• 7/15/2010

    ھىكمەتلىك ھىكايەتلەر - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/69323594.html

    ھىكمەتلىك ھىكايەتلەر
      ‹ئۆتكۈر ھاشىمۇف›


    ئات مىنگەن كىشى

    باباتاغقا چىقىنىمدا قىزىق ۋەقە بولدى .
    يېرىم كىچىگىچە مالچىلار بىلەن پاراڭلاشتۇق.تونۇر كاۋاپ يېدۇق...مېزبانلار قاپقارا،تەمبەل بىر يىگىتنى كۆرسىتىپ: مانا شۇ بۆرىباي كىيىك ئوغلىقىنى قوغلاپ تۇتىۋالغان، دىيىشكىنىدە راستىنى ئېيتىسام ئىشەنمىدىم .تاشكەنتتىن كەلگەن ئاق نانچىلارغا نىمە دىسەڭ ئېشىنىۋېرىدۇ،دەپ ئويلاشسا كېرەك.ئادەم كىيىككە يىتەلەرمىدى ؟
    ئەتىسىگە ...ھەممىمىز ئاتلىق يەنىمىۇ يۇقىرىراق يايلاققا يول ئالدۇق .خېلى يۈردۇق .بىرچاغدا بەلگىچە ئۆسكەن ئوتلاق ئۆتتۇرسىدىكى كىگىز ئۆي ئالدىغا كىلىپ ئاتتىن چۈشتۇق .مەنمۇ ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىغانىدىم ،سول ئايىغىم ئۈزەڭگىگە قىسىلىپ قالدى. ماڭا بۇ كۈلكىلىك ھالات ئىدى. قۇلۇم يەردە ، ئايىغىم ئۈزەڭگە بىلەن ئات قارنى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان بۇلۇپ ،ھەرقانچە قىلساممۇ چىقىرالمايمەن.كۈلىۋەتتىم .
    قارىسام ئاتتىن چۈشكەن مىزبانلار تۇرغان جايلىرىدا قېتىپ قېلىشىپتۇ.ھەممىسىنىڭ كۆزىدە دەھشەت...شۇ چاغدا ئوتتۇز قەدەمچە نېرىدا تۇرغان بۆرىباي ،ئىشەنسىڭىز ،تۆت ئاتلاشتا يىتىپ كەلدى .ئاتنىڭ يۈگىنىنى مەھكەم چاڭگاللىدى.شۇ ئارىدا باشقىلارمۇ يىتىپ كىلىشتى .ئايىغىمنى ئۈزەڭگىدىن ئاجرىتىپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇشتى.يول بويى جىمغىنە كەلگەن ئات بىردىنلا قۇلاقلىرىنى شىڭشايتىپ ،ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە چېپىپ كەتتى.
    مەن تېخىچە ھىچنىمىنى چۈشەنمەي تۇرار ئىدىم.
    -بىر ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدىڭىز، ئاكا !-دېدى بۆرىباي ،-ئاياغ ئۈزەڭگىدە قالسا ،ئات ئۈركۈيدۇ.ئۈركىدىمۇ،ئىش تامام !ئېسىلىپ قالغان ئادەمنى تېپىپ يۈگرەۋېرىدۇ. ئادەم تىپىك يەپ ،تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ،بىرخالتا گۆشكە ئايلىنىدۇ...ھېلىمۇ ياخشى، ۋاقتىدا ئۈلگۈردۇق...
    شالاڭ ساقال ياشانغان مالچى بولسا يەلكەمنى قاقتى:
    -خۇدا ئالدىدا بىر گۇناھ قىلىپسەن، ئوغلۇم! ئاتقا مىنىشتىن بۇرۇن ئىگەردىن چۈشۈشنى ئويلاپ قۇيۇش كېرەك ...

    تالانىت تۇغما بولامدۇ ياكى ھەممىسى ئەمگەككە باغلىق بولامدۇ ؟

     چەت يېزىدا ئىككى قەدىردان دوست بولغانىكەن.ئىككىلىسى بىر يوتقاندا تېپچەكلىشىپ ،بىر جاڭگالدا پادا بېقىپ ۋايىغا يىتىپتۇ . يىگىت يېشىغا يىتىشكەندە ئىككىلىسى پىيادە ،چورۇقىنى سۆرەپ چوڭ شەھەرگە يول ئېلىپتۇ. كاتتا ئوقۇشقا كىرىشىپتۇ.تەقدىر تەقەززاسىنى كۆرۈڭكى،ئىككىلىسى بىر ساھىپجامال قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىپتۇ.تەقدىر تەقەززاسى بىلەن دوستلاردىن بىرى كاتتا مەنسەپدار ، يەنە بىرى شائىر بۇلۇپ يىتىشىپتۇ. تەقدىر تەقەززارسىنى كۆرۈڭكى ،قىز مەنسەپدارنى تاللاپتۇ . 
    شائىر ھىجران ئەلىمىدە يېنىپ ،شېئرلار پۈتۈپتۇ .داڭقى يىراق-يىراقلارغا كىتىپتۇ.
    شائىر بەرىبىر شائىر-دە ! تىلى ئۆتكۈر،سۆزى كەسكىن بولىدۇ.ئۇ سابىق ئاغىينىسى بىلەن سابىق سۆيگىنى كىلىپ قالغان چاغلاردا ‹ئاغىينىسى،نى چېقىۋېلىشتىن ئۆزىنى تۇتالمايدىكەن .كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئايال مۇنداق كەمسىتىشلەرگە چىدىماي ،مۇنداق دەپتۇ:
    -ماڭا قارا ! سىنى شائىر قىلغان مەن بولىمەن ! ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ سىنى شائىر قىلدى.ئەگەر مەن بولمىسام ،سەن شائىر بولماس ئىدىڭ ! قاچانغىچە ئېرىمنى مازاق قىلىسەن؟
    شائىر خاتىرجەم جاۋاپ بېرىپتۇ:
    -توغرا ، مەن ساڭا بېغىشلاپ كۆپ شېئرلار يازدىم. ئەگەر سىنىڭ مۇھەببىتىڭ ھەممىنى شائىر قىلىشقا قادىر بولسا ، نىمىشقا يېنىڭدا ئولتۇرغان تومپىيىڭ شۇ كەمگىچە شائىر بولمىدى؟
    ...ئېيتىلىشچە ،بۇ-ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى سەمەدۋۇرغۇن ئىكەن.

     قەغەر ۋە پايتىما
    قەغەر ئاق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۆزلەر يېزىلىدۇ. پايتىما كىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۆزلەرنى يازغىلى بولمايدۇ. قەغەز پاك بولغانلىقى ئۈچۈن زەرىچە چوغ چۈشسە ، يېنىپ كىتىدۇ.پايتىما كىر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇقسىيدىيۇ ،يانمايدۇ.
    يازغۇچى بۇلۇش ئۈچۈن قابىلىيەت بۇلۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ.
    قەلبى قەغەزدەك ئاق ، قەغەزدەك يانىدىغان ئادەمدىنلا ھەقىقى يازغۇچى چىقىدۇ .