• 7/15/2010

    مۇھاببەت توغرىسىدا پاراڭلار - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/69323532.html

    مۇھاببەت توغرىسىدا پاراڭلار

    * مۇھاببەتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۇنى پەيدا بولغان چاغدا يۇشۇرغىلى بولمايدۇ، يوقالغاندا بار قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.

    *ئايالىڭ ئاق كۆڭۈل بولسا بەخىتلىك بولىسەن، قارا كۆڭۈل بولسا پەيلاسوپ بولىسەن --سوقىرات
    *
    ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئوماق قىزلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئوبدان ئىنئام ئۇلارغا يىگىت ئاتا قىلىش ئىكەن --شىكىسپىر
    *چىرايلىق ئايال گۆھەر بولسا ،ئەقىللىق ئايال غەزىنە
    *
    دېپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ ‹بولىدۇ›دىگىنى ، ‹بولارمىكىن›دىگىنى ،‹بولارمىكىن ›دىگىنى ،‹بولمايدۇ›دىگىنى. ئاياللارنىڭ ‹بولمايدۇ›دىگىنى،‹بولارمىكىن ›دىگىنى ،‹بولارمىكىن›دىگىنى ‹بولىدۇ›دىگىنى .
    *ئاشىقنىڭ كۆزىدە چوقۇرمۇ زىناق

    *يۇشۇرۇن مۇھەببەت ئايرىلىش كۈنى مەلۇم بولىدۇ

    *ئايال قەلبى تەتۈر ماگىنىتقا ئوخشايدۇ ،يېقىنلاشساق ئۇزاقلىشىدۇ ، ئۇزاقلاشساڭ يېقىنلىشىدۇ --ئۆتكۈر ھاشىموف
    *مۇھەببەت كۆزدىن بىلىنەر
    *مۇھەببەت -ئازاپ چىكىدىغان بىھىش --ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن
    *گۈزەللىك چاقىرىپ سېتىلىدىغان تاۋار ئەمەس ،ئۇ ئالەمنىڭ ھۇجۇدى--ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

    *مۇھەببەت-ئوت،ئۇنى قالاپ تۇرمىسا،كۆچىلىسا ،ئۆچىدۇ،سورىلىدۇ.مۇھەببەت ئاسراشقا ،پەرۋىشكە مۇھتاج.بۇنداق ئاسراش ،پەرۋىش ھەر بىر ئەر-خوتۇننىڭ مەنىۋى قىياپىتىگە ئەمەس ،يەنە ئۇنىڭ مۇھەببەت تەربىيىسى ھەققىدىكى خاس بىلىمگە ، تەجىربىسىگە، روھى جەھەتتىكى يىتىلىشىگە ۋە بىر قەدەر مەنىۋى تۇرمۇش سەنئىتىگە باغلىق --ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

    تۇنجى مۇھەببەت باھار ئاسمىنىدىكى بۇلۇتقا ئوخشايدۇ.ئۇ شۇقەدەر ئاپئاق،شۇقەدەر پاكىز،شۇ قەدەر يېقىملىق ...ئۇنى قول بىلەنمۇ تۇتالمايسىز،ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپمۇ يىتەلمەيسىز...ئۇنى شامال قايسى تەرەپكە ئۇچۇرۇپ كىتىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.تۇنجى مۇھەببەتنىڭ كۆپ ھاللاردا نەتىجىسىز ئاخىرلىشى بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈندۇر--ئۆتكۈر ھاشىموف