• 7/15/2010

    ھاياتنى قەدىرلەڭ - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/69323645.html

    ھاياتنى قەدىرلەڭ 

    مىنىڭ ئوت ئۈچۈرۈش ئەترىتىگە كىرگىنىمگە ھەش-پەش دىگۈچە بىر نەچچە يىل بۇلۇپ قالدى. بۇ جەرياندا مەن بېنزىن پۇراقلىرىغا ،ئۆي -ئىمارەتلەرگە ئوت كەتكەندە چىقىدىغان غەيرى پۇراقلارغا كۈنۈپ كەتتىم . سۇتۇربىسى ۋە قۇتۇزۇش شوتىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتتىم .بۇ خىزمەت ماڭا ئاجايىپ زور غەيرەت ۋە شىجائەت بەخىش ئەتتى .
    يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆڭۈل ئېچىش كىچىىلىكىگە قاتناشتىم. مىھمانلارنىڭ كۆپۈنچىسى سىتانفور ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇغانلار ئىكەن . مىنىڭ ئوت ئۈچۈرگۈچى  خادىم بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى .نەق مەيدان بەك قورقۇنچلۇقتۇ ؟ ھەممە يەر قانغا بويىلىپ كىتەمدىكەن ؟
    ئوت ئىچىگە قاراپ ماڭغىنىڭىزدا قورقامسىز ؟ئۇلار مىنىڭ جاۋابىمنى ئاڭلاپ باشلىڭشتاتتى.مەن ئۆز ھىكايەم بىلەن بۇلۇپ كىتىپتىمەن .بىرچاغدا بىرخانىمنىڭ :‹ئوت ئۈچۈرگىچى خادىملار ئۈلۈمگە ئامال،ئاغرىققا سەۋەپ قىلىدۇ.بىراق،ئوت ئۈچۈرۈش جىسمانى ئەمگەك ،ئۇنىڭ نىمىسى ياخشى ؟›دىگەن گىپى دىقىتىمنى بۆلۈۋەتتى .مەن ھېلىقى خانىمغا قارىدىم ،ئەمما دەمالىققا نىمەدىيىشنى بىلەلمەي قالدىم . مەن ئۇخانىمغا ئوت ئۈچۈرۈش خىزمىتىنىڭ مىنى تاۋلاپ چېنىقتۇرغانلىقىنى ،ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچەمنى ئاشۇرغانلىقىنى ،تېخىمۇ مۇھىمى ،مىنىڭ كىشلىك ھاياتقا بولغان پوزىتسىيەمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەنلىكىنى قانداق چۈشەندۈرسەم بولار ھە؟!
    مەن خىزمەتكە قاتنىشىپ بەشىنچى يىلى 64-شۆبە ئىدارىگە يۆتكەلدىم . بۇ ئىدارە شەرىق تەرەپتە بۇلۇپ ئۇيەردىكى قۇرلۇشلارنىڭ ھەممىسى ۋىكتۇرىيە پاسونىدا سېلىنغانىدى . بۇيەردە ئاھالە زىچ،جىنايەت سادىر بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىدى.شۇڭا بۇ رايوندا ئىشلىگەن ئادەم ئاۋارچىلىق بىلەن ئالدىراشلىقتىن خالى بولالمايتى .شۇسەۋەپتىن بۇيەردە خىزمەت قىلشقا ئەڭ مۇنەۋەر ئوت ئۈچۈرۈش خادىمنىڭلا شەرتى توشاتتى .مانا دەل مۇشۇ جايدا مەن 20-بىنانىڭ ئۈچەيدەك تارد دېرىزىسىدىن ئۆيگە كىرىپ ئوت ئۈچۈرگەن ،كىلەڭسىز ئۆمۈچۈكتەك تىلۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئۇچىغا چىققان ،ھەتتا شىددەتلىك ئېقىۋاتقان سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان بىر ئەرنى قۇتۇلدۇرىۋالغانمەن .
    ھايات قىل ئۈستىدە قالغاندا ئۇ ئۆزىڭىزگىلا ئەمەس ،بەلكى ئىشداشلىرىڭىزغا،قۇتقۇزىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئاشۇ كىشلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ.مانا شۇچاغدىلا سىز ھاياتنىڭ شۇقەدەر قىمەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلالايسىز.
    ئېسىمدە قېلىشىچە ،بىر قېتىم بىز بىر ئايالنىڭ يەرئاستى تۈمۈر يولىدا سوقۇلۇپ كەتكەنلىك توغۇرسىدا خەۋەر تاپشۇرۋېلىپ ،نەق مەيدانغا بارغىنىمىزدا ،قورققىنىدىن چىرايىدا قان قالمىغان پويىز شوپۇرى بىزگە ئۇئايالنىڭ 3-ۋاگوننىڭ ئاستىغا قانداق كىرىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ :‹پويىز بىكەتكە كىلەي دەپ قالغاندا ئۇ ئايال رىلىسقا ئۈزىنى ئاتتى .ھەرقانچە قىلىپمۇ پويىزنى تۇرمۇز قىلالمىدىم ›دېدى.ۋوگزال سەھنىسىدە تۇرۇپ ھىچنەرسىىنى كۆرگىلى بولمايتى،كىشلەر ئۇيەردە قانداق پاجىئەنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنىمۇ تەسەۋۇر  قىلالمايتى .ناھايىتى ئېنىقكى،پويىزنىڭ ئاستىغا كىرىپ ئۇ ئايالنى قۇتقۇزۇپ چىقىدىغان ئادەم دەل مەن ئىدىم.چۈنكى رېلىس بىلەن پويىزنىڭ ئارلىقىغا ناھايىتى ئۇرۇق ئادەملا پاتاتتى .
