• 9/7/2010

    ئەركىنلىك ئايال ئىلاھ ھەيكىلى - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74485669.html

    ەركىنلىك ئايال ئىلاھ ھەيكىلى ھەققىدە
     
    1865-يىلى يازنىڭ بىركىچىسى فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر مەدەنىيەت ئەرباپلىرى پارىژ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر كىچىك بازارغا يىغىلىپ ئولتۇرۇش قىلىدۇ .ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كىتىدۇ،فىرانسىيەنىڭ پادىشاھلىق مۇنارخىيە تۈزۈمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ،ئامرىكىنىڭ دىمۇكىراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزىمىنى تازا ماختىشىدۇ.
    ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۈكسەك ئابرويغا ئىگە قانۇن پروفېسسورى دېرابۇسبر ئامرىكا مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن بىر ھەيكەل ياساپ ئامرىكىغا سوۋغا قىلىپ ،ئەينى يىللاردا فىرانسىيەنىڭ ئامرىكا خەلىقىگە ياردەم بەرگەندىن ئورناتقان دوستلىقىنى نامايان قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ،ياش ھەيكەلتاراش ئاۋگۇست بارتولد بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ .

    شۇندىن كىيىن باتولد ساياھەت قىلىش ۋە كۆزدىن كۆچۈرۈش مەقسىتىدە ئامرىكىغا بارىدۇ .ئۇ كىمە بىلەن نيۇروك بوغىزىغا كەلگەندە كۆچمەنلەر ۋە ساياھاتچىلەر چۈشكەن كېمىلەرنىڭ ھەممىسى بىر كىچىك ئارالدىن ئەگىپ ئۆتكەندىن كىيىنلا ،ئاندىن قىرغاققا يېقىنلىشىپ توختايدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ ئارال نيۇروكنىڭ يېنىدىن ئاقىدىغان خۇدسۇن دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى بىدرو ئارىلى ئىدى. باتولد مۇشۇ ئارالنى ھەيكەل ئورنىتىشقا مۇۋاپىق دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە ياسىماقچى بولغان ھەيكەلنىڭ تەسسەۋۇرى شەكىللىنىدۇ.

    بارتولد دەسلەپتە ھەيكەلنى قۇيمىچىلىق ئۇسۇلى بىلەن ياساشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنى تۇشۇپ ئاپىرىش تەس بولغانلىقى ئۈچۈن ،كۆپتۈرمە نەقىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش قارارىغا كىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن پۇختا ياسالغان مودىل سىرتىغا 2.4سانتىمىتىر قېلىنلىقتىكى مىس تاختايلارنى مىخلاپ ئاندىن ئۇلارنى كەپشەرلەش ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش لاھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
    ئۇنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇلمىسىنى تالانتلىق ئىنجىنىر گۇستاف ئېيفىل لايىھلەيدۇ. ئۇ تۆت دانە تۈمۈر لىمدىن تەركىب تاپقان بىگىزسىمان تۈمۈر مۇنارنى ئاستىدىن تاكى ھەيكەلنىڭ بوينىغىچە ئورنىتىدۇ. بۇ ئومرۇتقىدىن شاخلانغان تۈمۈر چىۋىقلار بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ جاھازا گەۋدىسى شەكىللىنىدۇ.بۇ چاغدا بىرمىس ئەسۋاپلىرى سودىگىرى بۇنىڭغا كىتىدىغان بارلىق مىسنى بارتولدقا  ھەقسىز تەقدىم قىلىدۇ. دېرابۇس بىلەن بارتولد ھەر تەرەپلىمە ئىئانە توپلايدۇ،ئۇلار مىڭبىر جاپا مۇشەقەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ،ئون يىل ئەجىرسىڭدۈرپ ئاخىرى 1884-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى بۇ ئايال ئىلاھ ھەيكىلىنى ئامرىكىغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ .

    بۇ زور ھەيكەل بىدرو ئارىلىغا يۆتكەپ كىلىنگەندىن كىيىن ،ھەيكەلنى ئورنىتىدىغان سۇپىنى ياساشقا پۇل يىتىشمەي قالىدۇ. بۇچاغدا ئامرىكىدىكى گېزىت چىقىرىش بىلەن شۆھرەت قازانغان جۇسفىت پوللىست ناھايىتى بىئارام بولىدۇ.ئۇ ‹دۇنيا گېزىتى›دە پۈتكۈل نيورۇك ئاھالىسىغا :‹فىرانسىيە بىزگە مۇشۇنداق كاتتا سوۋغا تەغدىم قىلىۋاتقاندا ،بىز ئۇنىڭغا مۇناسىپ كىلىدىغان بىرسۇپا ياساپ چىقالمىساق ئارنۇمۇستا قالىمىز ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مىليونىرلارنىڭ ئىلتىپاتىنى كۈتۈپ تۇرماستىن ئۆزىمىز مەبلەخ توپلىشىمىز لازىم .دەپ مۇراجەت قىلىدۇ ھەم ئىئانە بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسمىنى گېزىتتە ئىلان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىتەرلىك پۇل توپلىنىپ ئەركىنلىك ئايال ئىلاھ ھەيكىلى ئاخىرى قوراشتۇرۇلۇپ پۈتىدۇ. ئامرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئايال شائىرى ئېممات رازاېت بۇ ھەيكەلگە بېغىشلاپ 14مىسرالىق ‹يېڭى گىگانىت ئادەم ›نامىلىق شېئرىنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇشېئرنى ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرى مىس تاختىغا ئويدۇرۇپ ھەيكەل تۇرغۇزۇلغان سۇپىغا ئورنىتىدۇ.1886-يىلى 10ئاينىڭ 28-كۈنى بۇھەيكەلنىڭ ئەتراپىغا سان-ساناقسىز كىشلەر يىغىلىدۇ.كىشلەرنىڭ ئالقىش سادالىرى پەلەككە يىتىدۇ.

    ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىكى 46.5مىتىر تېگىدىن سۇپا بىلەن قوشقاندا 93مىتىر كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىنقى قىسمى مۇزىي بۇلۇپ تاماشىبىنلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ ھەيكەلنىڭ باش قىسمىغىچە چىقالايدۇ. ئۇ يەردە ئەينەك دېرىزە ئارقىلىق نيورۇك شەھىرىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    بۇ ھەيكەل يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئەركىنلك ئايال ئىلاھىنىڭ ساھىپجامال ئوبرازىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇلۇپ ،سول قولىدا مەشئەل تۇتقان ھالدا جىددىي ،ئەمما مۇلايىم قىياپەتتە مەردانە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى ئاستىدا پاچاقلانغان كىشەن بۇلۇپ ،ئۇ -ئەركىنلىككە ئىرىشكەنلىكنىڭ نامايەندىسى قىلىنغان .بۇ ھەيكەل ئامرىكا -فىرانسىيە دوستلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مىليونلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان .

    بۇ ماقالىغا نىسبەتەن مىنىڭ تەھلىلىم :ئايال ئەركىنلىك ئىلاھىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، ئامرىكىنىڭ كىنولىرىدا جىق چقىىدۇ بۇ ھەيكەلنى ئامرىكىنىڭ سىمۋھولى دىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ماقالىدىكى مىنى ئويلاندۇرغان يەر بۇھەيكەلنىڭ ئون يىل ۋاقىتتا پۈتۈپ چىققانلىقى . مۇشۇنداق بىر ھەيكەل ئون يىلدا پۈتۈپ چىققان ئىكەن مانا ھازىرغىچە قىمىتىنى يوقاتماي ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.چەتئەللەردە مۇشۇنداق ئىجادىيەتلەر  ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن روياپقا چىقىدىكەن ، ئون نەچچە يىلدا يېزىلىدىغان ناخشا ، مۇزىكىلارمۇ بولىدىكەن ،ئاندىن بۇ ئىجادىيەتلەر ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆچۈپ كەتمەيدىكەن . بىزنىڭ بۇيەردىكى ئەھۋالچۇ؟ ئىجادىيەتمۇ ئىتتىك روياپقا چىقىدۇ ئاندىن ئۇ ئىجادىيەت يەنە شۇنداق تىز ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ . بۇرۇن بىر سەنئەت مۇئەللىم مۇشۇ ھەقتە  گەپ قىلغان چەتئەلنىڭ ھەيكەللىرى ،ئىمارەتلىرى نەچچە ئەسىر ، نەچچە يۈز يىل ساقلىنىدۇ . بىزنىڭ بۇيەردە ئون نەچچە يىل ياكى يىگىرمە ئوتتۇز يىل ساقلىنىدۇ ، ياسالغان ھەيكەللەرنىڭمۇ سۈپىتىمۇ ياخشى ئەمەس ئۇنى ئاسراشقىمۇ كۆڭۈل بۈلۈنمەيدۇ دىگەن ئىدى .بىزدىمۇ مۇشۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۈلۈنگەن بولسا ياخشى بولاتتى . 
    چەتئەللىكلەرنىڭ مۇشۇ ئاسارە ئەتىقە كونا ئىمارەت -قۇرلۇش ،ھەيكەل دىگەنلەرنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان ناھايتى بىر ياخشى ئادىتى بار .