• 7/26/2010

    سەنئەت ھەم مەدەنىيەت - [پارچە خىياللار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/70521844.html

     

    ھازىر نۇرغۇن نەرسىلەرنى تىلۋىزۇر دىن بىلىدىغان ئاڭلايدىغان بولۇپ كەتتۇق ، بۇ بەلكىم زامانىۋىلىق بولسا كېرەك . تىلۋىزوردىن شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسى سۈرەتكە ئالغان لوپنۇر مەشرىپىنى كۆردۈم ،  مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىم ئۆتكۈزدى بولغاي ، مەشرەپتە رىياسەتچىلەر ‹لوپنۇر ئۈستى ئوچۇق مۇزىي › دېدى  بۇگەپ ناھايىتى جايىدا قىلىنغان گەپكەن لوپنۇردا نۇرغۇنلىغان قەدىمى مىراسلار ساقلىنىپ قالغانكەن  بۇ مەشرەپتىن ھەقىقەتەنمۇ بىر قەدىمى مەدىنىيەتنىڭ ئېزناسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
    بىزنىڭ كالىمىزدىكى‹ سەنئەت ›دىگەن ئۇقۇمدا  ناخشا ،ئۇسۇل ئېتوت دىگەنلەر بولىدۇ ،لوپنۇردا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سەنئەتتە مەدىنىيەت ئامىللىرى سەنئەتكە قارىغاندا  كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن . بۇ مەشرەپتە ئورۇنلانغان بىر خەلىق ناخشىسىدا چىقىدىغان كۆرۈنۈشلەر مۇنداق : ئاپئاق ساقاللىق بوۋاي ، قوللىرىدا داپ ، دۇتتار تۇتۇپ ناخشا ئېيتىۋاتقان خەلىق سانئەتكارلىرى ، يەنە بىر تەرەپتە ئولتۇرغان مىللىچە كىيىنگەن ئاياللار ،بېشىغا  لوپنۇر نىڭ ئۆزگىچە قالپىقنى كىيگەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان جەسسۇر يىگىتلەر ، ئاندىن چاقتا يىپ ئىگىرىپ ئولتۇرغان ئاياللار... بۇ كۆرۈنۈشلەردىن قەدىمقى بىر مىللەتنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم . يەنە بىر ناخشىدا ئىككى يۇرتىنىڭ ئوۋچى پالۋانلىرى ئازارلىشىپ قالىدىكەن ئاندىن بىر كۆپنى كۆرگەن بوۋاي بۇلارنى يارشتۇرۇپ قويىدىكەن ، بۇ ناخشىدا يىگىتلەرنىڭ ئوينىغان ئۇسۇلى ئاجايىپ مەردانە ئىكەن ...
    ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندىنىڭ كىتاپلىرىدىن لوپنۇرغان ئائىت جىق بايانلارنى ئوقۇغان ، لوپنۇرخەلىقى قەدىمدە ئوۋچىلىق ،بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئەمگەكچان ئاق كۆڭۈل خەلىق . مىنىڭ لوپنۇر توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمنىڭ ئىچىدە يەنە سېۋىن ھېدىن ۋە سېۋىن ھېدىنغا يول باشلاپ قەدىمكى كىرورەن خارابىسىنى بايقىغان ئۆردەك قاتارلىقلار بار .
    لوپنۇر مەشرىپىدە ئوينالغان ئۇسۇللار ناخشىالردىن لوپنۇر مەدىنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى چىقىپ تۇرىدىكەن ، بىر ناخشىدا ئوۋغا چىقماقچى بولغان يىگىت ئوقياسىنى ئېسىپ ، سەھنىدىن سەل يىراقلاپلا ئېتىنى مىنىپ ئوۋغا ماڭىدىكەن ، بۇ كۈرۈنۈشلەرمۇ ناھايىتى تەبىئي ئېلىنىپتۇ .مەشرەپتە ئېيتىلغان ناخشا ئۇسۇللار ھەتتا ناخشا تىكىستلىرىدىنمۇ بىر خىل باشقا يۇرىتنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە گۈزەللىك چىقىپ تۇرىدىكەن ،بۇ مەشرەپ سەنئەت ھەم مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بىر سەنئەت بۇلۇپتۇ .
    مىنىڭ ئويلىشىمچە بۇ مەشرەپكە ئازىراق تارىخى ئىلمىنىتلارنى يەنى سېۋىن ھىدىن ۋە ئۇنىڭغا يول باشلاپ ماڭغان ئۆردەك كىرورەن قەدىمى شەھىرى قاتارلىق تارىخقا ئائىت نەرسىلەرنى قېتىۋەتكەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن .