• 5/9/2010

    ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ - [شئېرى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63282061.html

    قەدەھكە قەدەھتەك سىغىدۇ شاراپ ،

    ئېرىقتا ئاقالماس دەريا كەبى سۇ .

    قىل سىغماس ھەقىقەت بۇلۇپ ئەزەلدىن ،

    كىشلەر قەلبىگە ئورنىغان سۆز بۇ .

     

    ۋە لىكىن ۋەتىنىم سەن باشقا دۇنيا ،

    مىھرىڭدىن تاشقىمۇ بەردىڭ سەن سەزگۈ،

    مەن سىنىڭ پەرۋانەڭ ،ئورناتتىڭ ئۆزۈڭ ،

    ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ.

     

    ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ

     . ئوسمانجان ساۋۇت . 1963-يىلى دىكابىر ئۈرۈمچى .