    مەن كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ ئالدى تەرەپكە قاراپ ئۆمىلەشكە باشلىدىم .مىنىڭ مەشغۇلات دائىرەم بەكلا تار ئىدى.شۇڭا مۇھاپىزەت كىيىملىرىنى سېلىۋىتىشكە مەجبۇر بولدۇم. مەن ئۆمىلەپ كىتىۋاتقان شۇ ۋاقىتتا پويىزنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلىپ كىتىشىدىن ناھايىتى ئەنسىرىدىم .ئەتراپ قاراڭغۇ ئىدى.مەن قورسىقىمنىڭ رېلىسقا چاپلىشىپ قالغانلىقىنى ،دۈمبەمنىڭ پويىزنىڭ قايسى بىر يېرىگە تىگىپ تۇرغانلىقىنى ھىس قىلدىم .3-ۋاگون ئىنىرگىيە ۋاگونى بۇلۇپ ناۋادا مەركىزى كونتىرول قىلىش پونكىتىدىكى بىرەر ئەسۋاپ تۇيۇقسىز ماتورغا چېتىلىپ قالسا مەن بىرنەچچە سىكۈنىت ئىچىدە كۈيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كىتەتتىم .مەن قالايمىقان خىياللاردا بولماسلىق ئۈچۈن ئالدىغا ئۆمىلىگەچ ‹ھەي،ئاڭلاۋاتامسىز؟› دەپ قاتتىق ۋاقىرىدىم راستىنى ئېيتسام مەن بۇيەردە بىرسىنىڭ ماڭا جاۋاپ قايتۇرىشىغا ئىشەنمەيتىم .مەن ئىككى ۋاگون ئارىلىقىغا قاراپ باقماقچى بۇلۇپ تۇراتتىم ،توساتتىن ئالدى تەرەپتىن :‹تىزكىلىپ مىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار›دىگەن ئىنتايىن زەيىپ بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن قاتتىق چۈچۈپ كەتتىم ھەم سۈرئىتىمنى تېخىمۇ تىزلەتتىم.ئالدىمدا ناھايىتى كۆپ تۇربا بىلەن چاق بار ئىدى.مەن چىراقنىڭ يۇرىقىدا 20ياشلار چاممىسىدىكى بىر قىزنىڭ رېلىسنىڭ ئوتتۇرسىدا مىدىر-سىدىر قىلماي ياتقانلىقىنى غۇۋا كۆردۈم .ئۇ ناھايىتى ئۇرۇق بۇلۇپ ،ئىككى قولىنى كۆكرىكگە قويۇپ،كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ياتاتتى .پويىز چاقى بىلەن ئۇنىڭ ئارلىقى بىر ئىنگىلىز سۇڭى كىلەتتى .3-ۋاگوننىڭ تورمۇز كىلاپانى ئۇنىڭ سول تەرىپىگە بىر ئىنگىلىز سۇڭى كىلىدىغان جايدا توختىتىپ قۇيۇلغانىدى.مەن ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم .ئۇ قىز ئىككى ۋاگوننىڭ ئاستىدا بېسىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ،لىكىن ھىچقانداق يېرى زەخىمىلەنمىگەنىدى .‹خۇداغا ئىشىنەمسىز؟›مەن ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭدىن سورىدىم .‹ئەگەر ئىلگىرى ئىشەنمىگەن بولسىڭىز ھازىردىن باشلاپ ئىشىنىڭ ،سىزنىڭ ھايات قالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە›.
    ئۇقىزنى ئىككى ۋاگوننىڭ ئارىسىدىن تارتىپ چىقىرىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى.گەرچە مەن ئۇنى ئالدىغا تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن كۈچەپ ھەركەت قىلىۋاتقان بولساممۇ ،لىكىن ئۇ كۆزىنى ئاچايمۇ دىمەيتتى .ئۇنىڭ بەدىنى بىھۇش ئادەمنىڭكىگە ئوخشاش قېتىپ قالغانىدى.بۇ ئۇنىڭ ساق-سالامەت قېلىشىنىڭ سەۋەبى بۇلىشى مۇمكىن .ئەگەر ئۇ نورمال ئادەم بولغان بولسا قورقۇپ ئاللىبۇرۇن جېنى چىقىپ كەتكەن بولاتتى .
    شۇ ئىشتىن كىيىن مەن كۆپ ئويلىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم .ھايات نىمە دىگەن سىرلىق ھە ؟ ئىنسان ئۆمرى ھەقىقەتەن بەك قىسقا ئىكەن .شۇڭا بىر ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنى قەدىرلىشىمىز كېرەك .بەخىت -تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن كىشلەر گەرچە2-قېتىم پۇرسەتكە ئىرىشەلىسىمۇ ،بەزىدە راستىنلا مۆجىزە يۈزبەرسىمۇ،بىراق ئۇ ھەركۈنى،ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا بولىۋەرمەيدۇ.ئەگەر بىز ھاياتىمىزنى قەدىرلىمىسەك ، بىزگە تەۋە بولغان نەرسىلەر بىز ئۇنىڭ قەدىر-قىمىتىنى تۇنۇپ يەتكۈچە بولغان ئارلىقتا قولىمىزدىن چىقىپ كىتىدۇ.