|
-
9/17/2010
2011- يىلى قايسى فىلىملار بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدىكىن قېنى قاراپ باقايلى... - [ئۇقتۇرۇش]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/75158602.html
2011- يىلى قايسى فىلىملار بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدىكىن قېنى قاراپ باقايلى...
مەنبەسى سىراج بىلوگى
"Pirates of the Caribbean4: On Stranger Tides"
ھەممەيلەننى تەقەززا قىلغان كارىپ دېڭىزقاراقچىسى 4- بۆلۈم ئاخىرى ئىشلەندى. ئەسلىدىكى باش رولچى جونىي دىپ(Johnny Depp) يۇقىرى ھەق بىلەن تەكلىپ قىلىنىپ فىلىمنىڭ باش رولچىلىغىنى ئۈستىگە ئالدى. ئالدىنقى ئۈچ قىسىمغا ئوخشاش، بۇ قىسىمدىمۇ كاپىتان جېك سپېررونىڭ خەتەرگە تولغان ئەمما كومىدىيىلىك تۈسكە تولغان سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە جېكنىڭ ئالدىنقى قىسىملاردا سۆزلەنمىگەن بۇرۇنقى ھېكايىلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان تەشۋىقات فىلىمىگە قارىغاندا فىلىمغا يېڭىدىن Angelica قاتارلىق بەزى پېرسوناژلار قوشۇلغان.
رىژىسور:Rob Marshall
روللاردا:Johnny Depp
Geoffrey Rush
Penélope Cruz
Ian McShane
Stephen Graham
قويۇلۇش ۋاقتى:2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى.
"spider man 4"
ھەممەيلەننىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، ئۆمچۈك پالۋان3 -قىسىمدا پېتىر بەدىنىنى چىرمىۋالغان قارا رەڭلىك ماددىنى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئانالىز قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، مانا بۇ قارا رەڭلىك ماددا بىلەن پېتىرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۆمچۈك پالۋاننىڭ 4- قىسىمىدىكى رەقىبى بولىشى مۇمكىن. ئالدىنقى ئۈچ قىسىم بىلەن كۆرۈنەرلىك پەرىق شۇكى باش رولچى Tobey Maguire نىڭ ئورنىغا گەرچە يېڭى ئارتىس Andrew Garfield ئالماشقان. بۇ فىلىممۇ ئوخشاشلا ئاساسى ئېقىم بولىۋاتقان 3Dتېخنىكىسىدى پايدىلىنىپ سۆرەتكە ئېلىنغان.
رىژىسور: Marc Webb
روللاردا:Andrew Garfield
Kirsten Dunst
قويۇلۇش ۋاقتى: 2011- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى
" Fast Five 5"
2001- يىلى قويۇلغان بىرىنچى بۆلۈم ئۈچيۈز ئەللىك مېليون دوللارلىق بېلەت كىرىمى ياراتقاندىن كېيىن يەر شارى كېنو شېركىتى بۇ فىلىمنىڭ داۋامىنىئىشلەشنى ئىزچىل توختىتىپ قويمىدى. بولۇپمۇ تۆتىنچى بۆلۈم كەڭ كېنو ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا ئەڭ زور تەسىر قوزغىدى. كېلەر يىلى بۇ فىلىمنىڭ بەشىنچى بۆلۈمى قويۇلىدۇ.
رىژىسور:Justin Lin
روللاردا:Vin Diesel
Paul Walker
Dwayne Johnson
Tyrese Gibson
قويۇلۇش ۋاقتى: 2011-يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى.
"Beastly"
باي ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى Kyle Kingson بىر شاللاق، ئويۇنغا ئامراق سۆلەتۋاز بايۋەچچە. ئۇ ساۋاقدېشى Kendra نى ئۆزى ئۇيۇشتۇرغان تانسا كېچىلىگىگە تەكلىپ قىلىدۇ ۋە بارلىق ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدىلا ئۇنى ئوسال قىلىدۇ. كۆڭلى ئازار يېگەن Kendra ئازاپقا چىدىماي ئۇنى قارغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بايۋەچچە قورقۇنچلۇق غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن بىر قىزنىڭ ئۇنى چىن يۈرىگىدىن ياخشى كۆرىشى كېرەك ئىدى ... فىلىمنىڭ ۋەقەلىگى كارتون فىلىم "ساھىبجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق" قا ئوخشىشىپ قالىدۇ، بىراق ۋەقەلىك يۈز بەرگەن ۋاقىت ۋە ئورۇن شۇنداقلا ۋەقەلىكنىڭ جەريانى ئوخشىمايدۇ، مانا بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر تەرىپى.
رىژىسور:Kendra
روللاردا:Vanessa Hudgens
Alex Pettyfer
Mary-Kate Olsen
Peter Krause
Neil Patrick Harris
قويۇلۇش ۋاقتى:2011-يىلى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى.
