• 7/10/2010

    رەڭ ۋە چوڭ مېڭە - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/68793031.html

    رەڭ ۋە چوڭ مېڭە

     

    گىرمانىيەلىك پىسخىلوگ، پىروفېسسور بروم يېقىندا مۇنداق دېدى: ‹‹رەڭ نېۋا سېستىمىسىنى قوزغىتىدىغان نەرسە، رەڭ مېڭىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىغا يەتكەندە، نېرۋا سېستىمىسىدا ئوخشاش بولمىغان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. قىزىل رەڭ كىشىگە قان ياكى ئوتنى ئەسلىتىدۇ، شۇڭا كۆپ ھاللاردا چۆچۈتۈش سىگنالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. يورۇق، ئىللىق ۋە كىشىنى جانلاندۇرىدىغان سېرىق رەڭ بىلەن قىزغۇچ سېرىق رەڭ قوزغىتىش ۋە كېڭەيتىشنىڭ بەلگىسى قىلىنىدۇ. سۆسۈن رەڭ بىلەن كۆك رەڭنىڭ ماسلاشتۇرۇشى تىنچلىق، كىشىگە يۇمشاقلىق ۋە ئىچكى مىجەزلىكتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. يېشىل رەڭ بارلىق رەڭلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۆتىدىل، ئەڭ تىنچ رەڭدۇر.

    پىسخكىلىق ۋە فىزىلوگىيەلىك ئەھۋالنى چىقىش قىلغاندا، رەڭنىڭ مۇھىملىقى نۇر تالالىرىدەك مۇھىم، رەڭ قانچە يېنىك ۋە چاققان بولسا، ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىمۇ ئازادە ۋە ئاكتىپ بولۇپ قالىدۇ. بۇ نېمىشقا كىشىلەرنىڭ قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولمىغان قىش پەسلىدە بىر خىل ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ، روھىنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى. قۇياش نۇرى يېتەرلىك جايلاردا ساياھەت قىلىش ۋە زاللاردىكى كۈچلۈك چىراغ نۇرى ئادەمدە قىش پەسلىدە پەيدا بولىدىغان چۈشكۈن روھىي ھالەتنى يوقىتىدۇ. ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغان ئادەم ئەڭ ياخشىسى ئۆيىنى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە ئاقارتقىنى تۈزۈك، چۈنكى بۇ خىل رەڭ ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، روھىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. كۆك رەڭلىك ئۆيلەردە بولسا بەدەندە ئاسانلا قىيسىيىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا چوڭ مېڭە بارغانسېرى ئىشلىمەيدۇ.