى ئىككى ساۋاغدىشىم بۈگۈن پەۋقۇلادە غەلىتە ياسىنىۋاپتۇ.بۇ ھالەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم .
    بىز ئادەملەر قاينىغان تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە ،كىشلەرنىڭ ئۆتكۈر كۆزى ھەم تەئەجەپلىنىش ،ھەم مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىزگە تاشلاندى.لىكىن ھېلىقى ئىككى ساۋاغدىشىم بولسا ھىچنىمىگىمۇ پەرۋا قىلماستىن ،ماڭا:‹ئاداش سەن نىمانچە قارا ئىشچىدەك يىىنىۋالدىڭ ؟›دېدى .
    مەن ئۈندىمىدىم ،ئاخىر بىر ساۋاغدىشىم ‹ئاداش ،كۆڭلۈڭگە ئالما .بىز ئاددىي ئىشچى مۇشۇنداق ياسانمىساق كىشىلەر نەزىرىگە ئالمايدۇ.قوساققا يىمىسەكمۇ ،ئابروي ئۈچۈن كىيىنمىسەك بولمايدۇ›دېدى .
    مەن ئۇلارنىڭ گىپىدىن جەمىيىتىمىزدىكى بەزى ياشلارنىڭ غەلىتە ياسىنىشىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيۇپ،ئۇنىڭغا نەقەدەر بېرىلگەنلىكىنى شۇندىلا ھىس قىلدىم .مىنىڭچە ياخشى ،پاكىز،رەتلىك كىيىنىش ،كۆركەم بۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىش يامان ئىش ئەمەس،بەلكى ‹قەلبى گۈزەل بۇلۇش›نىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى.غايىلىك بىر ياش ئۈچۈن ئېيىتقاندا ئۆزىنى كىيىم بىلەن ئەمەس بەلكى بىلىم بىلەن زىننەتلەشكە ئىنتىلىشى كېرەك .شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنى ۋە جەمىيەتنى نۇرلاندۇرالايدۇ.مەزمۇنغا باي،ساغلام مەنىۋى گۈزەللىكىكە شۇنچە بېرىلىدۇ ،ھەتتا مول مەنىلىك بولغان مەنىۋى تۇرمۇشنى ھەقىقى تۈردە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاپالىق ماددى تۇرمۇشنى كۆچۈرۈشنى شەرەپ بىلىدۇ.
    ياسىنىش راستىنلا كىشىنىڭ قەدىر-قىمىتىنى ئۆستۈرەمدۇ؟ئۇنداق بۇلىشى ناتايىن ،لىكىن ھازىر بەزى كىشلەر كەيگەن كىيىمگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ،كەيگەن كىيىمنىڭ سۈرىتىگە قاراپ سورۇندىن ئورۇن بېرىدىغان ‹غەيرى كىشلىك مۇناسىۋەتنى ›شەكىللەندۈرمەكتە.لىكىن تۇرمۇش سەۋيىمىزنىڭ ئۆسۈشى بىلەن مۇنداق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈش مىلىتىمىزنىڭ ،جۈملىدىن كەڭ ياشلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى ۋە روھى قىياپىتىگە زىت.مىنىڭچە ھەر بىر غايىلىك ياش جەمىيەتتە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىمىز بىلەن پەخىرلىنىشىمىز ھەمدە تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئەتىنى قانداق يارىتىش ۋە كۈتۋېلىش مەسلىسىنى ئويلىشىمىز كېرەك .