• 7/30/2010

    چىۋىننىڭ بىر قانىتى -ئۈلۈم - [پارچە خىياللار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/71025656.html

     چىۋىننىڭ بىر قانىتى -ئۈلۈم

    ئەزىز

    ئادەم قانداق چاغدا ئۈلۈمنى ئەسكە ئالىدۇ ؟ئۈلۈم بىر ئاڭلىماققا قورقۇنۇچلۇق ئاڭلىنىدىغان سۆز بولسا كېرەك  شەخسەن ماڭا نىسبەتەن شۇنداق . مۇنداق بىر كىچىككىنە ئىشنى كۈرۈپ ئۈلۈم توغرلۇق ئويلاپ قالدىم ، ھويلىدا بىر چىۋىن بىلەن چۈمىلىنىڭ تىركىشىۋاتقىنىغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى ۋە بىردەم  قىزىقىش ئىچىدە  قاراپ تۇردۇم ، ئۇ چىۋىننىڭ قانىتى يوق يېرىمجان چىۋىنكەن ئەمما چۈمۈلىدىن خېلىلا يوغانكەن ، چۈمۈلە ئۇنى ئۇۋىسىغا  سۆرەپ مېڭىپتۇ چىۋىن ماڭماسلىققا  تىركىشىپ  تۇرۇپتۇ ، چۈمۈلۈ بولسا  ئۇنى ئۇۋىسىسغا  باركۈچى  بىلەن  سۆرىگىلى تۇرۇپتۇ ،ئاخىرىدا يەنە  چۈمۈلە  يامان چىقىپ ئۇنى سۆرەپكەتتى .مىنىڭ پەمىمچە  چۈمۈلە  ئۇ چىۋىننى  ئوزۇقلۇق  قىلماقچى  چىۋىننىڭ بولسا  ئۇننىڭغا  يەم بولغۇسى يوق يەنە ياشىغۇسى بار،  جان ھەجەپ تاتلىق نىمە ھە ؟ ھايۋانات جاندارلاردىن تارتىپ ئادەمگىچە جان شۇنداق تاتلىق ، ھىچكىم سەۋەپسىزلا  ئۈلۈشنى ئويلىمىسا كېرەك .ئاددى بىر يېرىمجان  چىۋىننىڭ مۇ شۇنداق ياشىغۇسى  بار، ئادەمنىڭمۇ شۇ ، كىسەلجان ئادەمنىڭ تېخىمۇ ياشىغۇسى بار تېخى .
    گاھىدا  ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ چىقىش يولى تاپالماي قالغاندا ،ئېغىر تۇرمۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە  ئادەم يەنە ئۈلۈمنى ئويلاپ قالىدۇ ، ئۈلۈپلا تۈگىشەيچۇ دەپ ئويلايدۇ ، ئەكسىچە باي باياشاتلىق خوشال خوراملىق كۈنلەر  كەلگەندە ئۈلۈمنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ ...
    ئۈلۈم - بىر  مۇقەرەرلىك . ئۇنىڭدىن قېچىپمۇ قۇتۇلغۇلى بولمايدۇ . ‹ئۈلۈم جان بايرىمى ›دەپتىكەن قايسىدۇ  بىر شائىر ، مەن بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى بەك چۈشەنمەيمەن لىكىن بۇ گەپتىن مەنىلىك ياشا دىگەن مەنە چىقىدۇ  دەپ  ئۆزەمچە تەبىر بېرىمەن . ئۆتكەندە  تىلۋىزوردا مەدەنىيەت بوستانى دىگەن فىلىمدا مەرھۇم شائىر تىيىپچان ئېلىيوۋنىڭ ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتكەن فىلىمنى بەردى ،رىياساتچى  شائىر ۋاپاتىنىڭ 20يىلىقى دېدى. 20 يىل ئۈتۈپ كىتىپتۇ ئەمما شائىر ئىجادىيىتى ۋە ياخشى خىسلەتلىرى بىلەن يەنىلا ياشاپ تۇرۇپتۇ .يەنە ئارىمىزدىن كەتكەن نۇرغۇن ئەدىپلەر بار ئۇلار ئىجادي ئەمگەكلىرى بىلەن يەنىلا ھايات ياشاپ تۇرۇپتۇ . ‹ئىجادىيەت ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ ›دەپتىكەن قايسىدۇ بىر مۇتەپەككۈر . شائىرىمىز لوتپۇللا مۇتەلىپمۇ:
    ‹يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقۇتۇپ باقساڭمۇ
    ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاپ › دەپ  يازغانىكەن .
    ئۈلۈم - مۇشۇنداق سىرلىق ئىسىمكەن  ، ھەم قورقۇنۇچلىق ھەم ئاددىي. بەزىلەر ئۈلۈپ كەتسىمۇ يەنە مىڭ يىل ياشايدىكەن، نامى تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىكەن ، بەزىلەر  ئۈلۈپ كەتسىلا تۇپراققا ئايلىىنىپ كىتىدىكەن .
    پولات قانداق تاۋلاندى دىگەن رومانىنىڭ بېشىدا چىقىدىغان بىر ئابزاس  بار ، ئادەم شۇنداق ياشىشى كېرەككى كىيىن پۇشايمان قىلمايدىغان بولسۇن دەيدىغان بىر ئابزاس گەپ بار ، نىمىشقىكىن بۇ بايانلار بىرخىل سۈنئي تۇيۇلىدۇ ، ئادەم شۇنداق پۇشايمان قىلمايدىغان ھاياتنى ياشىسا ناھايىتى ياخشى بولىدۇ ، لىكىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار يەنىلا شۇنچە كۆپ . قانداق ياشاش . قانداق يولدا مېڭىش ھەر بىر ئادەمنىىڭ ئۆزىنىڭ تالىشى ئەركىنلىكى بولسىمۇ ، يەنىلا بۇ ھوقوقنى ھەمىلا ئادەم قولىدا تۇتۇپ تۇرالمايدۇ .
    بىر ئادەمنىڭ ھايات ياشىغان ۋاقتىىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا قاراپ ئۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغا باھا بەرگىلى بولمىسا كېرەك .