"The Mechanic"
بىزگە تونۇشلۇق بولغان "ئادەم سودىگىرى" قاتارلىق فىلىملار بىلەن نام قازانغان Jason Statham بۇ يىل 1972- يىلى ئىشلەنگەن "مىخاينىك" ناملىق فىلىمنى قايتا ئىشلىدى. فىلىمدە كەسپى قاتىل ئارتور ياردەمچىسى ستېف بىلەن بىر قاتار قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىدۇ. ئۇلار بىر قېتىملىق ھەركەت داۋامىدا بىر توپ قاتىللار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىدۇ، مۇشۇ چاغدا ئارتور سىتېفنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان نېمە ئۈچۈن ئۆزى بىلەن بىللە يۈرىۋاتقانلىغىنىڭ تېگىگە يېتىدۇ.
رىژىسور:Simon West
روللاردا:Jason Statham
Ben Foster
Christa Campbell
فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى توغۇرۇلۇق توردىكى مەلۇماتلار بىردەك ئەمەس بىراز ئىشەنچلىكرەگى، 2011- يىلى 1- ئايدا قويۇلىشى مۇمكىن.
2011- يىلى قويۇلىدىغان فىلىملار تىزىملىگى. (1- بۆلەك) - [ھوللىۋۇد كوچىسى]
2011- يىلى قايسى فىلىملار بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدىكىن قېنى قاراپ باقايلى...
"The Green Hornet"
دېمىسەممۇ كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرى بارغۇ دەيمەن جوۋ جىې لۈن رول ئالغان ھېلىقى فىلىم شۇ.
شېركەت: كولومبىيە كېنو شېركىتى
رىژىىسور:Michel Gondry
روللاردا:Seth Rogen
周杰伦) Jay Chou )
Cameron Diaz
Christoph Waltz
بۇ فىلىم1- ئاينىڭ 4- كۈنى قويۇلىدۇ.
"Kung Fu Panda"(گۇمپىچى مۈشۈك ئېيىق)
بۇ فىلىمنىڭ 2008-يىلى قويۇلغان بىرىنچى بۆلۈمى پۈتۈن دۇنيادا ئالتە يۈزمىڭ دوللارلىق بېلەت كىرىمى ياراتتى. بۇنداق ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىملار ئەلۋەتتە بىر قىسىم بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ دە. يەنە كېلىپ ئەسلىدىكى ئاۋاز بەرگۈچىلەردىن ئەنجىلىنا جۇلى(Angelina Jolie) قاتارلىق قاتارلىقلارمۇ داۋاملىق فىلىمگە ئاۋاز بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.
بۇ فىلىم6- ئاينىڭ 3- كۈنى قويۇلىدۇ.
"Cars 2"
بۇ كارتون فىلىممۇ ئېسىڭلاردا باردۇ؟ بۇنىڭمۇ كېيىنكى قىسمى ئىشلىنىپتۇ، بۇنىڭدا باش قەھرىمان McQueen يېڭى بىر مۇسابىقە ھاياتىنى باشلاپ، لوندون، فىرانسيە،گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش جەريانى ۋە شۇ جەرياندىكى بىر قىسىم قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەر سۆزلىنىدىكەن...
بۇ فىلىم ئەسلى 2011-يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى قويۇلىشى بېكىتىلگەن بىراق ئىشلىگۈچى تەرەپنىڭ بەزى سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن، قويۇلۇش ۋاقتى 12- ئايغا سۈرۈلىشى مۇمكىن ئىكەن.
"Harry Potter and the Deathly Hallows:Part II"
كەڭ خاررىي پوتتېر ھەۋەسكارلىرى تەقەززا بولۇپ كۈتىۋاتقان "خاررىي پوتتېر"نىڭ ئەسلى كىتابتىكى يەتتىنچى قىسىم ئىككى بۆلۈم قىلىچ ئىشلەنگەن يەتتىنچى قىسمىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى بۇيىل 11-ئاينىڭ 19- كۈنى قويۇلىدۇ. ئىككىنچى بۆلۈمى كېلەر يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى قويۇلىدۇ. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ قىسىمدا فىلىمگە ئاز بولمىغان 3D ئالاھىدە ئۈنۈملىرى قوشۇلغان بولۇپ، كەڭ فىلىم ھەۋەسكارلىرىغا يېڭىچە بىر تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.
رىژىسور:David Yates
روللاردا يەنىلا:Daniel Radcliffe
Rupert Grint
Emma Watson
Tom Felton
"Transformers 3"
"ئاۋاتار" فىلىمى دۇنيا مېقياسىدا زور تەسىر قوزغاپ، 3D تېخنىكىسى كېنوچىلىقنىڭ ئاساسى ئېقىمى بولىۋاتقان پەيتتە فىلىم رىژىسورى Michael Bay مۇ "Transformers 3"(ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەم3) نى 3D فىلىم قىلىپ ئىشلەشنى قارار قىلدى، بۇ فىلىمنىڭ ئۈچىنچى قىسمىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇ يەنە John Malkovich بىلەن Frances McDormand قا ئوخشاش داڭلىق چولپانلارنىمۇ تەكلىپ قىلدى. بۇ فىلىم زادى قانداقراق چىقىدۇ كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن بىر نېمە دەيلى قېنى.
روللاردا:Shia LaBeouf
Megan Fox
Josh Duhamel
Tyrese
قويۇلۇش ۋاقتى:2011- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى
بۇنىڭدىن باشقا يەنە خېلى كۆپ فىلىملار بار، ئۇلارمۇ داۋاملىق يوللىنىدۇ...
داۋامىنى كۈتكەيسىلەر